ئامېرىكا ۋە خىتاي بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە ئامېرىكا، كانادا ۋە مېكسىكىلاردا زىيارەتتە بولىدۇ. خۇ جىنتاۋ 7 - سېنتەبىر كۈنى ۋاشىنگتونغا كېلىپ، ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئۇچراشماقچى.

بۇش ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلەت رە ئىسىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتقان بىر پەيىتتە، ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك فالۇڭگۇڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرى خۇ جىنتاۋغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي تەييارلانماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ ئۇچرىششىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا قاراتقان بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خىلىلا جىددىلەشكەن بىر مەزگىلدە ئېلىپ بارماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئاللىقاچان پۈتۈن خەلقئارالىق ھەمدە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە بىر- بىرىگە زىت سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، بىر - بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەتكە ئايلانغان.

ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق خىتاي مۇتەخەسسىسى دانىيا بولۇمىنتال ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئاللىقاچان ئىككى چوڭ رەقىب دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى، خەلقئارالىق پۈتۈن مەسىلىلەردە بىر- بىرى بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان، ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى.

تېلېفون زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغان بولۇمىنتال، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "نۆۋەتتە، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت. خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش تەشەببۇسلىرى، نۇرغۇن مەسىلىلەردە تەيۋەن ۋە ياپونىيە ئۈستىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتىشى، سودا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار شۇنداقلا ئىران ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشى قاتارلىق خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك نۇرغۇن مەسىلىلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە".

بولۇمىنتالنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي گەرچە خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ مەسىلسىدىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەمكارلىق مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتى -11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئامېرىكىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن بۇ ياردەم سۆزى ئەمەلگە ئاشمىدى. ھەتتا يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. ھالبۇكى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي قىسىملىرى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر ئىلىمىنتى ھېسابلىنىدۇ. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى جىددىي بىر ھەمكارلىق بار دېگىلى بولمايدۇ. خىتاي خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش ئورنىغا، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتتى. بۇ ھەقتە قولىمىزدا نۇرغۇن پاكىتلار بار".

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىرىش تەشەببۇسلىرى شۇنداقلا خىتاي ۋە رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولىمنتال، خىتاي ۋە ئامېرىكا نۆۋەتتە بىر- بىرى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت. خىتاي بۇنى ياخشى بىلىگلىك. ئىككى دۆلەتنىڭ رىقابەتلىشىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن غەلىبىلىك رىقابەتلىشىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئالغان - ئالمىغانلىقىدا، دېدى.