كۆپ مىليونلۇق ئاز سانلىق مىللەت


2007.03.12

19-ئەسىردە كۆپلىگەن رۇسىيە ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كېلىپ، رايوننىڭ ئېتنوگرافىيىلىك، جۇغراپىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي –ئىقتىسادىي جۈملىدىن سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغان بولسا، 20-ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە يەنە بىر قىسىم سابىق سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغان ئىدى. كونا –يېڭى رۇس ئېكىسپېدىتسىيىچىلىرى، ئالىملىرى ۋە دىپلوماتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ئەجىر سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى، ئېتنوگرافىيىلىك مەدەنىيىتى ۋە باشقا تەرەپلىرى ھەققىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى تەرىقىسىدە ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

بۈگۈنكى كۈندىمۇ رۇسىيىدە بىر قىسىم ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە تەتقىقات نۇقتىلىرىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە قارىتىشقا باشلىغان بولۇپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، ئۇزۇن يىللار ئۇيغۇر تارىخىي تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئالېكساندىر قادىربايېۋنىڭ موسكۋادىكى " مۇستەقىللىق گېزىتى" دە ئېلان قىلغان " كۆپ مىليونلۇق ئاز سانلىق مىللەت" ماۋزۇلۇق ماقالىسى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.

ئىككى ئاساسلىق مۇسۇلمان خەلق تۇڭگانلار بىلەن ئۇيغۇرلار

ئىلگىرىكى ئاساسلىق تەتقىقات تېمىسىنى چىڭگىزخاننىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوينىغان رولى مەسىلىلىرىگە بېغىشلىغان ئالېكساندىر قادىربايېۋ بۇ ساھە بويىچە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئۆز تەتقىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپەرىيىسى دەۋرىگە مەنسۇپ خىتايدىكى يۇئەن سۇلالىسى، ئىراندىكى ئىلخانىلار ۋە ۋولگا-ئۇرال بويلىرىدىكى ئالتۇن ئوردا خاندانلىقلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق يورۇتقان ئىدى.

مەزكۇر رۇسىيە ئالىمى بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى تارىخ بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىپ ئۆزىگە خاس بولغان بىر قاتاريەكۈنلەرنى چىقىرىدۇ ۋە كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاپتور " كۆپ مىللەتلىك ئاز سانلىق مىللەت" ماۋزۇلۇق ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدا موڭغۇللار دەۋرىدە باش كۆتەرگەنلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران ۋە باشقا رايونلاردىن كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا كېلىپ، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەربىي –سىياسىي خىزمەتلىرىگە قاتناشقانلىقى، 14-ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان جامائەتنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن " خۇي" دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئاپتور ھازىرقى خىتاي تەۋەسىدە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلارنىڭ كۆپ نوپۇسلۇق، ئاساسلىق ئىككى مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

رۇسىيە ئالىمى ئالېكساندىر قادىربايېۋ ماقالىسىدە مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىدۇ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1979-يىلىدى دېڭ شىئائوپىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتايدا ئىسلام دىنى قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرمۇ جىددىيلەشكەن بولۇپ، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك خەلقلەر ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان مۇسۇلمانلار يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايدىن مۇستەقىل بولۇش ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. تىل ۋە ئېتنىك مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۆزبەكلەرگە يېقىندۇر. ھازىر 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قازاقىستان پۇقراسى، 30 مىڭى قىرغىزىستان، 12 مىڭى تۈركمەنىستان پۇقراسىدۇر.

ئۇيغۇرلار كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا

رۇسىيە ئالىمى ئالېكساندىر قادىربايېۋ ماقالىسىدە 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىگىلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق خەلق بولغانلىقىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بۇ 50 نەچچە يىل ئىچىدە خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ بارا-بارا ۋە ئومۇمىي يۈزلۈك كۆچۈپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1953-يىلى ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئاھالىنىڭ 80%نى تەشكىل قىلغان بولسا، ھازىر 47%نى تەشكىل قىلىدۇ. خىتايلار 40%تىن يۇقىرى. خىتاي مىللىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېرىشكەن ئىمتىيازلىرىنىڭ ئېشىشى مىللىي جىددىيلىك شەكلىدىكى قارشىلىق ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتلىرىنى كۈچەيتىۋەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىتايلارنىڭ ئاممىۋى يوسۇندا كۆچۈرۈلۈشىنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلىرى ئاھالىلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرالغۇ جاي شەھەر ئاھالىسى ئىچىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بۇ ساھەلەر بويىچە يەرلىك خەلقلەر كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان بولسا، ئىجتىمائىي سالاھىيىتى يەرلىك خەلقتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان خىتايلارغا پايدىلىق بولدى.

ئاپتور ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

موسكۋا ئالىمى ئالېكساندىر قادىربايېۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 90-يىللاردا شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرسىمۇ، لېكىن كۈتكەن دەرىجىدە نەتىجە قازىنالمىغانلىقى شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتىدا دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە مىللىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېڭى چارىسىنى تېپىشقا تىرىشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا تاللاش مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆسۈشىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى بولمىسا، بىرىنچى قەدەمدە رايونغا قارىتىلغان سىياسىي كونتروللۇقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.