خىتاي، رابىيە خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا جازا ھۆكۈم قىلدى


2007.04.17

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم (ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن)

سەيشەنبە كۈنى، 17 - ئاپرىل، خىتاي ئەدلىيە خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى سوتلاپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھوكۇم قىلدى.

يېڭى بۆھتان

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى سوت ھۆججەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋەردىن ئاشكارلىنىشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمغا توردا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالىلەرنى تارقاتقان، ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلەرنى يازغان، دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلغان ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 17 - ئاپرىل بەرگەن خەۋرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت خادىمى "ئۇ رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى" دەپ ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىچكىرىلەپ توختىلىشنى رەت قىلغان.

خەلىق-ئارا ئۇيغۇر جامائېتىنىڭ ئىنكاسى

ئابلىكىم ئابدۇرېھىمىنىڭ سوتلىنىشىغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئىلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۇ سوت يېپىق ھالەتتە، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ھالدا، ئېلىپ بېرىلغان ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومتېتى رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىبى ۋە ئامېرىكىدا خەلقئارالىق قانۇن بۇيىچە مەخسۇس تەربىيە ئالغان قانۇنشۇناس ئالىم سېيتوپ ئەپەندى، ئابلىكىم ئۈستىدە ئېچىلغان سوتنىڭ ھېچقانداق ئەدلىيە تەرتىپىگە ھۆرمەت قىلمىغان ھالدا ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئارقا كۆرۈنۈشلەر

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاپ تۇرغۇچى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنساندەك ياشاشقا بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرىنىڭ سىمۋولى.

1999- يىلى ئاۋغۇستتا، رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەكشۈرگۈچىلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولىۋاتقاندا، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەتىپ بارغان يول ئۈستىدە، مەخپىي ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. شۇ سەۋەپتىن، رابىيە قادىر، "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى" دېگەن جىنايەت بىلەن قارىلىنىپ، 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتايغا ئۆزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىشى ئارقىسىدا، 2005-يىلى رابىيە قادىر خانىم قويۇپ بېرىلىپ ئامېرىكىغا يولغا سېلىنغان ۋە سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى باشلىغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىز سىياسىتىنى ئوچۇق ‏- ئاشكارا سۆكۆپ كەلگەن.

رابىيە قادىر، ئۇيغۇر دەموكراتىك كۈچلىرىنىڭ يول باشچىسى

Rabiye150.jpg
رابىيە قادىر خانىم

رابىيە قادىر، ئامېرىكىدا ياشاش جەريانىدا ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان ۋە ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندىنى قۇرۇپ چىققان. شۇنداقلا، 2006-يىلى باھاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان .

شۇ سايلامدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىدىن قاھار ئابدۇرېھىم، روشەنگۈل ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ۋە ئالىم ئابدۇرېھىملارنى قولغا ئالغان ۋە قاھار ئابدۇرېھىمغا 12 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە ئارتىپ قويۇپ بەرگەن، روشەنگۈل ئابدۇرېھىمنى رېجىم ئاستىغا ئالغان. رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنى باج ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 2006 - يىلى 27- نويابىردا 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىپ، 62 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويغان ئىدى.

rabiye-guwahliq-.jpg
رابىيە قادىر خانىم، ئامەرىكا پارلامەنتى ئورۇنلاشتۇرغان گۇۋالىك بەرىش يىغىنىدا (سۈرەتنى ئۇيغۇر ئامەرىكا جەمىيىتى تەمىنلىگەن)

خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا، رافتو كىشلىك ھوقۇق جەمئىيتى ئوچۇق خەت يېزىپ ئوز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى گۇناھسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئارتىلغان ئەيىبلەشلەرنىڭ تامامەن ئاساسسىز ۋە ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رافتو كىشلىك ھوقۇق جەمئىيتى ئوچۇق خېتىدە ئېنىق قىلىپ "بىز جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوز خەلقىنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۈرىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ ھېسابلايمىز ۋە قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شۇنىڭدەك، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن كىشلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتلىرىگە قارىتىلغان زوراۋانلىقىنى توختىتىشىنى، تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تەلەپ قىلىمىز" دېيىلگەن ئىدى.

ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سوت جەريانى

ئالىم ئابدۇرېھىم سوتلىنىۋاتقان جەرياندا ،خىتاي دائىرىلىرى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ھەققىدە كوپ توختالمىغان بولۇپ ، مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 2007 - يىلى 28- يانۋار مەخپىي سوتلانغان. ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2007 يىلى 8 - مارت ئىلان قىلغان باياناتىدا، 2006-يىلى 26 ‏- نويابىر ئابلىكىم ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە سالامەتلىكى ناچارلاشقانلىقى سەۋەبلىك ماڭالمىغاچقا زەمبىلگە سېلىپ توشۇلغانلىقىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

گەرچە ئابلىكىم ئابدۇرېھىم خېلى بۇرۇنلا سوتلانغان بولسىمۇ، قانچە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى نامەلۇم ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 1999 ‏- يىلىمۇ، ‘ئامېرىكىغا گېزىت ‏- جۇرناللارنى سالدى’ دېگەن گۇناھ بىلەن قارىلىنىپ ئىككى يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلىشى رابىيە خانىمغا مۇئەييەن روھىي زەربىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاينىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن تاشلىغان بۇ مۇشكۈل ئەمما ، خاسىيەتلىك سەپىرىدىن ھەرگىز چىكىنمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئۇنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلقىنى ئىپادىلىدى.

رابىيە خانىم يەنە، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ھېچقانداق قۇتراتقۇلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىغانلىقىنى، بۇلارنى خىتاي بەرگەن مەبۇئات - خەۋەرلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم، خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە دۆلەت بولۇشقا تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ كېلەر يىلى ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئوغلى ئابلىكىمگە، مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاينىڭ قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشى، خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇنداق يىنىكلىك بىلەن ئېلىنغان قارار-ھوكۈم ئۈستىدە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سوغۇق قانلىق بىلەن يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ، ئىش ئېلىپ بەرىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.