رۇسىيە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى - سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت، مەيلى 19-ئەسىرلەردىكى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى بولسۇن ۋە ياكى ئىلىدا قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاراپ بولۇشى ۋە غولىشىدا رۇسىيە مۇھىم بىر تاشقى ئامىل سۈپىتىدە رول ئوينىغان ئىدى.
تارىخ 20-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار سىياسىي ۋەقەلەر جۈملىدىن 1930-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرى ھەم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇنىڭدەك 50-يىللاردىن كېيىن پەيدا بولغان سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىرى ھەم دۈشمەنلىكى قاتارلىق زور سىياسىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى كونا چار رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈپكى سىياسىي نۇقتىنەزىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. مانا شۇ سىياسەتلەرنىڭ بېكىتىلىشىدە رۇس ئانالىزچىلىرى، ئىستراتېگىيىچىلىرى ۋە تارىخچىلىرىنىڭ پىكىرلىرىمۇ مەلۇم دەرجىدە ئاساس قىلىنغان.
ئانداقتا بۈگۈنكى يېڭى رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى مۇناسىۋىتى دەۋرىدە رۇس سىياسىي تەھلىلچىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟
رۇس ئاپتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا مۇجەسسىملەشتۈرۈش مۇمكىن.
رۇس ئاپتورلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسى
رۇس ئاپتورلىرى ئۆز ماقالىلىرىدە ئەڭ كۆپ تەكىتلىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇلار كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنى سېلىشتۇرۇشقا تايانغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگەن بولۇپ، نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشقان، چېگرا بويلىرىغا جايلاشقان مىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بەرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرىگە شۇنداقلا نوپۇسى بىر قانچە يۈز مىڭ بولغان ئاز نوپۇسلۇق مىللەتلەرگىمۇ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتتىن بىر دەرىجە تۆۋەن ھوقۇق سەۋىيىسىدىكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى، نوپۇسى تېخىمۇ ئازلارغا بولسا، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونومىيىلىك رايون ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.
بۈگۈنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تەركىۋىدىمۇ 80 دىن ئارتۇق بىرلىكلەر ئىچىدە خېلى كۆپ ساننى جۇمھۇرىيەتلەر تەشكىل قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخىي مەنبە جەھەتتىن ئورتاقچىلىققا ئىگە تۈركىي خەلقلەردىن نوپۇسى 60 مىڭ ئەتراپىدىكى ئالتاي خەلقىگە، نوپۇسى 200 مىڭدىن ئارتۇق تۇۋا ھەم ياقۇتلارغا شۇنىڭدەك نوپۇسى 100 مىڭدىن ئارتۇق خاكاسلارغا ۋە باشقا نوپۇسى ئاز بولغان مىللەتلەرگىمۇ جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىلگەن. نۆۋەتتە، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى، خاكاسىيە جۇمھۇرىيىتى، تۇۋا ھەم ياقۇتىيە ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز دۆلەت بەلگىسى، دۆلەت ناخشىسى ،دۆلەت بايرىقى، ئاساسىي قانۇنى ۋە باشقا دۆلەتچىلىك سىستېمىلىرىغا ئىگە بولۇپ، موسكۋا بىلەن فېدېراللىق كېلىشىمگە قول قويغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
رۇس سىياسىي ئانالىزچىلىرى مۇشۇ ئەھۋاللارنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مەۋجۇت ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق دائىرىسى ۋە ئەمەلىيىتىنى سېلىشتۇرغان ئاساستا ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسىنىڭ قۇرۇق بىر نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن.
مەسىلەن: رۇسىيىدىكى " ھۇجۇم" ناملىق ئانالىز ئاگېنتلىقىنىڭ خادىمى ، سىياسىي ئانالىزچى نېستور پېترېنكو مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە " ئۇيغۇرىستان بولامدۇ؟ "سەرلەۋىلىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا ئۆز جۈملىلىرىنى مۇنداق دەپ باشلىغان.
"20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئۇرۇنۇشى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە يوقىتىلدى. 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ نەتىجىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ سوغىسى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسىدۇر. بۇ ئاپتونومىيە شەرقىي قازاقىستاننىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان. ئۇ تارىختىكى قەشقەرىيەدۇر" " خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسى پەقەت قۇرۇق ئاپتونومىيە بولۇپ، بۇ نام پەقەت قەغەز يۈزىدىلا مەۋجۇت خالاس".
يەنە بىر نەپەر رۇس ئاپتورى ئولېگ سىدىروۋ ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن بىرى www.gazeta.kz دا ئېلان قىلغان "قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى" ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاپتونوم رايونىدا ھېچقانداق ھوقۇقلىرىنىڭ يوقلىقىنى شەرھلەش بىلەن ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك مىللەتتىن ئاز سانلىققا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ،
"خىتاي ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا نىسبەتەن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ھۆكۈمەت تۇغۇت ۋە مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشىگە بولغان كونتروللۇقىنى مونوپول قىلىپ، 50 يىل ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سانىنى ئەسلىدىكى% 75 تىن % 44 كە چۈشۈرگەن. بۇ ئەھۋال، بېيجىڭنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسىنى كۆپ سانلىقتىن ئاز سانلىققا چۈشۈرۈشكە تېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ خۇلاسە چىقارغان.
بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش يەكۈن يەنە بورىس ماينايېۋ، ئىگور روتتار، ئىبراگىم ئالىبېكوۋ ۋە باشقىلار تەرىپىدىنمۇ چىقىرىلغان ئىدى
رۇس ئاپتورلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار غەرب يولىنى تاللىماقتا
رۇس ئاپتورلىرىدىن سېرگېي كوزلوپ بىلەن ئاندرېي چېبوتارىيېۋ كۆپىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالى بولۇپمۇ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش باشلانغاندىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ بىرتەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى شەرھىلەيدۇ. مەسىلەن سېرگېي كوزلوپ" شەرقىي تۈركىستان غەربكە ئۈمىد باغلاۋاتىدۇ" ناملىق ماقالىسىدە ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىداشلىرى قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر ۋە باشقىلار مۇستەقىل بولغاندا ناھايىتى خوشاللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ شۇلاردەك بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنى ئۆز قېرىنداشلىرى ھېسابلاپ ئۇلاردىن ياردەملەرنى كۈتكەن بولسىمۇ بىراق، ئىش تەتۈرسىگە مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن غەربكە ئۈمىد باغلاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىپ، مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى بولۇپمۇ، ئۆزلىرى بىلەن قېرىنداش بولغان تۈركىي خەقلەرنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشىنىڭ غەربتە تۈركىيىنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى خوش قىلغان بولسا، شەرقتە ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى خوش قىلغانلىقى 90-يىللاردا ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى ھەم زىيالىيلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن بەلكى، رۇس، تۈرك ۋە غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ قەلەملىرىدىمۇ بايان قىلىنغان ئىدى. رۇس ئاپتورلىرى ئۆز بايانلىرىدا 1997-يىلىدىن كېيىن بولۇپمۇ، 21-ئەسىرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تېز ئۆزگەرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم پائالىيەتچىلىرىنىڭ دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمدە غەربتىكى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتكەنلىكىنى بايان قىلىشتى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقى
رۇس ئاپتورلىرى بۇرۇندىن تارتىپلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئورنىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يالغۇز خىتاينىڭلا ئەمەس بەلكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنىڭمۇ سىياسىي ھاياتى، مۇقىملىقى ۋە باشقا تەرەپلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.
موسكۋادا چىقىدىغان "شەرق" جۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا موسكۋالىق ئۇيغۇرشۇناس ئالىم، پروفىسسور ئولېگ زوتوپنىڭ "شىنجاڭنىڭ مەخپىي تارىخىنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئۆلچىمى" ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئالىم بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رۇسىيە تاشقى سىياسىتىدە بۇرۇندىن تارتىپلا مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى، بىراق رۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسەتچىلەر قاتلىمىنىڭ توغرا ئۇيغۇر سىياسىتى بەلگىلىمىگەنلىكى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ياقۇپ بەگ دۆلىتى ۋە 20-ئەسىردىكى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى يوق قىلىشىنىڭ خاتا سىياسەتلەرنىڭ تەكرارلىنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن نەقەدەر مۇھۇملىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازغان.
شىنجاڭنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ خىتاينى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدا كۆپ پايدىلىق يەر ئاستى بايلىقلىرى مەسىلەن ئۇران ، نېفىت ۋە باشقىلار بار. بۇ جايدىكى يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرىلىدىغان بومبا بازىسىنىڭ بولۇشى شىنجاڭنى خىتاينىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم تايانچىسى قىلغان . ئەنە شۇ شىنجاڭنىڭ زور ئەھمىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يەر شارىدىكى ئۈچ خىل دۇنياۋى كۈچ ئارىسىدا ۋاستىچىلىق قىلالىدى"
يېقىندا موسكۋادا چىقىدىغان ئىنتېرنېت جۇرنىلى "دۇنياۋى مۇنازىرە" دە پاۋېل دراگان ئىسىملىك ئاپتورنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئانالىزى ئېلان قىلىندى.
پاۋېل دراگاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى رايون خاراكتېرلىك بىختەرلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەردە بۇ توغرا ھەل قىلىنمىسا خىتاينىڭلا ئەمەس بەلكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ قارىشىچە؛ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن بولغان ئاساسىي ئىككى خىل ئامىل مەۋجۇت بولۇپ، بىرىنچىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنىڭ مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش؛ چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا كۆپ سانلىق مىللەت ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار 90-يىللاردا ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدى. ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرى رۇسىيە-خىتاي ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ھەل قىلىشقا مايىل بولۇپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۇلار ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاقاش، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئاھالە ئېلىپ چىقىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ئاسسىمىلاتسىيىنى كۈچەيتىش ۋە باشقا سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە"
رۇس ئانالىزچىسى ئولېگ سىدىروۋ بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە مەسلىھەت تەرىقىسىدە ئوز تەكلىپلىرىنى بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان:
"قازاقىستان دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئاھالىلىرىگە قاراتقان سىياسىتى چوقۇم ئىنسان ھوقۇقىنى ۋە ئىنسان ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ باراۋەرلىكىنى ھىمايە قىلىش ئاساسىدا يۈرگۈزۈلىشى كېرەك. قازاقىستاننىڭ رەسمى مىللى سىياسىتىگە ماس ھالدا ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ تەچ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك ،ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا، "ئۇيغۇر مەسىلىسى" داۋاملىق كۆتىرىلىپلا قالماستىن ،بەلكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە جىددىيلىك پەيدا قىلىشى ۋە قازاقىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن". (ئۈمىدۋار)