قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز كۈچلىرى جەھەتتە دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئارمىيىگە ئىگە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يەنىلا قۇدرەتلىك ئارمىيىگە ئىگە دۆلەت دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بولۇپمۇ، چېچەن توقۇنۇشى بىلەن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ھەربىي ئىنتىزامى ۋە جەڭگىۋارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تەرەپلەردىكى يېتەرسىزلىكلىرى ۋە مەسىلىلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى.
رۇس ئارمىيىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى نېمە سەۋەبتىن يوقالدى؟
سابىق چار رۇسىيە ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئارمىيىسىگە تايىنىپ، ئەتراپتىكى مەملىكەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆز زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيتىپ، چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان بولسا، بولشېۋىكلەر ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيە دەپ ئاتالغان سوۋېت ئارمىيىسى گراژدانلار ئۇرۇشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قاتارلىق چوڭ ۋە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش مۇساپىلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيادىكى غالىپ ئارمىيە ھېسابلانغان ئىدى.
شۇنچە قۇدرەتلىك دەپ قارالغان رۇسىيە ئارمىيىسى نېمە ئۈچۈن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان نوپۇسى بىر مىليونغا يەتمىگەن چېچەن پىدايىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى يېڭەلمەيدۇ؟ نېمە سەۋەبتىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر قانچە يۈزمىڭ ئەسكىرىنى، يۈزلىگەن زامانىۋى بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى، تانكىلىرى ۋە توپ-زەمبىرەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، گروزنىي شەھىرىنى تۈزلىۋەتسىمۇ چېچەن پىدايىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى يوقىتالماي، بۇ ئۇرۇش يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىدۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن سىرلىق ۋە قىزىقارلىق تېما بولۇپ، ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسىيونلار ۋە جەمىيەت كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرى ھەر خىل ۋە بىر-بىرىگە زىددىيەتلىكتۇر.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى تەنقىدلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىرى رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى چىرىكلىك، ئىنتىزامسىزلىق، ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەم باشقىلار ئىكەن. ئۇنداقتا رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر قانداق؟
ئىنتىزامسىزلىق كۆرۈنەرلىك تەرەپتۇر
ئامېرىكىدىكى ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئارمىيىسىدە كونا ئەسكەرلەرنىڭ يېڭى ئەسكەرلەرنى بوزەك قىلىش ئىشلىرى ئەۋجى ئالغان. قوشۇن ئىچىدىكى زاغرا تىل بىلەن "بوۋا" دەپ ئاتالغان كونا ئەسكەرلەرنىڭ يېڭىدىن قوشۇنغا كىرگەنلەرنى خارلاش، ئۇرۇش –تىللاش ۋە ئۆز خىزمەتلىرىگە سېلىش قاتارلىق خۇسۇسىي جازالاش قىلمىشلىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال چەكلەنمىگەن. نەتىجىدە، يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، قوشۇندىن قېچىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يېزىلىشىچە، مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش باسقۇچىدىكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 29 ئەسكەر ئەنە شۇنداق كونا ئەسكەرلەر يەنى "بوۋىلار" تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپ ئۆلتۈرىلگەن،109 ئەسكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا يېقىندا رۇسىيە دۆلەت مەجلىسى رۇسىيە ئارمىيىسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىل ئىچىدە رۇسىيە ئارمىيىسىدە 10799 ئادەم ئۇرۇش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆلگەن . قوشۇن ئىچىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالىمۇ كۆپىيىپ، ئۆتكەن يىلىدىكىگە قارىغاندا 38٪ ئاشقان.
يىلىغا 40 مىڭ ئادەم ئەسكەردىن قاچىدۇ
رۇسىيىدىكى "ئەسكەرلەر ئانىسى" دەپ ئاتالغان ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئىسپاتلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە يېڭىدىن ھەربىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان جەڭچىلەرنىڭ قېچىش ئەھۋالىمۇ ئېغىرلاشقان بولۇپ، مەزكۇر جەمىيەتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىلىغا 40 مىڭ جەڭچى قوشۇندىن قېچىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ئاساسلىقى قوشۇندىكى ئىنتىزامسىزلىق ۋە قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
رۇسىيىنىڭ www.newsru.com ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، رۇسىيىدە ھەر يىلى، 350 مىڭدىن ئارتۇق يېشى 18دىن 27 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىككى يىللىق مۆھلەت بىلەن مەجبۇرى ھەربىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئەمما، 90٪ ئادەم ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن باش تارتىدىكەن. بۇ سەۋەبتىن پەقەت كەمبەغەللەرنىڭ پەرزەنتلىرىلا ھەربىي خىزمەتكە ئېلىنىدىكەن. ئەنە شۇنداق ياخشى ھەربىي تەلىم تەربىيە كۆرمىگەن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەر مەجبۇرى تۈردە چېچەن جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، جەڭگە سېلىنىدىكەن. بۇ ياش ئەسكەرلەر بىر تەرەپتىن چېچەن جەڭچىلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز كومادىرلىرىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوشۇندىكى "بوۋا" دەپ ئاتالغان كونا ئەسكەرلەرنىڭ بوزەك قىلىشتەك بېسىملىرى ئارىسىدا قېلىپ، تۈركۈملەپ قىرىلىدىكەن.
يەنە شۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا "ئانىلار ھوقۇقى" دەپ ئاتالغان بىر جەمىيەت باشقۇرۇشىدىكى فوندنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيىسىدە ھەر يىلى تەخمىنەن 3000 ئادەم ئۆلۈدىكەن. مەزكۇر جەمىيەتنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئەڭ كۆپ ئەسكەر ئۆلىدىغان ھەربىي تەركىبلەر موسكۋا ھەربىي رايونى ۋە لېنىنگراد ھەربىي رايونى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، رۇسىيە قوشۇنلىرىدىكى بۇ خىل ئۆلۈم-يېتىم ئاساسلىقى ئۇرۇش ۋە ھەربىي قىسىم ئىچىدىكى ئىنتىزامسىزلىق ئىشلىرىدىن كېلىپ چىققان. تۈرلۈك ئېغىر روھى زەربىلەرگە ئۇچرىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىشى نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغان. لېكىن، رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرى بۇ خىل تەنقىدلەرنى ھەم ئۇچۇرلارنى ئىنكار قىلغان بولۇپ ،ئۇلار رۇسىيە ئارمىيىسىدىكى مەسىلىنىڭ ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
قوشۇننىڭ تەمىناتىدىمۇ مەسىلە مەۋجۇت
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا رۇسىيە ئارمىيىسىدە چىرىكلىك ئەۋجى ئالغان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكتىن تۆۋەن دەرىجىلىككىچە بولغان قوماندانلاردا چىرىكلىشىش ئېغىرلىشىپ كەتكەن. ئۇلار ئەسكىرى تەمىناتلارنى قىسىپ، خىيانەت قىلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ يىمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تەمىناتلىرى ناچارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا ئەسكەرلەرنىڭ نورمال ئوزۇقلىنىشىدىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا بولغان. يىمەك –ئىچمەك جەھەتتىكى قىسىلىش تۈپەيلىدىن ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكى ۋە جەڭگىۋارلىقى چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ئامىللارمۇ ئۇلارنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن قېچىش، ئىنتىزامسىزلىق قىلىش ھەتتا ئۇرۇش مەيدانىدا چېچەن پىدايىلىرىغا ئىختىيارى يوسۇندا ئۆزلىكىدىن ئەسىرگە چۈشۈش ئەھۋاللىرىغا سەۋەب بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا رۇسىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت خامچوتىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى چېچەن ئۇرۇشىغا ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن رۇسىيىگە خوراش ئېلىپ كەلگەن. بۇ بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن موسكۋا ھۆكۈمىتى رۇسىيىدە خۇددى غەربتىكىگە ئوخشاش توختام تۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ھەمدە مەۋجۇت ئەسكەر سانىنى قىسقارتىش قاتارلىق ئىسلاھات چارىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. (ئۈمىدۋار)