رۇسىيە يەنە دىپلوماتىيىلىك ئويۇن ئويناۋاتامدۇ؟
2006.02.15
يېقىندا پەلەستىن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن "خاماس" تەشكىلاتى سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسلىرى قوزغالدى، ئارقىدىنلا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئىسپانىيىنىڭ مەركىزىي شەھىرى مادرىتتا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ " خاماس " رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە رۇسىيىنىڭ " ھېچ قاچان خاماسنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ھېسابلىمىغان"لىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيىنىڭ غەربكە قارشى بۇ خىل مەيدانى جۈملىدىن يەنە ئىران مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتىسىيىسى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھەر خىل ئىنكاسلىرىنى قوزغىماقتا.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئىسرائىلىيە ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قاراپ كەلگەن " خاماس"نى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى يەنى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن كرىزىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئورنىنىڭ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئومۇمەن، رۇسىيە، پەلەستىن -ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سۆھبىتىگە ئەزا تۆت دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ، رۇسىيە بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئاۋاز كۈچىنى ئىزچىل نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، ئىلگىرىدىنلا پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنى قوللىغان ھەمدە ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق ئەرەپ مەملىكەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىپ، سادام ھۈسەيىنگە ئىزچىل ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلگەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن تېررورىزم بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان " خاماس"نى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىشى زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ دىپلوماتىيىلىك ئويۇنمۇ قانداق؟
پۇتىننىڭ چوڭ ئويۇنى
"ئىقتىسادىي دەۋر" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە " " رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئويناۋاتقان ئويۇننىڭ ،بۇ قېتىمقىسى خېلى چوڭدۇر" دەپ كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە پۇتىننىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئالدى بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، ئىسرائىلىيە ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارشى چىقىپ، بۇنى "ساتقىنلىق" بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما، فرانسىيە، ئىسپانىيىنىڭ بولسا پۇتىننىڭ مەيدانىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەنلىكى شۇنىڭدەك ھازىر "خاماس"نى ياۋروپانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن خىزمەتلەر داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكىدىكى " ۋالل سترەئەت جوئۇرنال" گېزىتى " بۇ تەكلىپ خاماس ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق خەۋەر شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خەلقئارا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن تاشلانغان بىلەتتۇر" دەپ باھا بەرگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىن يىراق بولغان لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئامېرىكىغا قارشى پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقان ۋېنسۇلامۇ ۋلادىمىر پۇتىننى قوللىغان .
موسكۋانىڭ مەقسىتى راستىنلا "خاماس"نى قورال تاشلاتقۇزۇش ۋە ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشمۇ؟
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن رۇسىيىنىڭ "خاماس"نى ھېچقاچان تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارىمىغان"لىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن يەنە " رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى"نى ئەسكەرتكەن. رۇسىيە پارلامېنتى ۋە سىياسىيونلىرى بولسا، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتى ئارقىلىق "خاماس"نى قوراللىق ھەرىكەتنى توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيىنى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندەشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. "خاماس"نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قوراللىق ھەرىكەتتىن ۋاز كېچىشى ھەمدە ئىسرائىلىيىنى ئېتىراپ قىلىشى مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكىردە ئەمەلىيەتتە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئورتاقلىق مەۋجۇت بولۇپ، موسكۋا بۇ نۇقتىدىن پايدىلانغان. لېكىن، ھازىرقى تۈپ مەسىلىلەرنىڭ بىرى "خاماس"تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ھەرىكەتتىن ۋاز كېچىش ياكى كەچمەسلىكىدۇر. رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، سايلامدىن كېيىن، "خاماس" نىڭ رەھبىرى خالېد ماشال ئەنگىلىيىدىكى " قوغدىغۇچى" گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ،" بىز مەزكۇر يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ قانۇنىي ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايمىز" دېيىش ئارقىلىق "خاماس"نىڭ ئىسرائىلىيىنى تونۇمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.
ئۇنداقتا، پۇتىننىڭ مەقسىتى رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىشىمۇ؟
رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن چېچەنلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان " خاماس"قا نىسبەتەن قوش ئۆلچەم قوللانغان. روشەنكى، پۇتىننىڭ ئويۇنىدىكى ئاساسىي نۇقتا رۇسىيىنىڭ دۇنياۋى تەسىر كۈچىنى قايتا تىكلەشتىن ئىبارەت. موسكۋانىڭ ئىران يادرو كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز رولىنى كۆرسىتىشكە تىرىشسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ۋلادىمىر پۇتىنىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى، قىسقىسى مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سىگنال بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى خاماسنىڭ غەلىبىسىنى ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىگە بېرىلگەن زەربە دەپ بىلدۈرگەن.
غەرب ئانالىزچىلىرى پۇتىنىڭ "خاماس"قا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى رۇسىيىنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى بىلەن باغلىسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم رۇسىيە ئانالىزچىلىرى بۇ ئەھۋالنى باشقىچە چۈشەندۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ "خاماس"سىياسىتىدىكى ئىككى ئامىل
"نەۋسرۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، پۇتىننىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسىي ئىككى ئامىل مەۋجۇت بولۇپ، بىرىنچىدىن ھازىر ئىسرائىلىيىدە رۇسىيىدىن كۆچۈپ بارغان بىر قانچە مىليون يەھۇدىيلار ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا كۈچلۈك مەدەنىيەت ئالاقىلىرى مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە رۇسىيە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىۋاتقان مەملىكەت بولۇپ، ھازىر ئىسلام رادىكالىزىمى شىمالىي كاۋكازىيىدىن باشقا يەنە تاتارىستان، باشقورتىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ باش كۆتۈرمەكتە. دېمەك رۇسىيە بۇ نۇقتىدىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشىمەكچى بولغان.
ئىككىنچىدىن، جۇغراپىيىلىك يېقىنلىق بولۇپ، رۇسىيە ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ، ئىسلام دىنى بىلەن خرىستىيان دىنىڭ تۇتاشقان نۇقتىسىغا جايلاشقان. ئىران بولسا، رۇسىيىدىن پەقەت كاۋكازىيە ۋە كەسپىي دېڭىزى ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال رۇسىيىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا رۇسىيە ئىران بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنىمۇ خالىمايدۇ.
شۇنى قوشۇمچە قىلىش كېرەككى رۇسىيىدە ياۋرو-ئاسىياچىلىق ئىدىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش كۆتەرمەكتە، بۇ ئىدىيە تېخىمۇ كۆپ سىياسىيونلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. مەزكۇر ئىدىيىنىڭ تەرەپدارلىرى رۇسىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن خرىستىيان دۇنياسى، تۈرك دۇنياسى بىلەن سلاۋىيانلار شۇنىڭدەك جۇغراپىيىلىك جەھەتتە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ئارىسىغا جايلاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيىنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلماقتا. موسكۋا رەھبەرلىرى بۇ ئىدىيىگە دىققەت قىلىۋاتامدۇ ياكى ئويۇن ئويناۋاتامدۇ قانداق؟ قېنى تەھلىلچىلەر نېمە دەيدىكىن؟ (ئۈمىدۋار)
- رۇسىيىنىڭ "خاماس" نى تەكلىپ قىلىشى ئىسرائىلىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى
- رۇسىيە دائىرىلىرى خاماسنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلدى
- خاماس غەرب ئەللىرىنىڭ ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش نىيىتىدىن ۋاز كېچىش تەلىپىنى رەت قىلدى
- خاماس رەھبىرى خەلقئارانى پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ياردەمنى توختاتماسلىققا چاقىردى
- نامايىشچىلار ئابباسنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى
- خاماسنىڭ غەلىبىسى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كېلەچىكى بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە
- پەلەستىندىكى سايلام نەتىجىسىى، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى ئەندىشىلەندۈردى
- ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارون لىكۇد پارتىيىسىدىن چىكىندى