ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا قورال تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە سادام -خىتاي مۇناسىۋىتى (2)
2004.11.05
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا قورال تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە سادام -خىتاي مۇناسىۋىتى
سىياسى مۇلاھىزىچى ياڭ لىلىنىڭ "سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى" دېگەن مۇلاھىزىسىدە دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئەۋەتىلگەن كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان قوراللارنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، 2003 - يىلى 6 - ئايدىن 2004 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىڭ بەتلىك دوكلات تەييارلاپ چىققان. بۇ دوكلات سادام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانى، سادام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد مەنبەسى ۋە سېتىۋالغان مال تۈرلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، يادرو قوراللىرى، خىمىيىۋى قوراللىرى، بىئو - خىمىيىلىك قوراللىرى دېگەندىن ئىبارەت 6 قىسىمغا بۆلۈنگەن. سىياسى مۇلاھىزىچى ياڭ لىلى بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خۇپىيانە سودا مۇناسىۋەتلەرگە دائىر پاكىتلارنى رەتلەپ چىقىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
چەكلەنگەن قوراللارنى ئىراقتا تەرەققى قىلدۇرۇشقا خىتاينىڭ قىلغان ياردىمى
"سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، "كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان قوراللار" دېگەن ئۇقۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يادرو قوراللار، خىمىيىۋى قوراللار، بىئو-خېمىيىلىك قوراللار نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سادام ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئىراق - ئىران ئۇرۇشىدا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇشتا بىئو-خېمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكى، كۇۋېيتكە تاجاۋۇز قىلغانلىقى، خوشنا ئەللەرگە تەھدىت سالغانلىقى ئاللىقاچان خەلقئاراغا مەلۇم بولغان ئىدى. شۇڭلاشقا ب د ت نىڭ 687 - نومۇرلۇق قارارىدا ئىراقتا يادرو قوراللارنىڭ بولۇشى چەكلەنگەن. گەرچە بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان قوراللار تېخى بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا قوللىنىش قاتتىق چەكلەنگەن قوراللار ئەمەلىيەتتە ئىراقتا مەۋجۇت. بۇنداق قوراللارنى تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان نازۇك ئۈسكۈنە، سۈرئەتنى تىزلىتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ھېساپلاش ئەسۋابى، باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ ئوق ئۇچىغا ئىشلىتىلىدىغان سىياتاش، ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق ئۇچۇر - ئالاقە قوراللىرى قاتارلىقلار خىتاينىڭ خۇسۇسلاشتۇرۇلغان دۆلەت كارخانىلىرى، نامىنى ئۆزگەرتكەن ھەربىي شىركەتلىرى ياكى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئۈچىنجى بىر دۆلەت ئارقىلىق تەمىنلەپ تۇرغان. سادام ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىش جەريانىنى ئىراقنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يۇشۇرۇنغان سادامنىڭ جاسۇسلىرى ئورۇنلىغان. چەكلەنگەن قوراللارنى ئىراقتا تەرەققى قىلدۇئۇرشقا خىتاينىڭ قىلغان ياردىمىنىڭ تەپسىلاتى دوكلاتنىڭ ئەسلى تېكىسىتىنىڭ 2 - قىسىم 110 - بېتىدە بايان قىلىنغان.
بىئو-خىمىيىلىك قوراللارنى يۈكلەپ ئۇچىدىغان ئۇچاقلارنى ياساش جەھەتتە خىتاينىڭ بەرگەن ياردىمى
"سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىئىتنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، بىئوخېمىليىلىك قوراللارنى ئادەتتە باشقۇرىلىدىغان بومبا يۈكلەپ ئۇچىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سادام ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسىنىڭ مۇساپىسىنى ئۇزارتىپ چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلغاندىن سىرت، بۇ مەقسەت ئۈچۈن يەنە، دوكلاتنىڭ ئەسلى تېكىسىتىنىڭ 3 - قىسىم 44 - 45 - بەتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، سادام ھۆكۈمىتى 1991 - يىلىدىلا م ئى گ - 21 بەلگىلىك يېراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئۇچاقلارنى ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ يارىدىمىگە ئېرىشكەن. سادام ھۆكۈمىتى ھەتتا ل - 29 بەلگىلىك ئۇچقۇچى تەربىيىلەيدىغان ئايرۇپىلانلىرىنىمۇ يېراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئۇچاقلارغا ئۆزگەرتىشنى پىلانلاپ كۆپ خىل سىناقلارنى ئېلىپ بارغان. ئەمما سادام ھۆكۈمىتى بۇ پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان سىناقلاردا مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمىغان.
سادام ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ خىلمۇ - خىل ئالاقىسى
"سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋىتى" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىسى كونترول قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈن خەلقئارالىق جەمىيەتلەرنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ سادام ھۆكۈمىتى بىلەن يالغان شىركەت قۇرۇپ تىجارەت قىلىش، مەخسۇس جاسۇسلار ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ خۇپىيانە مۇئامىلىدە بولۇپ كەلمەكتە. (داۋامى بار) (ۋەلى)