تەنقىدىي كۆزلەر ئاستىدىكى پۇتىن رۇسىيىسى

0:00 / 0:00

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "ئىقتىسادىي دەۋر" گېزىتىدە" شەرقىي ياۋروپا يېڭى پۇتىن رۇسىيىسىدىن قورقماقتا" ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. روبېرت ئاندېرسون، جان چىئەننسكىي قاتارلىق تۆت نەپەر ئاپتور تەرىپىدىن بىرلىكتە يېزىلغان بۇ ماقالىدە بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيىدىكى دېموكراتىيىگە چەك قويۇش ئەھۋالى شەرقىي ياۋروپا مەملىكەتلىرىگە نىسبەتەن جىددىي تەھدىت تۇيغۇسى ئاتا قىلغانلىقى، ئۇلارنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى ھاكىممۇتلەقلىقى ھەققىدە ئەسلەشكە تۈرتكە بولغانلىقى بايان قىلىنغان.

موسكۋالىق ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس نارىمان مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە؛ رۇسىيە جەمئىيىتىدە خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىشەنچىسى قالمىغان، ھېچ كىم ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. ھەر كىم ئۆزى بىلگىنىچە ياشىماقتا. ئامېرىكا سىياسەتچىسى زىبىگنېۋ برىزېنسىكىي پۇتىننى "موسكۋادىكى مۇسسولىنى" دەپ ئاتىغان.

لېكىن، غەربلىكلەرنىڭ كرېملنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرىۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلىشىغا قارىماستىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇنى قوللىماقتا، يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە دائىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ، چېچەن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي،ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرماقچى.