كوندىلىزا رايىس خانىمنىڭ، پات ئارىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ھەقتە ھەر خىل ماقالىلارنى ئېلان قىلدى.
فرانسىيىنىڭ قارىشى
فرانسىيىدە چىقىدىغان " دۇنيا گېزىتى" نىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پاترىك، ماقالىسىدا "ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ، كوندىلىزا رايىس خانىمنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشى، ياۋروپالىقلار خالىمىغان بىر قارار ئىدى" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە ماقالىسىدا مۇنداق دىدى: " فرانسىيىلىكلەرنىڭ نەزىرىدە، رايىس خانىم ياۋروپاغا دوستانە مۇئامىلىدە ئەمەس، بولۇپمۇ فرانسىيىگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە فرانسىيىنىڭ سىياسەت سەھنىسىدىكى ئەربابلار، رايىس خانىمنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى خەتەرلىكلەر توغرىسىدا قىلغان بىر مەشھۇر سۆزىنى ئېسىدە ناھايىتى چىڭ تۇتقان. رايىس خانىم مۇنداق دېگەن ئىدى: "ئامېرىكا رۇسىيىنى ئەپۇ قىلماقچى، ھازىرچە گېرمانىيىگە دىققەت نەزىرىنى سالمايدۇ، فرانسىيىنى بولسا جازالىماقچى".
ھىندىستاننىڭ قارىشى
بۇنىڭدىن سىرت "ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەلقئارا خەۋەرلەر بېتىنىڭ باش تەھرىرى راجىجاتا "ھىندىستان خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى، رايىس خانىمنىڭ، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ" دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە " كولىن پوۋىلنىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ياخشى كۆرەتتى، ھىندىستانغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كولىن پوۋىلنىڭ پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتى مۇشەرەف بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى تۈپەيلى، بۇ قېتىم پوۋېلنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى نەتىجىسىدە، يېڭى دېھلى ئەركىن بىر نەپەس ئالدى".
خىتاينىڭ قارىشى
خىتاينىڭ، شاڭخەي شەھىرىدە چىقىدىغان "ۋېنخۇي" گېزىتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ مۇدىرى جۇ شىڭفۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رايىسنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلىنىشىدىن ئىنتايىن خوش ئىكەن. بۇ ھەقتە جۇ شىڭفۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "رايىس، خىتايغا نىسبەتەن ناتونۇش ئەمەس، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئۆتكەن 4 يىلدىن بېرى، پەقەت رايىس خانىملا بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. ئۇ يەنە 7 - ئايدا بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، خىتايدىكى بارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ناھايىتى سەمىمىي ۋە ياخشى كەيپىيات ئاستىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ مەقسىتىنى تامامەن چۈشىنىدۇ، شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە خىتاي تەرەپ، رايىسنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى خالايدۇ".
ئافرىقىلىقلارنىڭ قارىشى
بىراق ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "ئىقتىساد مۈتەخەسسىسلىرى"ژورنىلىنىڭ ئافرىقا بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى روبېرت، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ كولىن پوۋېلنى ئىنتايىن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
" كولىن پوۋېلنى ھەممە ئادەملەر ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ بۇش ھۆكۈمىتىدىكى ئەڭ مۇلاھىم بىر كىشى. ئۇ يەنە ئافرىقىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، بولۇپمۇ ئۇ سۇداندىكى دارفور مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا كۆپ باش قاتۇرغان. ئەمدى رايىس خانىمغا كەلسەك، ئۇنى كىشىلەر ئانچە چۈشەنمەيدۇ، ئۇ ئافرىقا مەسىلىسىدە كۆپ ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىغان. ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىدىكى مەنپەئەتى، ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان قىزىقىشىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى كىچىك ئورۇندا تۇرىدۇ".
ئەرەبلەرنىڭ قارىشى
ئەرەپ گېزىتلىرىدىن "ئەل - ئەرەبىيە" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، رايىس خانىمنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇشىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۈرەككەپ بىر تۇيغۇ ئىچىدە بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈمىدسىزلەنسە يەنە بىر تەرەپتىن يەنە ئازراق ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ بۇ ھەقتە قارىشىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان:
"بىر قىسىم كىشىلەر، رايىسنىڭ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى، بۇش ھۆكۈمىئىتى يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق سىياسەتنىڭ غەلبە قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، رايىس خانىم بىلەن پرېزىدېنت بۇشنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە پرېزىدېنتقا گېپىگە قۇلاق سالىدىغان ھەمراھ كېرەك". رايىس خانىم ئىلگىرى پرېزىدېنتقا ۋاكالەتەن پەلەستىن رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇلارنىڭ شۇ چاغدا، رايىس خانىمغا قارىتا چۈشەنچىسى يامان ئەمەس بولغان، يەنى رايىس خانىم بۇ زېمىننى چۈشىنىشكە قىزىققان. مېنىڭ قارىشىمچە، پەلەستىن خەلقى، رايىس خانىمنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى تېنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىدۇ".
گەرچە، دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ، رايىس خانىمنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە قارىتا پىكىرلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى مۇخبىرلار "كوندىلىزا رايىس بۇش بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە، شۇڭا ئۇ ئامېرىكا سىياسىتىدە ھەقىقى ھالدا بۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ" دىگەن قاراشتا.(ئەقىدە)