مۇتەخەسسىسلەر: خىتاي كومپارتىيىسى خەۋپنى دانالىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالمايدۇ

0:00 / 0:00
RETRO_TIANANMEN_STATUE-150.jpg
1989-يىلى 30 مايدا كىشىلەر تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى "ئەركىنلىك ئىلاھى" ئالدىدا. تيەنەنمىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، زادى نېمە بولىۋاتقانلىقى سورىماقچى بولغاندا ھېچكىم ئۇلارنىڭ تېلېفونىنى ئالمىغان.

ئامېرىكىدىكى داڭلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بولغان ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات مەركىزى، دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ۋە مىراس فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى پەنسىلۋىينىيا شتاتىدا، خىتاي ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 50 تىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

يىغىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر توپلىنىپ، ئەمدىلا كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ كىتابنىڭ ئىسمى " جىددىي ۋەزىيەت ئاستىدىكى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك قارارلىرى" بولۇپ، ئۇنى مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لەرىي ۋورتزىل ۋە ئامېرىكا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى پروفېسسورى ئاندىرو سىكۇبېل بىرلىكتە تۈزگەن.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى كىتابنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مىراس فوندى جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، كىتابنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى لەررىي ۋورتزىل، كىتابتىكى مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسى، سارس كېسلى، ئۈچ قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشى، خىتاينىڭ يۇگۇسلاۋىيىدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ پارتلاش ۋەقەسى، ئامېرىكا- خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ سوقۇلۇش ھادىسىسى قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللار ئاستىدىكى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك قارارلىرىنى چىقىرىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ئىنكاسىدىكى پاسسىپلىق

لەررىي ۋىرىتزىلنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھەر قېتىم مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە پىكىر ئىختىلابى بولۇپ، ئۇلار ۋەقەگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ. دائىم پالەچ ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، خەۋپلىك ۋەزىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

"ھېلىمۇ ئىسىمدە، تيەنئەنمىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، زادى نېمە بولىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر قىسىم ئامېرىكلىقلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقچى بولغىنىدا، ھېچكىم ئۇلارنىڭ تېلېفونىنى ئالمىغان. 2001 - يىلى ئامېرىكىنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانى خىتاينىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانى بىلەن سوقۇلغاندا، ھەمدە ئامېرىكا ئۇقۇشماسلىقتىن خىتاينىڭ يۇگۇسلاۋىيىدىكى ئەلچىخانىسىنى پارتلاتقاندا، خىتاي، ئامېرىكىنىڭ تېلېفونىنى ئالمىغان. خىتاينىڭ بۇ خىل پالەچ قىلمىشى، خەۋپ ۋە مۇقىمژلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ".

ئوخشاشلىق ۋە پەرق

سىياسىي مۇقىملىقنى قوغلىشىپ، ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش، خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر دەرىجە ۋەكىللىرى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، ئۇنى بۇرمىلاپ، ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ئۆز ئىچىدىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلىدۇ

لەررىي ۋىرىتزىلنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن خەۋپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ھازىرغىچە بىر مەسىلە ئىكەن. شۇڭا ئۇ خىتاينىڭ خەۋپلەرنى دانالىق بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىمايدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ قارار چىقىرىشتا قىيىن ۋەزىيەتكە دۈچ كېلىشى پەقەت خىتايدىلا ئەمەس، غەرب ئەللىرىدىمۇ كۆرىلىدىكەن. ئەمما خىتاي ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ قارار چىقىرىش جەريانى زور پەرقلىنىدىكەن:

"خىتاينىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى، خەلقنىڭ مۇنازىرە قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىدا، ئوچۇق - ئاشكارا مۇنازىرە قىلىش پۇرسىتىنىڭ يوقلىقىدا. ئامېرىكا، گىرمانىيە ۋە ياۋرۇپادا ئەگەر سىز بىرەر مەسىلىگە نارازى بولسىڭىز، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلالايسىز. بۇ پۇقرالار ئۈچۈن ئىنتايىن ھەقلىق بىر ئىش. ئەمما خىتايدا بولسا ئۇنداق ئەمەس. كىشىلەر بولۇپمۇ سىياسىي مەسىلىلەردە ھۆكۈمەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ياكى سىزنى تۈرمىگە تاشلايدۇ، ياكى سىز جېنىڭىزدىن ئايرىلىسىز".

ئالدىنقى ئىش - ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قىلىش

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، كىتابنىڭ يەنە بىر تۈزگۈچىسى پروفېسسور ئاندىرو سىكۇبېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدا كىشىلەر ماركىسىزمغا قەتئىي ئېتىقاد قىلمايدىغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ئورنىمۇ بارغانسىرى كىشىلەرنى گۇمانلاندۇرماقتا. ئۇ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىككى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تېرەپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى:

"بىر تەرەپتىن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تايىنىش. خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىلنىڭ ئىچىدە شىددەت بىلەن تېز تەرەققىي قىلدى. خىتاي رەھبەرلىرى بۇنداق ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئامالنىڭ بارىچە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئىنتايىن روشەنكى، ئىقتىسادقا تايىنىپ، پۇقرالارنىڭ مايىللىقىنى سېتىۋېلىش، خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشى" .

خىتاينىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى، خەلقنىڭ مۇنازىرە قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىدا، ئوچۇق - ئاشكارا مۇنازىرە قىلىش پۇرسىتىنىڭ يوقلىقىدا..... كىشىلەر بولۇپمۇ سىياسىي مەسىلىلەردە ھۆكۈمەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى، ياكى سىزنى تۈرمىگە تاشلايدۇ، ياكى سىز جېنىڭىزدىن ئايرىلىسىز.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان خەۋپلەرگە ئىنكاس قايتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى مۇكەممەل ئەمەس. ۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. ھالبۇكى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، خىتاينى ئىقتىدارسىز دېيىشكە بولىدىكەن.

سىياسىي مۇقىملىقنىڭ خىتايدىكى ئورنى

مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەن " 2002 - 2003 يىلىدىكى سارىس: خەۋپنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر" دىگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى سۇزىن پۇسكامۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، سارىس كېسىلى 2002 - يىلىنىڭ ئاخىرى پارتلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پەقەت 2003 - يىلى 4 - ئايدا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇچۇرنى كونترول قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن ھېسابلاشمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

"سىياسىي مۇقىملىقنى قوغلىشىپ، ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش، خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھەر دەرىجە ۋەكىللىرى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، ئۇنى بۇرمىلاپ، ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ئۆز ئىچىدىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق قىلىدۇ".

پروفېسسور ئاندىرو سىكوبىلنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، خىتايدا پۇقرالار بارغانسىرى ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەلققە بولغان كونتروللىقى ئاجىزلىشىپ، ئاخىرى خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)