خىتاي تەرەپ زادى كىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى بولىشىنى خالايدۇ؟

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "خىتاي تەرەپ زادى كىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى بولىشىنى خالايدۇ" دىگەن ماقالىنىڭ باش قىسمىدىلا، مۇنداق دىيىلگەن: دۇنيادا ھېچقانداق دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر سايلام، ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا ئوخشاش پۈتۈن ئالەمنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئەمەس.

چەتئەللىكلەر كەررىينىڭ پرېزىدېنت بولۇشىنى خالايدىكەن

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىياسلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېموكراتىك پارتىيە نامزاتلىرىدىن كەررىينىڭ پرېزىدېنت بولىشىنى خالايدىكەن. چۈنكى، كەررىي سۆزىدە:" ئەگەر مەن پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسام، نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان پرېزىدېنت جورج بۇشقا ئوخشاش، خەلقئارا مەسىلىلەردە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەت ئېلىپ بارمايمەن " دىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى – يەر شارىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشى

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن، پۈتۈن دۇنيا 11 - ئاينىڭ 2 -كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنى يېقىندىن كۈتمەكتە، بۇنداق بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئانچە قېيىن ئەمەس، سەۋەبى ئامېرىكا پۈتۈن يەر شارىدىكى بىردىن - بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە ھەمدە يەنە " دۇنيا ساقچىسى" قىلىپ ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى بولغان كىشى پۈتۈن يەر شارىدا ئەڭ ھوقۇقلۇق بىر كىشى ھېسابلىنىپ، مەيلى دۇنيانىڭ قايسى بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى كىشى بولسۇن، ئۇنىڭ مەنپەئەتى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

" خىتاي تەرەپ، زادى كىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى بولىشىنى خالايدۇ؟ " ناملىق بۇ ماقالىدا، ھازىر ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىلەردىن بىرى دەپ قارالغان خىتاينىڭ ، بۇ قېتىمقى سايلامدا كىمنىڭ پېرېزىدېنت سايلىنىشىنى خالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان،سەۋەبى ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ مەسىلە خىتاي ئەڭ كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.

زادى كىم ئاق سارايدا ۋەزىپە تۇتۇش كېرەك؟ كەررىيمۇ ۋە ياكى بۇشمۇ؟ بېيجىڭ دائىرلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى بۇ سىر، نۆۋەتتە مەتبۇئاتلار ئېرىشمەكچى بولغان ھالقىلىق مەسىللىلەرنىڭ بىرى.

تەيۋەن مەسىلىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن

خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئالما گېزىتى" دە ئامېرىكىدىكى بىر سىياسىيوننىڭ قاراشلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دېموكراتىك پارتىيىسى تارىختىن بۇيان سودا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ناچار ھىساپلىنىدۇ. ئەكسىچە، جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسىدىكى نىكسون، رېگان دەۋرىدىلا بېيجىڭ بىلەن يېقىندىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرگەن. بىراق، بۇشنىڭ ئۆتكەن يىلى، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسى، بېيجىڭگە بۇش، چېن شۇيبىئەننى ياخشى كۆرمەيدۇ دىگەن تەسىرنى بەرگەن. شۇڭا بېيجىڭ دائىرلىرى كەررىيگە قارىغاندا بۇش پرېزىدېنت سايلانسا، كەلگۈسى 4 يىل ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسانغا توختايدۇ، دەپ قارايدىكەن.

بىراق، خىتاي كومۇنىست پارتىيىسى بىلەن ئامېرىكا جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسى ئوتتۇرسىدا نىسبەتەن قويۇق دەپ قارالغان بۇ مۇناسىۋەت، ئەڭ دەسلەپ،" 4 - ئىيۇن" ۋەقەسىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مەزكۈر ۋەقەدىن كېيىن توڭلىتىپ قويدى. ئامما پرېزىدېنت بۇش، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي بىلەن تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ كورىيە يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، خىتاينىڭ ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىنى خەلقنىڭ رايى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك دىگەن ئوچۇق پوزىتسىيىدە بولدى.

نىسپىي دوستلۇق

"خىتاي تەرەپ زادى كىمنىڭ ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىنى خالايدۇ" دىگەن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن داۋالغۇشلار ئامېرىكىنىڭ قايسى پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ تەختكە چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھېچقايسىسى خىتاي تەرەپنىڭ مەڭگۈلۈك دوستى ۋە ياكى مەڭگۈلۈك دۈشمىنى بولمايدۇ دىگەن خۇلاسە چىقىرىلغان.

ماقالىدە يەنە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھوقۇق تۇتقان جىئاڭ زېمىن ۋە خۇجىڭتاۋ بولسۇن ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقاندا ئاغزىدا بىر خىل، كۆڭلىدە بىر خىل ئوي بىلەن يەنى تۈرلۈك تاكتىكىلار بىلەن شامالنىڭ ئېغىشىغا بېقىپ ئىش تۇتقان، ئۇلار ھىچقاچان ماۋزېدوڭ ۋە ياكى دىڭ شاۋپىڭدەك نىمە ئويلىسا شۇنى ئېيتىدىغان يەنى قارشىلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىپادىلەيدىغان ھوقۇقدارلارنىڭ يولىنى تۇتقان ئەمەس .