خىتاي دائىرىلىرى نېمە ئۈچۈن قەھرىمان غوجامبەردىنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا چاتىدۇ؟
2006.07.26
خىتايدا چىقىدىغان خەلقئارا ئاۋانگارت يېتەكچىلەر گېزىتىنىڭ 7 - ئاينىڭ 18 -كۈنىدىكى سانىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئافغانىستاننىڭ ئالتۇن ھىلالئاي رايونىدىن زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش ۋە ئۇ پۇل ئارقىلىق قورال ياراق سېتىۋېلىش شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. بۇ خەۋەردە ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردىنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.
بىز تۈركىيىدىكى تەررور مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە بىر يۇرۇش سوئاللارنى سورىدۇق. ئۇلار، دۆلەت تېررورى يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتە مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرىنى دائىم زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن قارىلايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ خىل قارىلاشنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى دېيىشتى.
تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ ھەقتە تۈركىيىدە تونۇلغان تېررور مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەھرىمان غوجامبەردىنى ئەيىپلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق
- خىتاي زەھەرلىك چېكىملىكنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتمەكتە
- قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى
- قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارەتى ھەققىدە توختالدى
- قەھرىمان غوجامبەردى ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى