سىياسى مۇلاھىزىچى ياڭ لىلىنىڭ "سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىئىتنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى" دېگەن مۇلاھىزىسىدە دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان قوراللارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 2003 - يىلى 6 - ئايدىن 2004 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئەمىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىڭ بەتلىك دوكلات تەييارلاپ چىققان.
بۇ دوكلات سادام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى، سادام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد مەنبەسى ۋە سېتىۋالغان ماللىرى، باشقۇرىلىدىغان بومبا سىستېمىسى، يادرو قوراللىرى، خىمىيىۋى قوراللىرى، بىئو - خىمىيىلىك قوراللىرى دېگەندىن ئىبارەت 6 قىسىمغا بۆلۈنگەن. سىياسى مۇلاھىزىچى ياڭ لىلى بۇ دوكلاتتا كۆرسۈتۈلگەن سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر پاكىتلارنى رەتلەپ چىقىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
بىرىنچى قېتىملىق پارس قولتۇغى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خىتاي- سادام ھەمكارلىغى
"سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، 1 - قېتىملىق پارس قولتۇغى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 10 نەچچە يىل ئىچىدە سادام ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئادەتتە تىنىچلىقپەرۋەر بولىۋېلىپ، ئەمىلىيەتتە مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرىدىغان دۆلەتلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمە غالچىلار كېرەك ئىدى. بۇ مەزگىلدە، سادام ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئىراققا قاراتقان جازالاش تەدبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي، رۇسىيە، فىرانىسىيە قاتارلىق بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان دۆلەتلەرنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سۈرىيە، ئۇكرائىنىيىلاردەك ب د ت دا تەسىر قوزغىيالايدىغان دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە مەنپەئەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىشقا باشلىغان. بۇ ۋاقىتتا، دوكلاتنىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ 2 - قىسىم 3 - بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ قارارلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ، ئۆزىنىڭ ئىراقتىكى نېفىت مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەدەپ سادام ھۆكۈمىتى بىلەن ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى ئورنىشقا كىرىشكەن.
دوكلاتنىڭ 1 - قىسىم 56 - بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، سادام ھۆكۈمىتى 1999 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنى نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىپ، ھەتتا بەزىدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنى توختىتىپ قۇيۇپ، خەلقئارادا نېفىت جىددىلىكى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ب د ت نى جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. بۇنىڭغا ماسلىشىپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چەن چىچېن 2001 - يىلى 11 - ئايدا ب د ت يىغىنىدا ئىراققا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللاپ چىققان.
بەزىدە سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي كېلىشىملەر ئاقماي قالغاندا مۇناسىۋەتتە يىرىكلەشكەن ئەھۋالمۇ يۈز بەرگەن. دوكلاتنىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ 2 - قىسىم 56 - بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، 2002 - يىلى ب د ت ئىراققا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ تىزىملىكىنى كونترول قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، سادام ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىخ ئەزىزنى خىتايغا ئەۋەتكەن.
خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇ روڭجى ۋە مۇئاۋېن باش مىنىستىرى چەن چېچېنلار ئۇنىڭغا كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرمەي "بىز ئىراق مەسىلىسىنىڭ تېزراق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشجانلىق كۆرسىتىمىز" دېگەندەك ناتايىن گەپنى قىلغاندا، سادام ھۆكۈمىتى بىراقلا خىتايدىن يۈز ئۆرۈپ "ئەگەر خىتاي ئىراققا ئېكىسپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ تىزىملىكىنى كونترول قىلىماقچى بولسا، بىز خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلايمىز" دەپ جاكالىغان.
سادام ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇزۇن يوللۇق ئۇچۇر- ئالاقە تېخنىكا مۇناسىۋىتى
"سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىئىتنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت ئىراقتا ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچۇر- ئالاقە سېستىمىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرىلىشنى چەكلىگەن ئىدى. چۈنكى خەلق ئىچىدە قوللىنىلىدۇ دېيىلگەن بۇنداق ئۇچۇر- ئالاقە سىستەمىسىنى ھەربىي ئۈچۈنمۇ قوللىنىش ياكى پايدىلىنىش مۇمكىن ئىدى. سادام ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ چەكلىمىسىگە پىسەنت قىلماي ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچۇر - ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا كىرىشتى. بۇ چاغدا خىتاينىڭ قانۇنسىز شىركەتلىرى ئىراقنىڭ "نېفىتكە يىمەكلىك ئالماشتۇرۇش" دەپ ئاتىلىدىغان پىلانى ئىچىگە بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچۇر - ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى قوشۇپ ساتقان. 2000 - يىلىدا ھەتتا سادام ھۆكۈمىتىنىڭ باغدات شەھرىنىڭ ئەتراپىدا ئۇچۇر - ئالاقە تورلىرىنى قۇرۇپ چىقىدىغان كەڭ كۆلەملىك قۇرۇلۇشىغا خىتاينىڭ "خۇئا ۋېي" دېگەن بىر شىركىتى ئۇچۇق - ئاشكارا قاتناشقان. بۇنىڭغا كېتىئىدىغان ھەممە ماتېرىيالنى خىتاي تەمىنلىگەن. (داۋامى بار) (ۋەلى)