رۇس ئالىمى گېلبارس: رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ساتقىنلارچە پوزىتسىيە

0:00 / 0:00

سوۋېت رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ بىۋاستە قۇربانى سۈپىتىدە ستالىننىڭ خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى مەرھۇم ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي "تۈركىستان قايغۇسى" ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ سوۋېت رۇسىيىسى تەرىپىدىن دۇچار قىلىنغان خۇسۇسىي قىسمەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىياسى پاجىئەسى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىپ، "ھەقىقەتتە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى مەزلۇم خەلقلەرنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن چار رۇسىيە قانداق سىياسەت تۇتقان بولسا، سوۋېت رۇسىيىسى ھەم شۇنداق سىياسەت تۇتتى. ئۇلارنىڭ ئۆز ھەققانىي ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىپ كەلدى"دېگەن ئىدى.

رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتىسىيىسى ساتقىنلارچە پوزىتسىيە، بۇ بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى پۈتۈنلەي كۆڭۈلسىز بىر نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ستالىن، ماۋ زېدوڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايغا قوشۇپ بېرىشنى قارار قىلدى ۋە بۇ يەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى.

مېنىڭچە بۇ سۆزنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلغان بىرەر سىياسەتچى ياكى بىرەر ئالىمغا قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە ۋاكالىتەن ستالىن ۋەكىللىرى بىلەن بىۋاستە ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئەشۇ رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېيتىشى تېخىمۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق بولسا كېرەك؟!

رۇسىيىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر سىياسىتى نېمىدىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە بىۋاستە رۇسىيە تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەكۈنىدىن باشقا يەنە رۇسىيىلىك سىياسەتشۇناسلىرىنىڭ يەكۈنلىرىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر.

خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قارىغان جايلارنى بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇققا ئايلاندۇرماقتا

موسكۋادا چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ بىرى "نوۋايا گازەتا" نىڭ ئوبزورچىسى ئاننا پولىتكوۋسكايا يېقىندا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پروفېسسورى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى ۋىليا گېلبراس ئەپەندى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇنىڭغا " خىتاينىڭ چەت-ياقىسى" دەپ نام قويۇپ ئېلان قىلدى.

200 دىن ئارتۇق كىتاب ۋە ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورى ھېسابلانغان رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور ۋىليا گدالىۋىچ گېلبارس ئەپەندى سۆھبىتىنى ئالدى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ مەقسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن باشلاپ مۇنداق دېگەن:

"خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تېزلىك بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇققا ئايلاندۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي ئۈچۈن ئەشۇ ئىلگىرى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغان يەنى بالقاش كۆلىگىچە بولغان بوشلۇقلارنى ئىقتىسادىي ئۇسۇللار بىلەن ئىگىلەش مېتود (ئۇسۇللىرى)نىڭ بىرىدۇر. بۇنى خىتايدا ھېچكىممۇ يوشۇرمايدۇ. خىتايلار يىراق شەرق، پۈتۈن دېڭىز بويى رايونلىرى، ساخالىن ئارىلى قاتارلىقلارنى ئۆز تۇپراقلىرى دەپ ھېسابلايدۇ ھەتتا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىمۇ شۇنداق ھېسابلايدۇ".

پروفېسسور گېلبارس يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئۇنىڭ ئارزۇلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا راۋاجلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ يەنىلا رۇسىيىسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقى، رۇسىيىنىڭ ئۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،" بۇ تەشكىلاتقا رۇسىيە جىددىي ۋە مۇقىم رەۋىشتە قېتىلمىسا، مەزكۇر تەشكىلات مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، مېنىڭچە، رۇسىيە تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا بارلىق پۇت دەسسەپ تۇرۇش مۇمكىنچىلىكلىرىگە ئېرىشتى. بىزدە بەزىلەر داۋاملىق بوش قويۇۋەتسە رۇسىيىنىڭ تېز ئارىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۇنى خىتاينىڭ ئىگىلىۋالىدىغانلىقىنى چۈشەندى" دېيدۇ ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانلىقىدەك پىكىرنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ.

رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ساتقىنلارچە پوزىتسىيە

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاي ئۈچۈن ئەشۇ ئىلگىرى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارىغان يەنى بالقاش كۆلىگىچە بولغان بوشلۇقلارنى ئىقتىسادىي ئۇسۇللار بىلەن ئىگىلەش مېتود (ئۇسۇللىرى)نىڭ بىرىدۇر. بۇنى خىتايدا ھېچكىممۇ يوشۇرمايدۇ. خىتايلار يىراق شەرق، پۈتۈن دېڭىز بويى رايونلىرى، ساخالىن ئارىلى قاتارلىقلارنى ئۆز تۇپراقلىرى دەپ ھېسابلايدۇ ھەتتا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننىمۇ شۇنداق ھېسابلايدۇ.

دوكتور گېلبارس ئەپەندى مۇخبىرنىڭ " رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەسىلىلەر قانداق؟ مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار يۈز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە بىزدە ھازىر مۇنداق ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى مودا ھېسابلىمايدۇ." دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، دادىللىق بىلەن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ:

"رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتىسىيىسى ساتقىنلارچە پوزىتسىيە، بۇ بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى پۈتۈنلەي كۆڭۈلسىز بىر نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ستالىن، ماۋ زېدوڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايغا قوشۇپ بېرىشنى قارار قىلدى ۋە بۇ يەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولماي قالدى. شىنجاڭغا ئازادلىق ئارمىيە كىرىپ، ھەممىنى ئۆز قوللىرىغا ئالدى. شىنجاڭنىڭ ھەممە نۇقتىلىرى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆتتى. بۇ ھەربىي ئىشلار تارىخىدىكى ھېچ قاچان بولۇپ باقمىغان ئىش چۈنكى، بۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ بىر قىسىمى ھەربىي ئىشلار بىلەن ، بىر قىسىمى قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت، ساقچىلىق ھەتتا مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانى ئىككى يېرىم مىليون بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مىليونى ئاكتىپ ھەرىكەتتىكى ھەربىلەردۇر".

مەزكۇر رۇس پروفېسسورى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى. خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ،" شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۇ جايدا ئۆلتۈرۈلمەكتە. شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاز بولمىغان ئۇيغۇر قېنى بىلەن بويالدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلدى." دەيدۇ ھەمدە خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

رۇس سىياسەتشۇناسى گېلبارس ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مەزگىل خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمما، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە يېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ناھايىتى ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زادى قانداق قىلىشى لازىملىقى ھەققىدە ئۆزىنىڭ مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇش مۇمكىنكى، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن رۇس ئالىملىرى ۋە جۇرنالىستلىرى چار رۇسىيە ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ خاتا ۋە قۇربان قىلىۋېتىش خاراكتېرلىق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى قەرتە قىلىپ ئويناش بىلەن بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۆز ھوقۇقلىرىدىن ئايرىلغان ھالدا قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ۋە قىلماقتا. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېلبارسنىڭ بۇ پىكرى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. (ئۈمىدۋار)