ياپونىيىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى رولى قانداق؟
2005.04.25
ئامېرىكىدىكى ئۈچ ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنىڭ 19 - فىۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاتلانتىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مايىك موچىزۇكى (Mike Mochizuki) ياپونىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ " ياپونىيە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىشتىن باش تارتمايدۇ" دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
" مېنىڭچە، بولمىدى دېگەندە ياپونىيىلىكلەر ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى بازىلىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى خالىغانچە ئىشلىتىشىگە يول قويۇش مەجبۇرىيىتى باردەك ھىس قىلىدۇ. ھەتتا ياپونىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ سىياسىيونلىرى ياپونىيىنىڭ بۇ جەھەتلەردە ئامېرىكىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن" .
ئەگەر خىتاي تەيۋەڭە ھۇجۇم قىلسا…
مايىك مۇچىزۇكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەيۋەن بىلەن يېقىنلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ياپونىيە نۆۋەتتە خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خائىشىغا قارشى يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي ئەربابلىرى ئۆز- ئارا قويۇق بېرىش- كېلىش قىلماقتا.
مايىك موچىزۇكى، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھوجۇم قوزغاشنى پىلانلىسا، چوقۇم ياپونىيىنىڭ ئىنكاسىنىمۇ ئويلىشىشى كېرەكلىكىدە ھېچقانداق شەك -شۈبە يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
"مېنىڭچە ياپونىيە ئامىلى قوشۇلغاندا، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىدۇ. بەلكىم بۇ، خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى توسۇش رولىنى ئۆتىشىمۇ مۇمكىن" .
تەيۋەن خىتاينىڭ تەھدىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر نازۇك ئارال
ئاتلانتىك كېڭىشىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان، جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دەيۋىد بورانمۇ (David Brown) يىغىندا سۆز قىلىپ، تەيۋەننىڭ، ئۆزىنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ تەھدىدگە ئۇچراۋاتقان كىچىك، نازۇك بىر ئارال دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:
"شۇڭا، چىن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىنىڭ، ياپونىيىنىڭ تەيۋەن بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ھەرىكىتىنى قوللاش پوزىتسىيىدە بولىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز" .
دەيۋىد بۇراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن كۈزدە، تەيۋەن ۋە ياپونىيە مۇتەخەسسىسلىرى تەيبىيدە يىغىن ئېچىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەنمۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ نۇتۇقىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.
بۇراننىڭ ئېيتىشىچە، باشقا تەيۋەن ئەمەلدارلىرىمۇ، چىن شۈيبىيەنگە ئوخشاش پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر تەيۋەن ئەمەلدارى يەنە، ياپونىيىنىڭ " تىنچلىقپەرۋەر" دەپ ئاتالغان ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. چۈنكى ياپونىيىنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنىدا، ياپونىيە پەقەت ئۆزىنى قوغداش يولىدىلا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدۇ.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەيۋەن ئىلگىرى ئۆزىنى مۇستەملىكە قىلغان ياپونىيىگە، خىتايدىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. گەرچە تەيۋەنمۇ، خىتايغا ئوخشاشلا ياپونىيىنىڭ سەنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يىرىكلىك پەيدا قىلمىغان.
" ئەگەر تەيۋەن ھۆكۈمىتىنى بەكرەك قىستىسا،ئۇلار ئۆزىنىڭ سەنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق بۇ مەسىلىنىڭ ئارقىسىدا سىز ئاممىۋىي نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى بايقىمايسىز" .
خىتاي ياپونىيە بىلەن ئىناق مۇناسىۋەت ساقلاشقا مۇختاج
سىتىمسىن مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى ئالان رومبېرگ (Alan Romberg) مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي نۆۋەتتە ئاساسلىق دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە ياپونىيىنىڭ تەيۋەندە قانداق رول ئوينىشى بولماستىن، بەلكى ياپونىيىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى " جىنايى قىلمىشلىرى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ياپونىيە بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، خىتاي ياپونىيىنىڭ كەچۈرۈم سورىشىدىن قانائەتلەنمىگەن. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى ئىچىدە بولۇپمۇ " نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى" دەپ ئاتالغان ۋەقەنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي ئازابى تېخىچە پۈتمىگەن ئىكەن.
ئالان رومبېرگ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا يىتەكچى ئورۇننى تالىشىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بۇ خىل روھىي ئازابىنى ئولغايتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا ياپونىيە بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
" خىتاي ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ يىلىغا 200 مىليارد دوللارلىق سودىسى، بولۇپمۇ ياپونىيىنىڭ خىتايغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ ئەتراپىدا تىنچ بىر مۇھىتنى يارىتىشمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زامانىۋىلىشىشى ۋە كېيىنكى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ" .
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يىرىكلىشىشى، پەقەت خىتاينىڭ ئۆز نىشانلىرىغا يىتىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تەيۋەن مەسىلىسىنى ئورتاق بىخەتەرلىك رامكىسى ئىچىگە ئالدى
- ئامېرىكا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي مانېۋىرنى كۆزىتىدۇ
- خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياپونىيىنىڭ تەيۋەننى ئىككى دۆلەت بىخەتەرلىك رامكىسى ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، تەيۋەننى ئىككى دۆلەت خەۋپسىزلىك رامكىسىنىڭ ئىچىگە ئالىدۇ