
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستانغا قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ئۆزبېكىستاننى تاشلاپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىشى جۈملىدىن مەزكۇر دۆلەتلەر تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىپ، ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىقلارنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈشى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس خانىم تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئافغانىستانغا قاراتقان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلاپ، قىرغىزىستاننى مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك سەپەرنىڭ بىرىنچى بېكىتى قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، رايىس خانىم بېشكەكتە ئەڭ ئالىي دەرىجىدە قارشى ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ "مەن قىرغىزىستانغا، سىلەرنىڭ دوستۇڭلار بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىلى كەلدىم" دېيىش ئارقىلىق مەزكۇر سەپىرىنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن.
كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى بىر مەيدان قىزغىن مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەرنى مەيدانغا چىقارغان بولۇپ، ئەلۋەتتە رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى بۇ سەپەرگە نىسبەتەن ھەر خىل كۆز قاراش ۋە مەيداندىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باھا بەرگەن.
رايىس خانىمنىڭ تۈپ مەقسىتى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش
سەپەردىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم مۇلاھىزىلەردە كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ مەقسىتىنىڭ رايوندا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئىدىيىلىرىنى يېيىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
نيو-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىلىق ئانالىزچى جوئېل برىنكلنىڭ مۇلاھىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، رايىس خانىمنىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار ھەربىي بازا، ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى قاتارلىقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى يەنىلا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. چۈنكى، بۇ يىل دېكابىردا قازاقىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت تۈرلۈك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ قىرغىزىستاندىكىدەك ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى قورقۇتماقتا.
تاجىكىستاندا بولسا، پرېزىدېنت ئىمام ئەلى راخمانوپ ئۆزىنىڭ 2020-يىلىغىچە ئورنىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق بولغان قانۇن قوبۇل قىلغان. دېمەك ئۇ ئىمام ئەلى راخمانوپ ۋە نۇرسۇلتان نازاربايېۋ قاتارلىقلار بىلەن دېموكراتىيە مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ سۆزلىشىدۇ.
ھەربىي بازا مەسىلىسى
كوندالىزا رايىس قىرغىزىستانغا كەلگەندىن كېيىن پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە بىشكەكتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى مەسىلىسى رۇس ئانالىزچىلىرىنى ئەڭ جەلىپ قىلغان نۇقتىلاردىن بولۇپ، رۇسىيىدە چىقىدىغان ئىنتېرنېت گېزىتلىرىدىن بىرى "گازېتا" دا ئېلان قىلىنغان "ئوكياننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى دوست" ناملىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ماناس ئايرودرومىدا تاكى ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت مۇقىملاشقىچە تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى. قىرغىزىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سابىق قوماندانى ئابدىگۈل چوتبايېۋ ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى بۇ ھەربىي بازىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىنى تەسقتىلايدۇ.
رۇس مۇلاھىزىچىلىرىدىن دىمىترىي سىدوروپ بىلەن مىخائىل زىگار رۇسىيىنىڭ "سودىگەرلەر" گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ھەققىدە مەخسۇس مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش بىلەن "ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە كوندالىزا رايىس خانىم ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىككى مەسىلىنى يېشىشى كېرەك. بىرى ئۆزبېكىستاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىدىغان ھەربىي بازىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئورۇن تېپىش. ئىككىنچىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىگە رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىران قاتناشمىغان باشقا بىر رايون خاراكتېرلىق تەشكىلات قۇرۇشقا ئىشەنچ ھاسىل قىلدۇرۇش" دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.
بۇ ئاپتورلار 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل يازدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن كرىزىس باشلانغانلىقى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بازىسىنى تاقاپ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ۋاشىنگتوننىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي بىلەن رۇسىيە تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان دەپ قارىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن رايىس خانىمنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق رۇسىيە ۋە خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىدەك پىكىرنى ئالغا سۈرىدۇ.
ئامېرىكا قىرغىزىستانغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە قىرغىزىستاننىڭ رولىغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن. شۇڭا رايىس خانىم ئۆز سەپىرىنىڭ بىرىنچى سەپىرىنى بىشكەكتىن باشلىدى.
مېھمان گاففارلى ئىسىملىك مۇلاھىزىچىنىڭ سابىق قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇراتبېك ئىمانالىيېۋنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رايىس خانىمنىڭ بىشكەك سەپىرى بىرىنچى قەدەمدە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ھەربىي-سىياسىي مەنپەئەتلەردىن چىقىش قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېڭى قىرغىزىستان رەھبەرلىرىدىن ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتتە ساقلىنىشى ۋەدىسىنى ئالماقچى بولغان.
ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن 200 مىليون دوللار بېرىشنى قارار قىلغان. بۇ ياردەملەر ئۇنىڭ ئىلگىرى ئون نەچچە يىل ئىچىدىكى ئومۇمىي ياردىمىنىڭ 3تىن بىر قىسىمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، قىرغىزىستان دىپلوماتى ئومۇرالىيېۋنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغان ئون نەچە يىل ئىچىدە ئامېرىكا قىرغىزىستانغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پاراۋانلىق، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بىخەتەرلىك قاتارلىق تۈرلەر بويىچە 792 مىليون دوللار بەرگەن. ھەتتا قىرغىزىستاننىڭ ھەر يىللىق دۆلەت خام چوتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسىمىنى ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ئىگىلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ سەپىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلغان ئۆزبېكىستان كۆپ يىللاردىن بۇيان كىرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن رۇسىيىنىڭ ھامىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)