
يېقىندىن بۇيان خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ھەرقايسى مەتبۇئاتلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز كۆز- قاراشلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى.
سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقنى نامايىشنى توختىتىشقا چاقىرىپ، نامايىشقا چىققان خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتايدا نەشر قىلىنىدىغان "خەلق گېزىتى" ۋە شىنخۇئا ئاگېنتلىقى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردىمۇ خەلقنى خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قوغداپ قېلىشقا شۇنداقلا ياپون ماللىرىنى قارىغۇلارچە رەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكراتلىرى " ئۆتكەن نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ، قارىماققا ياپونىيىگە قارشى نامايىشتەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە بىر پارتىيىلىك زوراۋانلىق تۈزۈمنى يولغا قويۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ بىر چوڭ تەھدىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ بۇنى بايقاپ قالدى، ئۇلار بۇ نامايىشنىڭ ئاخىرىغا بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا دەرھال توختىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى" دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەندىشىسى
ۋاشىنگتوندىكى "خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ مەسئۇلى، خىتاي دېموكراتى چىن كۈيدﯤ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز- قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىدى ناھايىتى ئېنىق، ئۇلار دەسلەپتە خەلقنىڭ نەپرىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە باشقا جەھەتتىكى مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە خەلق بۇنداق كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىشتا، پەقەت ياپونىيىگە قارشى تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى باشقا تۈرلۈك ھېسسىياتىمۇ بولغان. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ھەرخىل نامايىشلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن، خەلق ئاممىسى ھۆكۈمەتكە قاتتىق نارازى بولسىمۇ، ئۇنى ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ خىل نارازىلىقلار يىغىلىپ پارتىلاش ھالىتىگە بېرىپ قالغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر خەلقنىڭ بۇخىل ھېسسىياتىنى سېزىش بىلەن تەڭ ، ئەھۋالنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالدى. بارا- بارا كونترول قىلالمىغىدەك ھالەتكە يېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى، شۇڭا ئۇلار دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خەلقنى داۋاملىق نامايىش قىلىشتىن توختىتىشنى ئويلىغان، لېكىن بۇ خىل شارائىت ئاستىدا، خەلقنىڭ بۇخىل ھەرىكىتىنى توختىتالىشى ئانچە ئاسان ئەمەس."
چىن كۈيدﯤ ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەيلى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە بولسۇن، ياكى دىڭ شاۋپىڭ دەۋرىدە بولسۇن ۋە ياكى جياڭ زېمىن دەۋرىدە بولسۇن، داۋاملىق ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، خەلقنىڭ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ " مەسىلەن ماۋ زېدوڭنى مىسالغا ئالايلى، ئۇ ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، 1957 - يىلى "بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش" سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ خەلقنى ھەرىكەتكە سالغان، كېيىن "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نى قوزغاش ئارقىلىق نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ئاخىرىغا بېرىپ ئۆزىمۇ يىغىشتۇرالماي شەرمەندە بولغان " دەپ كۆرسەتتى.
تارىخنى بۇرمىلاش ۋە خەلقنى ئالداشتا، ھېچقانداق دۆلەت خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي دېموكراتىيىچىسى لياۋ تيەنچى خانىممۇ ئاساسىي جەھەتتىن چىن كۈيدﯤ ئەپەندىگە ئوخشاش كۆز قاراشتا بولغان.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم خەلقنى يۇشۇرۇن كۈشكۈرتۈپ، نامايىش قىلىشقا قۇتراتقانلىقىنى ناھايىتى "كۈلكىلىك بىر ئىش" دەپ قاراپ " خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر خەلقتىن پايدىلىنىپ، نامايىش ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى "ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇپ، تارىخنى بۇرمىلىدى؛ راست گەپ قىلماي، خەلقنى ئالدىدى" دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئەمەلىيەتتە تارىخنى بۇرمىلاش ۋە خەلقنى ئالداشتا،دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت خىتاينىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ، مەسىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى 50 - يىللاردىن بۇيان، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان، لېكىن بۇ ھەرىكەتلەردە يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچقاچان راست گەپ قىلىپ باقمىغان. ئۇلار تا بۈگۈنگە قەدەر ئاچارچىلىق مەزگىلىدە ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ سانى، ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قانچىلىك ئادەمنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ھەتتا 89 - يىلىدىكى تيەن ئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقاچان راست گەپ قىلمىغان، ئەكسىچە پۈتۈنلەي يالغان مەلۇمات بېرىپ، ئۆز خەلقىنى ئالداپ ، تارىخنى بۇرمىلاپ كەلمەكتە" دەپ بىلدۈردى.
لياۋ تيە نچى خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىگە قارشىلىق بىلدۈرۈشتە كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆزىدە ئەكس ئەتكەنلىكتىن، خەلقنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىشى تەبىئىي ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بەكمۇ ئەندىشىدە قالدى، ئۇلار ئوتنىڭ ئاخىرىغا بېرىپ ئۆزىگە تۇتۇشۇپ قىلىشىدىن بەكمۇ قورقىدۇ، شۇڭا نامايىشنى دەرھال توختىتىش قارارىغا كەلدى" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)