خىتاي زىيالىيسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسەت ھەققىدىكى قاراشلىرى
2005.12.07
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ تەھرىرى لياۋ تيەنچى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسەتلىرى، مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە دىنىي سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ 2000 - يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېخىمۇ چىڭىيىپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك خەلقنىڭ بۇ خىل كونترول ئاستىدا بارغانسېرى نەپەس ئالالمىغىدەك ھالەتكە يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر ئېلىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش
لياۋ تيەنچى خانىم سۆھبەت جەريانىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ 2000 - يىلى خىتاي دۆلەت كابىنېتى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن 7 - نومۇرلۇق ھۆججەتكە ئاساسلانغانلىقىنى تەكىتلەپ "7 - نومۇرلۇق بۇ ھۆججەت قارىماققا مەزكۇر رايوننى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە مەزكۇر رايوندا ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدىكى ھۆججەتتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش بولۇپ، مەقسەت بۇ مەزكۇر ھۆججەت ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشتۇر" دېدى.
لياۋ تيەنچى خانىم سۆزىدە يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت رايونى ۋە ئىچكى موڭغۇل رايونى قاتارلىق جايلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، مەزكۇر جايلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز كونترولى ئاستىدا باشقۇرۇپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىدە چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۇلار ھېچقاچان ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتايلاشتۇرۇشنىلا ئويلايدۇ ھەمدە بۇ خىل ئەھۋال پەقەت 1949 - يىلىدىنلا ئەمەس بەلكى قەدىمدىن باشلاپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن" دەپ كۆرسەتتى.
ئۆز يۇرتىدا ياشاۋاتقان يەرلىك خەلق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئايلىنىپ قالغان
لياۋ تيەنچى خانىم مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان كۆچمەنلەر سىياسىتى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇ، بۇ خىل سىياسەت تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن توقۇنۇشلارنى ھەمدە بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىدە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بەكمۇ ۋەھشى بىر سىياسەت، بۇ خىل سىياسەت تۈپەيلىدىن، ئۆز يۇرتىدا ياشاۋاتقان يەرلىك خەلق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئايلىنىپ قالغان. ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ پەقەت 40% ئىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، كۆچمەن خىتاي مىللىتى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئەگەر بۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، كەلگۈسىدە بۇ زېمىنغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلار چوقۇم "بىزنىڭ نوپۇسىمىز ئەڭ كۆپ بولغاندىن كېيىن، بۇ زېمىن ئەلۋەتتە بىزنىڭ" دېيىشتىن يانمايدۇ. ھازىر ئىچكى موڭغۇلغا كۆچمەن بولۇپ بارغان خىتايلارنىڭ سانى موڭغۇل مىللىتىنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتتى. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە يۈرگۈزۈۋاتقان كۆچمەنلەر سىياسىتىنى ئىنتايىن رەزىل سىياسەت دەپ قارايمەن" دەپ بىلدۈردى.
ھەممە نەرسە خىتاينىڭ قولىغا ئۆتتى
لياۋ تيەنچى خانىم سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتايلاردىن ئايرىلالمايدۇ، خىتايلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ " دېگەن شۇئارلارنى توۋلاپ، ئاتالمىش مىللىي ئىتتىپاقى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى بۇ خىل شوئارلار بولمىغان چاغلاردا، مەزكۇر رايوندىكى مىللىي ئىتتىپاق مەسىلىسىدە ھەر ھالدا ئانچە چوڭ چاتاق يوق ئىدى. ھازىر بولسا قانچە شۇئار توۋلىغانسېرى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارمۇ شۇنچە كۈچىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب يەنىلا كۆچمەنلەر سىياسىتىدىن كېلىپ چىققان. خىتايلارنىڭ تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىشى مەزكۇر جايدىكى خەلقنىڭ تەقدىرىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە مەيلى سىياسىي جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە بولسۇن ئاساسىي ھوقۇق خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. شۇڭا ئۇلار ئەمدى مائارىپ ۋە دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. بۇ خىل زوراۋانلىق قىلمىشلار ئاخىرىغا بېرىپ مىللىي ئىتتىپاقلىق ئەمەس بەلكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى تېخىمۇ زور توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دىپلوماتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى خىتاينى دېموكراتىيىگە يېتەكلەمدۇ؟
- بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەتتىن چىقىرىۋەتكەن پروفېسسور جاۋ گوبياۋنى زىيارەت
- خىتاي زىيالىيلىرى ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى (2)
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ليەن جەننىڭ خىتايغا بولغان زىيارىتى ھەققىدىكى قاراشلىرى
- خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن لايىھىسى" ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى