خىتاي بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ مۇھاجىرلار سىياسىتىنى ياخشىلاش نامى ئاستىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ھەر خىل شەكىلدە ئالاقىلار ئورنىتىپ، ئۇلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېچىۋېتىش سىياسىتى، جۈملىدىن مۇھاجىرلار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا. لېكىن، كۆپىنچە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئارقىسىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە كۈنسايىن جانلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەم سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى يېتىم قالدۇرۇپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدى يوشۇرۇنغان.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىنى جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىقىدىكى ئۆمەك قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن پەيدا بولغان ھەر خىل ئىنكاسلار قاتارىدا قازاقىستانلىق سىياسىي ئانالىزچى ئوزېروپنىڭ " خىتاي بېسىمى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەتراپىدا چىڭىماقتا" ناملىق ماقالىسىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قازاقىستاندىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىگە قوللىنىۋاتقان تاكتىكىسىنىنىڭ ناھايىتى ئۇستىلىق ۋە دىپلوماتىيىلىك يول بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قازاقىستان ئانالىزچىسى ئوزېروپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستاننىڭ "ئاسىيا-پرەسس" ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستانغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇ جايدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيىتىنى چەكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانگانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار قازاقىستاندىكى "Asiya-Press" ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورچىسى ن.ئوزەروۋنىڭ ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنى سىلەرگە سۇنىدۇ.
خىتاي بېسىمى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەتراپىدا چىڭىماقتا
ن.ئوزەروۋ، قازاقىستاندىكى "Asiya –press" ئاگېنتلىقىنىڭ كۆزەتكۈچىسى
قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېسىم قىلىشى ئارقىسىدا ئۆز ۋەتەنلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئېرىشتى. ئەمدى ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە مەركىزىي ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنى قانداق "قولغا كۆندۈرۈش" مەسىلىسى قويۇلدى. بۇنىڭدىكى بىرىنچى قەدەملەر مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئاساسلىقى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى خىتايلار تەرىپىدىن "قولغا كۆندۈرۈلدى".
بۇنداق رەھبەرلەرنىڭ بىرى پەرھات ھەسەنوپ بولۇپ، ئۇ قازاقىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلغان سەپىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. تىجارەتچى دىلمۇرات قۇزىيېۋ بۇ ئىز بىلەن مېڭىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشتا تېخىمۇ زور نەتىجە قازاندى. جۇمھۇرىيەتنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇلمىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن كۆپ سانلىق ئائىلە ئەزالىرى بويىچە ئەزالىققا يېزىلغان "ئاسار" پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن دىلمۇرات قۇزىيېۋ، ئۆزىنى سىياسىي ساھەگە سىناپ بېقىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ سىياسىي ساھە ئۇيغۇر تىجارەتچىسىنىڭ شارائىتى بويىچە ئالغاندا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىكى ۋە خىتاي بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا سەھنىگە چىقىش بولۇپ قالغان. بۈگۈنكى شارائىتتا ماددىي بايلىقلار سىياسىي جەھەتتىن مەخسۇس تەربىيىگە كۆرمىگەن تىجارەتچىلەرنى سىياسەتكە ئارىلىشىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلدى. ئەقەللىي سىياسىي ساۋات ۋە مائارىپ تەربىيىسى يېتەرلىك بولمىسىمۇ، ئەمما پۇل ۋە چېگرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشى بولسىلا بولدى.
- سىياسەتچى قۇزىيېۋنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تىجارەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ دىرېكتورى مۇرات ئەخمەدىيېۋ ھەم "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى يولداش ئازاماتوپنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بولغان زىيارىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەمەلدارلىرىنىڭ قازاقىستانغا قىلغان جاۋابەن زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جاۋابەن تەشكىللەنگەن خىتاي زىيارەت ۋەكىللىرى ئۆمىكىگە ئاساسلىق ئىككىنچى دەرىجىلىك يەرلىك ئەمەلدارلار كىرگەن بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋاكالەتچىلىكىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مۇزەپپەر مىجىت، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئابدۇللا قاسىم، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاردبېك نۇرلان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى پەرھات خالىق، چەتئەللەردىكى مۇھاجىرلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئەخمەت، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئەنۋەر روزى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ ۋەكىلى لاڭ خۇئاڭدىڭ قاتارلىقلاردۇر.
ۋەكىللەر ئۆمىكى 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئالمۇتىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە ئاستانانى ۋە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان يەركەنت، چۇنجى ھەم ئالمۇتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى، دوستلۇق مەھەللىسى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە باشقا جايلارنى زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىش قۇزىيېۋ تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئۇچرىشىشقا ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يىغىلغان بولۇپ، بۇنىڭ تەركىبىگە قۇزىيېۋ تاللىغان ئادەملەر كىرگەن.
ئۇلارنىڭ دىققىتىگە جاپپار ھەبىبۇللانىڭ دۆلەت تەرەپتە تۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدىكى كۆپ سۆزلىرى سۇنۇلدى. ئۇ خىتاي خىتاي قېرىنداشلىرىنى ماختاپ، ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى بۇزغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك تەرەپ شىنجاڭ ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنىڭ ئۆگىتىش ئاھاڭى بولۇپ، ئۇ بۇ يەرگە يىغىلغان ئاممىنى قانداق ياشاش لازىملىقى ھەم ئۆزلىرىنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكى بىلەن ئۆگەتمەكچى بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە زىيالىي سۈپەت ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغانراق ھالاتتە سۆزلىگىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مەملىكەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى ۋە خىتاينىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە ناھاھىيىتى دىپلوماتىيىلىك ھالدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ سۆزىدىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي "ۋەتىنى" بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلىم-پەنگە قانداق تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەۋاتقان ئالىم ئەركىن سىدىقنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.
قازاقىستان تەرەپتىن بولسا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ياۋاشلاندۇرۇلغان ۋەكىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن شىنجاڭ ئالىملىرى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە دۇدۇقلىغان ھالدا سۆزلىگەن بولسىمۇ. بىراق ، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى شىنجاڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزلىگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرى ئىچىدە قېلىپ يوقاپ كەتتى. قۇزىيېۋ ھەتتە بۇنىڭدىن كېيىنكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلىنىدىغان بارلىق سەپەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇنىڭ تەشكىلاتى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا خىتاينىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى ۋەتەننىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈتۈش ئۈمىدلىرىنى يوشۇرماي كۆرسەتتى.
قۇزىيېۋ تەمىنلەشكە تىرىشىدىغان بۇ ھەمكارلىق قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق ھەمكارلىق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟( رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئۇمىدۋار)