0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى بۈگۈن 9-كۈنگە كىردى. ئۆكتىچىلەر، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان بولۇپ، ئۇلار 19- ئاپرىل كۈنى ئۆز نامايىشلىرىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
نامايىشچىلار، زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ساقلانغان بولۇپ، تىنچ نامايىشلار قىرغىزىستاننىڭ باشقا بىر قانچە ئوبلاستلىرىغىمۇ كېڭەيگەن. ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ساقچىلار بىشكەكتىكى نامايىشچىلارغا قارىتىپ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان.