خىتاينىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، 5 - ئومۇمىي يىغىن ۋە "مۇقەددەس - 6"

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاياغلاشقاندىن كېيىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى "مۇقەدەس - 6" ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئاسمانغا چىقىرىپ، 5 - ئۇنىڭغا "ساليۇت ئېتىپ، داغدۇغا قىلىپ" سوغا تەقدىم قىلدى. مۇشۇ كۈنلەردە خەلقئارادا خىتاينىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، 5 - ئومۇمىي يىغىن ۋە "مۇقەددەس 6- " تېمىلىرى بويىچە يېڭى مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىندى.

"گېرمانىيە ئاۋازى" نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىندا بەزى ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتكەن ھەرىكىتىنى، پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى "يېڭى بۇرۇلۇش" دەپ ئاتىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ۋە مەتبۇئاتلار بۇنىڭدىكى "ماھارەت" نى سەزمەي قالغان. خىتاي بۇرۇن "5 يىللىق پىلان" دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان سۆزنى بۇ قېئىتم جىمجىت ھالدا "5 يىللىق پىلانلاش" دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتكەن.

ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن پىلان

ھازىرقىدەك، خىتايدا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىپ، بايلارنىڭ ھەشەمەتلىك ماشىنىلىرى نەگە بارسا ، كېيىمى يىرتىق يوقسۇللارنى سوقۇۋەتمىسە يولدىن ئۆتەلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ئىچكىي بېسىمغا دۇچ كەلگەن، خەلقئارادا بولسا، چەتئەللەرنىڭ بازار ئىگىلىكىگە ماسلىشىشقا مەجبۇرلىشىغا دۇچ كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ "سوتسىيالىستىك پىلانلىق ئىگىلىك" تىن ئاجرىلىپ چىققانلىقىنى، ھازىر بولسا پەقەت بازار ئىگىلكىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادەتتىكىچە "پىلانلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇرۇنقى "5 يىللىق پىلان" دېگەن ئاتاشنى ھازىر "5 يىللىق پىلانلاش" دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتىۋالغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ نامىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىپ ئاتىۋالسىمۇ، ئەمما ئۇ نىڭ دۆلەتكە بولغان كونتروللۇقىنى ئاللىقاچان يوقاتقانلىقى بىر پاكىت.

خۇ جىنتاۋنىڭ "ئەمەلىي ئىش" لىرى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئىككى ئىش قىلىنغان. بىرى غۇلغۇلا قىلىش، يەنە بىر ئەمەلىي ھوقۇق تەقسىماتى. يىغىندا دېڭ شاۋپىڭ نەزەرىيىسى، جياڭ زېمىننىڭ 3 كە ۋەكىللىك ئىدىيىسى، 11 – بەش يىللىق پىلان، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش، نامراتلارنى يۆلەش ، چىڭ تۇرۇش، كۈچەيتىش، تىزلىتىش، چۇڭقۇرلىتىش، يۇقىرىي كۆتىرىش، ئىلگىرى سۈرۈش، ئالغا ئىلگىرىلىتىش، ، تولۇقلاش، يول ئېچىش، كاپالەتلىك قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش، كۈچنى توپلاش، ئىناق جەمئىيەت، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ماشلىشىپ ئىشلەش دېگەندەك سۆزلەر ئۈستىدە غۇلغۇلا كۆپ بولغان. خۇ جىنتاۋ يىغىن ئەھلىنىڭ بېشىنى قايدۇرىۋىتىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق تەقسىماتىنى جىمجىت ئېلىپ بېرىپ "ئەمەلىي ئىش" قىلغان. يىغىندا يەنە "نامراتلارنى يۆلەش" دەپ شۇئار توۋلاپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلىپ "مۇقەدەس - 6" دېگەن ئالەم كېمىسىنى ئاسمانغا چىقىرىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ 4 - ئەۋلاد يادروسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قۇرۇق ئابرويىنى نامايان قىلغان.

"يېڭى ئەسىر مۇلاھىزە مۇنبىرى" دە ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىش خىيالى" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆزىنى يەنە 4 يىلدا گېرمانىيىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، 2015 - يىلىغا كەلگەندە ياپونىيىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، 2039 - يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە سانلىق مەلۇماتقا قاراپ چىقايلى: خىتاينىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى 32%، ئامېرىكىنىڭ شەھەرلىشىش نىسبىتى 70%. خىتايدا ئاپتوموبىل قاتنايدىغان يوللار ئامېرىكىنىڭ 7.3% گە تەڭ. نېفىت تۇرۇبىسى ئامېرىكىنىڭ 3.5% گە. -گاز تۇرۇبىسى 2.8% گە تەڭ. ھاۋا قاتنىشى ئامېرىكىنىڭ 9.1% گە تەڭ. ئاپتوموبىل سانى ئامېرىكىنىڭ 5.3% گە تەڭ. ئالىي پەن- تېخنىكا ئېكىسپورت قىلىش مىقتارى ئامېرىكىنىڭ 3.5% گە تەڭ. كەشپىيات -ئىجادىيەت ئىقتىدارى يوق دېيەرلىك.

خىتاي ۋە ئېنېرگىيە

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، 2003 - يىلى پۈتۈن دۇنيانىڭ نېفىت مەھسۇلاتى 3 مىليارد 900 مىليون توننا. بۇنىڭدىن ئامېرىكا 25% نى سەرپ قىلغان. ھازىر خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئىھتىياجى 4 مىليارد 200 مىليون توننا. دېمەك خىتايغا پۈتۈن دۇنيانىڭ نېفىت مەھسۇلاتى يېتىشمەيدۇ.

دۇنيا بانكىسى 2003 - يىلى ئېلان قىلغان پۈتۈن يەر شارىنىڭ يىللىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 36 تېرليون ئامېرىكا دوللىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ 11 تېرلىيون، خىتاينىڭ 1 تىرليون 400 مىليارد. ئامېرىكا 300 يىلدىن بۇيان پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىجتىمائىي بايلىق توپلىدى. دۇنيادا تېخىچە يېڭى بىرخىل ئېنېرگىيە قۇۋىتى بايقالمىدى. پۈتۈن دۇنيادا تېخى يېڭى بىرخىل ئېنېرگىيە مەنبەسى بايقالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر خىتاي ھازىرقى ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بىلەن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئېنېرگىيە بايلىقىلىرىدىن باشقىلارنىڭمۇ پايدىلىنىش ھوقۇقى بارلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىگە تەڭلىشىمەن ياكى ئېشىپ كېتىمەن دېسە، ئۇنىڭغا يەنە 3 يەر شارى بولسىمۇ يەتمەيدۇ. خىتاينىڭ ھازىر ئاسمانغا چىقارغان "مۇقەددەس - 6" ناملىق ئالەم كېمىسى يېڭىلىق يارىتىش ياكى بىر خىل كەشپىيات ئەمەس، ئۇ پەقەت ئىنسانىيەت بايلىقىنى سەرپ قىلىپ، خۇددى تاشپاقىنىڭ توشقان بىلەن مۇسابىقىغا چۈشكەنلىكىگە ئوخشايدۇ. (ۋەلى)