ئامېرىكا - رۇسىيە - خىتاي ئۈچ بۇرجەك مۇناسىۋىتى

شىمالىي كاۋكازىيىدىكى بېسلان شەھرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش شۇئارلىرى خەلقارا سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم مۇھىم تېما سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. بېسلان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل مەسىلىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى قاتارلىق خەلقارالىق تەشكىلاتلار ۋە بىرلىكلەر تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپلا قالماستىن بەلكى، بۇ ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە شۇنىڭدەك باشقا مەملىكەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭمۇ جىددى كۆڭۈل بۆلىشى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى چارە-تەدبىرلەرنى بېكىتىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا رۇسىيىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ۋەقەلىرى بولۇپمۇ، 354 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە كۆپلىگەن ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، تېررورىزىم تېمىسىنى ئاساس قىلغان خەلقارالىق مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى ئامېرىكا-رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستىراتېگىيىسىدە مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە نامايان بولدى.

رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى جىددى ھۆكۈمەت يىغىنى چاقىرىپ، رۇسىيىدە تېررورىزىمغا قارشى ئالاھىدە بىر ئورگان قۇرۇش ۋە رۇسىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت رولىنى ئاشۇرۇش شۇنىڭدەك ھەر قايسى يەرلىك رايونلارنىڭ ھوقۇقى ۋە گۇبېرناتورلارنىڭ( ئۆلكە باشلىقلىرى)سالاھىيىتىنى مەركەز بەلگىلەشتەك كرېمىلنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئاساسىي مۇددا قىلغان سىياسىي ئىسلاھات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارىشىچە پۇتىننىڭ بۇ خىل ئىسلاھاتى رۇسىيىدىكى دېموكراتىيىنى ئارقىغا چېكىندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭغا رۇسىيە تەرەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ۋاشىن`گتوننىڭ مەزكۇر تەنقىدى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرىگە بېرىپ تاقاشتى.

ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورتاقلىق ۋە ئىختىلاپ

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋاشىن`گتون بىلەن موسكۋا ئارىسىدا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ئورتاقلىق شەكىللەڭەن بولۇپ، موسكۋا ئۆز ئىچىدىكى چېچەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ۋاشىن`گتوننىڭ قوللىشىغا جۈملىدىن چېچەن مەسىلىسىنى خەلقارا تېررورىزىم مەسىلىسىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھتاج ئىدى. شۇ ۋەجىدىن رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كىرىپ، ئۇ جايلاردا ھەربىي بازىلارنى قۇرۇشىنى چىن كۆڭلىدىن خالىمىسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەدلىرى ئۈچۈن بۇنىڭغا رازى بولۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئەمما، ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيەمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا باشلىغان بولسىمۇ بىراق، بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى تېررورىزىمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىدى. ھەتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل بېسلان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيىنىڭ ۋاشىن`گتوندىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، قازاغا ئۇچرىغۇچىلارغا ماتەم بىلدۈردى . پرىزدېنت گېئورگى بۇشمۇ پۇتىننىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى رىچارد بائوچىر پۇتىننىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۇش سىياسىي ئىسلاھاتىدىن ئامېرىكىنىڭ نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە تولۇق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.

"ئۆتكەن ھەپتىدە رۇسىيىدە يۈز بەرگەن تېررورچىلارنىڭ ۋەھشى ھەرىكىتىنى ھەرگىزمۇ ئاقلىغىلى بولمايدۇ، بىز رۇسىيە خەلقىغە تەزىيىمىزنى ھەمدە بىزنىڭ موسكۋا بىلەن تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈمىز "

پرىزدېنت بۇشمۇ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ، پۇتىننىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىنىڭ دېموكراتىيىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئاساسلىقى ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ۋاشىنگتون ئىزچىل ھالدا رۇسىيىدىكى ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىلىك تەرەققىيات ئەھۋاللىرىغا دىققەت قىلىپ، ئۆز تەنقىدىي مەيدانىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن . بۇ قېتىم، يەنە ۋاشىنگتون چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەسىلىدە موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كېلىپ چىقتى.

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ھەمكارلىق كۈچەيمەكتە

پىكىر ئىختىلاپىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتىي نەزەر، بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقلار يەنىلا راۋاجلانماقتا.

رۇسىيە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلىش دۆلىتى بولسا ، ئامېرىكا يەر شارىدىكى 1- نۇمۇرلىق نېفىت سەرپ قىلىش مەملىكىتى. بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىدە ئۆزارا بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئېھتىياجى مەۋجۇت . رۇسىيە ئۆز نېفىتلىرىنى ئامېرىكىغا چىقىرىشقا مۇھتاج بولۇپ، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا بۇ ساھە بويىچە مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزۈلگەن.

رۇسىيە مۇرمانسىكىيدىكى توڭلىمايدىغان پورت ئارقىلىق رۇسىيە نېفىتلىرىنى شىمالى مۇز ئوكيان يولى بىلەن ئامېرىكىغا چىقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 2007-يىلىدىن باشلاپ، رۇسىيە ھەر كۈنى ئامېرىكىغا 2 مىليون 400 مىڭ باك خام نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى مەقسەد قىلغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئىمپورتىنىڭ 13 ٪ نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا نېفىت شىركەتلىرى رۇسىيە نېفىتلىرىنى ئېچىش ۋە سېتىۋېلىش كېلىشىملىرى تۈزگەن بولۇپ، دېمەك، ئامېرىكا رۇسىيە نېفىت ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا . گەرچە بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپلار بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈنسايىن يېقىنلىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئىلگىرىلەشلەر مەۋجۇت بولۇپ، "ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ " ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا؛ رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ رازىلىقى بىلەن 40 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇنىنى ئىراققا كىرگۈزىدىكەن .

خىتاي –ئامېرىكا-ۋە رۇسىيە

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېسلان ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيىنى چېچەن مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا شۇنىڭدەك دېموكراتىك تەرەققىياتنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان بولسا، خىتاي ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقان بولۇپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيىنىڭ دۆلەت بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق ھەرىكىتىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە پروگراممىسىغا ئاساسلانغاندا؛ خىتاي رۇسىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭمۇ پۇتىننىڭ ھوقۇقلارنى كرېمىلغا مەركەزلەشتۈرۇش سىياسىي ئىسلاھاتىغا تەنقىدىي مۇئامىلىدە ئەمەس بەلكى، يۇقىرى باھا بېرىش نۇقتىسىدىن قارىغانلىقى مەلۇم.

بېيجىڭدىن تاكى ھازىرغىچە تەنقىدىي كۆز قاراش تەكلىپلىرى مەيدانغا چىققىنى يوق.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە؛ خىتاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكا سىياسىتى ئۈچۈن رۇسىيىدىن پايدىلىنىش تاكتىكىسىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، گەرچە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى داچىڭ- ئان`گارسىكىي نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇش پىلانى مۇۋەپپەقەيەتسىزلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ ، لېكىن خىتاي يەنىلا رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم پۇتىننى قوللىغان ھەم داۋاملىق قوللىشى مۇمكىن. خىتاي ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرى دىققەتكە سازاۋەر ئەمەس.

تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا تېررورىزىم قالپىقى كىيدۈرۈپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا، 14- سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 2004-يىللىق دىنى ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتىمۇ خىتاينىڭ تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇشىنى چەكلەۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دىنى زاتلىرىنى قولغا ئېلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولېن پوۋېل بۇ مەسىلىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن؛

"بىز خەلقارا تېرررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى قوللايمىز. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتىن چەتنەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمىز.ئۇلار تېچ ھالدا دىنى ۋەزىپىلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بەزىدە مۇسۇلمانلار ھەتتا بەش ۋاق ناماز ئۆتىگەنلىكى ۋە ياكى مەسچىتكە بارغانلىقى ئۈچۈنلا " تېررورچى " دەپ گۇمان قىلىنىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئۆز دىنىدىكى ئەمەللەرنى بىجا كەلتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز پۈتۈن دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىز ياردەم بېرىۋاتقانلارنىڭ بىرى"

بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشتىن پايدىلىنىپ، موسكۋانىڭ ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك 14-15-سېنتەبىر كۈنلىرى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى ئەللىرىنىڭ يىغىنىدىن پايدىلىنىپ، تېررورىزىمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش شۇئارى بىلەن رۇسىيىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدا قايتىدىن ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق ۋە رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. لېكىن، يەنە بەزى تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا ؛ بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، رۇسىيە تېرروزىمغا قارشى كۈرەشتە ۋە باشقا ساھەلەردە ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. (ئۈمىدۋار)

3- سېنتەبىر شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى

5- سېنتەبىر رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

6- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار

8- سېنتەبىر رۇسسىيە چېچەن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلدى