
رۇسىيە پىرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە خىتايغا ئېلىپ بارغان رەسمى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى چېگرا، سودا –ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل مەزمۇنلاردا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىنىڭ مەزكۇر ئىككى قوشنا مەملىكەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە پايدىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن، سىياسىي ئانالىزچىلار ئارىسىدا بۇنىڭغا نىسبەتەن تۈرلۈك ئىنكاسلار مەۋجۇت.
پۇتىن –خۇجىنتاۋ ئۇچرىشىشىغا نىسبەتەن ئىنكاسلار
ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە پۇتىننىڭ بۇ سەپىرىدە ئۇتۇق قازانغانلىقى، خىتاينىڭ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ۋە رۇسىيىنىڭ نېفىتىگە بولغان ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بەزى سىياسىي-ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك شەرتلىرىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقى، رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىدە خىتاينىڭ توسالغۇلىقىنى يوقۇتۇپ، ئۇنىڭ تولۇق قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئومۇمەن، بۇ قېتىمقى رۇسىيە-خىتاي دىپلوماتىيىلىك ئويۇنىدا بېيجىڭنىڭ زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ قېتىم خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرۇپ، ھەل بولماي كەلگەن بىر قىسىم چېگرىلارنىڭ مەسىلىسى ئاخىرقى نۆۋەت يېشىلگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ ئۇتۇۋالغانلىقى رۇسىيە مۇلاھىزىچىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇتىننىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە چېچەن مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتا ئورتاقلىق تېپىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتە كانادادىكى كارلتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى جېكوب كوباليو مۇنداق دەيدۇ؛ " رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئامال بار ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق ساقلاپ، چېگرا رايونلاردىكى مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلىرىگە زەربە بېرىشتە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ مۇستەھكەم ھەمكارلىق ئورنۇتۇشنى مەقسەد قىلىدۇ"
رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئاخىرقى چېگرا مەسىلىسى
ئەلۋەتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى 4000 كىلومېتردىن ئارتۇق چېگرا سىزىقى ئۇلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ ئەزەلدىنلا ئۇلارنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا،چېگرا مەسىلىسى كونا چار رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گومىنداڭ خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنىڭدەك خىتاي خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
ۋلادىمىر پۇتىن بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ئامۇر دەرياسىدىكى خاباروۋسكىي چېگرا رايونىغا تەۋە چوڭ ئۇسسۇرىيسكىي، تاراباروۋ ئاراللىرىنى ھەمدە ئارگۇن دەرياسىدىكى بىر ئارالنى خىتاي بىلەن تەڭ بۆلۈشۈش كېلىشىمىگە قول قويغان.
بۇ ئەھۋال بىردىنلا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى مەيدانغا چىقاردى شۇنىڭدەك بۇنىڭ يىراق شەرق ئاھالىسى ئىچىدىكى "خىتاي تەھدىدى" كۆز قارىشىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغىيىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رۇسىيىدىكى " يېڭى خەۋەرلەر" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان رۇسىيە ئانالىزچىلىرى مېھمان گافارلى بىلەن ئالېكساندىر بوگومولوۋنىڭ ماقالىسىغا ئاساسلانغاندا پۇتىننىڭ بۇ ئاراللارنى خىتايغا بۆلۈپ بەرگەنلىكىنى يىراق شەرقلىقلەر پەقەت چۈشىنەلمىگەن ھەتتا خاباروۋسكىي چېگرا رايونىنىڭ مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇخبىرلارغا " موسكۋادىن مۇنداق قارارنى ئاڭلاش بىز ئۈچۈن تولىمۇ كۆڭۈلسىزلىك بولدى، چۈنكى بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ چېگرالارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن زور مىقداردا مەبلەغ سالدۇق، يەرلەرنى ئۆزلەشتۇردۇق ھەمدە ئاراللارغا ئاھالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىلغان ئىدۇق، ئاخىرىدا رۇسىيە ئۆزىنىڭ بەزىبىر ۋاقىتلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆز زېمىنلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى قۇربان قىلدى" دېگەن. بۇ ماقالىدە يەنە كىشىلەردە پۇتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۆپ مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي پايدا ئۈچۈن بۇ ئاراللارنى ئىختىيارى يوسۇندا خىتايغا بېرىۋەتكەنلىكى ھەققىدە نارازىلىق ئىنكاسلىرى پەيدا بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى
ئامۇر دەرياسى ۋە ئۇسسۇرىي دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان يېرىگە توغرا كەلگەن چوڭ ئۇسسۇرىيسىكىي ۋە تارباروۋ ئاراللىرى رۇسىيىنىڭ خاباروۋسكىي چېگرا رايونى بىلەن خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنى تۇتاشتۇرىدۇ. خاباروۋسكىي رايونىنىڭ ئومۇمىي ئاھالىسى 1 يېرىم مىليون بولۇپ، يەر مەيدانى 788مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. چېگرىغا يېقىن جايدا خاباروۋسكىي شەھىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇسى 550مىڭدىن كۆپرەك.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا؛ چوڭ ئۇسسۇرىسيكىي ئارىلىغا 16مىڭ داچا سېلىنغان بولۇپ، ئارال ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، بۇ داچىلىق يەرلەرنىڭ يېرىمى خىتايغا ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيىلىكلەرنى ئازابلىغان نۇقتا شۇكى، ئارالنىڭ يېرىمى خىتايغا بېرىلگەندىن كېيىن خىتاي چېگرىسى خاباروۋسكىي شەھىرىگە ئاران 30 كىلومېتىر قالغان. تۇپراقلار تۇتۇشۇپ كېتىش بىلەن بۇرۇنقىدەك چېگرىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىشقا خاتىمە بېرىلگەن. رۇسىيىلىكلەر بۇ ئەھۋالنىڭ ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن خاباروۋسكىي شەھىرى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتايلارنىڭ خاباروۋسكىي شەھرىنىڭ بوسۇغىسىغىلا يېتىپ كېلىپ، تەھدىد تۇيغۇسى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى تەرىپلەشكەن.
بۇ ئاراللاردا يەنە يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا 1969-يىلى ئامۇر دەرياسىدىكى دامانسكىي ئارىلى( جېنباۋداۋ) ئۈچۈن توقۇنۇش پارتلىغان. 1991-يىلى سوۋېت –خىتاي چېگرا كېلىشىمى تۈزۈلگەن. شۇ كېلىشىمگە بىنائەن 1992-يىلى جېنباۋداۋ ( دامانسكىي ئارىلى) ۋە كىركىنسكىي ئارالى خىتايغا بېرىۋېتىلگەن. دېمەك، بۇ قېتىم يەنە ئۈچ ئارال خىتايغا بۆلۈپ بېرىلگەن.
رۇسىيە ئۈچۈن خىتاي راستىنلا تەھدىد بولامدۇ؟
ئاتاقلىق رۇسىيە ئانالىزچىسى ئالېكساندىر چۇدادېيېۋ " خۇلاسە" گېزىتىدە "خىتاي ئارىفمېتىكىسى؛ خۇ بىلەن پۇ بېجىڭدا نېمىنى پۈتۈشتى؟ "ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە "خىتاي تەھدىدى" نۇقتىنەزىرىنىڭ يەنىلا كۈنسايىن راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى شەرھلىگەن. چۇدادېيېۋنىڭ بايان قىلىشىچە رۇسىيىلىكلەر خىتاي نوپۇسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە رۇسىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4 دىن 1 قىسىمىنى ئىگىلىشى مۇمكىنلىكى، ئۇلارنىڭ ھازىر كۈنسايىن كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلماقتا.
رۇسىيە ئاپتورلىرىدىن يۇرىي كرۇپنوۋ " پوس بالت" ناملىق گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، پۇتىننى تەنقىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنداق يول قويۇشنىڭ داۋاملىشىۋەرسە كەلگۈسىدە رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئۆز جايلىرىنىڭ ناملىرىنى خىتايچە تەلەپپۇز قىلىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، 1963-يىلىدىن بۇيان 40 يىل داۋاملاشقان بۇ ئارال ماجراسىنى پۇتىنىڭ بىراقلا خىتايغا يول قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك ئۇ يەنە بەلكى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە باشقا جايلارنىمۇ تەلەپ قىلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاينىڭ كەلگۈسىدە رۇسىيە ئۈچۈن تەھدىد بولۇشى ياكى بولماسلىقى مەسىلىسى رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي سىياسەتشۇناسى دوكتور ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى " خىتاي تەھدىدى"مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ؛
"مەنىڭچە ھازىر مۇنداق ئېھتىماللىق مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار، بىرىنچى جۇڭگو ھازىر قەدەممۇ –قەدەم كۆتىرىلىۋاتىدۇ، ئىككىنچىدىن ئەسلىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا زېمىن ئايرىش تالىشىشى بار بولۇپ، كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار رۇسىيە تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق بىزنىڭ يەرلىرىمىزنى بېسىۋالغان دەپ ھېسابلايدۇ. ئەگەر مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرى جۇڭگولۇقلاردا ئومۇمىي يۈزلىك كۈچەيسە، ئۇلارنىڭ رۇسىيىدىن زېمىن دەۋا قىلىش، زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش تەلىپى ۋە چاقىرىقىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن"
دوكتور ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى خىتاينىڭ رۇسىيە ئۈچۈن تەھدىد بولۇش –بولماسلىقىنىڭ يەنىلا خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ؛
"ئەگەر جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت يولىغا يەنى دېموكراتىك چوڭ دۆلەت يولىغا ماڭسا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تەھدىد بولماسلىقى، ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققى قىلغان، ھەربىي جەھەتتە كۈچەيگەن مۇستەبىت دۆلەتكە ئايلانسا،مىللەتچىلىك ئىدىيىلىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ نەتىجىدە ئۇ، رۇسىيەلا ئەمەس بەلكى، ئەتراپتىكى ھەممە دۆلەتلەرگە تەھدىد ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن"
مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە؛ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ بىر-بىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ۋە ھاجەتلىرى بار شۇنىڭدەك ئۇلاردا ئۆز مۇناسىۋەتلىرىدىن گۇمان قىلىش ۋە ئىشەنمەسلىك خاھىشلىرى ئېغىر. شۇڭا تارىختىن بۇيان رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تۇراقسىزلىق ئىچىدە گاھ ئۆزارا دۈشمەنلىك گاھ ئۆزارا ھەمكارلىشىش كەيپىياتىدا داۋاملاشقان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ھۇجۇم ۋە ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا تىرىشقان.(ئۈمىدۋار)