ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا قورال تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە سادام -خىتاي مۇناسىۋىتى (3)


2004.11.10

ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا قورال تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە سادام -خىتاي مۇناسىۋىتى

"كۆزۈتۈش ژورنىلى" نىڭ سىياسى مۇلاھىزىچىسى ياڭ لىلىنىڭ "سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى" دېگەن مۇلاھىزىسىدە دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ئەۋەتىلگەن بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 2003 - يىلى 6 - ئايدىن 2004 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان قوراللار مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ مىڭ بەتلىك دوكىلات تەييارلاپ چىققان. بۇ دوكلات سادام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پىلانى، سادام ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد مەنبەسى ۋە سېتىۋالغان مال تۈرلىرى، باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسى، يادرو قوراللىرى، خىمىيىۋى قوراللىرى، بىئو - خىمىيىلىك قوراللىرى دېگەندىن ئىبارەت 6 قىسىمغا بۆلۈنگەن.

ياڭ لىلى بۇ دوكلاتتا مەلۇم بولغان سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خۇپپىيانە سودا مۇناسىۋەتلەرگە دائىر پاكىتلارنى رەتلەپ چىقىپ، بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.

سادامغا ئىشلىگەن خىتاي جاسۇس

"سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى " دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، دوكلاتنىڭ ئەسلى تېكىسىتىنىڭ 1 - قىسىم 59 - بېتىدە ئەيتىلىشىچە، سادام ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى خىتاي، رۇسىيە، يۇگۇسلاۋىيە، بىلورۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالىملار ئىچىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ئادەملەرنى تاللىۋالغان.

سادام ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ۋاقتىنچە "ئىختىيارى مەسلىھەتچى" دەپ ئىراققا تەكلىپ قىلىپ، ب د ت تەرىپىدىن ئىراققا يۈرگۈزىلىۋاتقان جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھامان ئۇلارنى ئىراققا رەسمى تەكلىپ قىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىش ئۈچۈن قوللىنىئىدىغان ھەرخىل قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان. سادام ھۆكۈمىتى خىتايدىن تاللىۋالغان پىروفوسسور شۈ ئەپەندى خىتاينىڭ ئالى دەرىجىلىك ئىلىكتىرونلۇق ئۇرۇش قىلىش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.

سادام ھۆكۈمىتى بۇ ئەپەندىدىن ھەربىي مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىدىغان رەسىمگە ئېلىش سىستېمىسى ۋە باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ يۆنىلىشىگە كاشىلا قىلىدىغان ئۇلترا نۇر سىستەمىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان. سۆھبەتكە خىتاينىڭ چىئەچ دەپ قىسقارتىلىپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق كۆرگەزمە گۇروھى دېگەن شىركىتى قاتناشقان. خىتاينىڭ ئالى تېخنىكىلىق كاشىلا قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئىراقتا سىناق قىلىنغاندا، ئۇ سادام ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن سېتىۋېلىنمىغان. ئەمما خىتاي شىركىتى بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىراققا ۋاقتىنچە ئىشلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئارىيەت بەرگەن. دوكلاتنىڭ ئەسلى تېكىسىتىنىڭ 2 - قىسىم 288 - بېتىدە ئەيتىلىشىچە، شۈ فامىلىلىك خىتاي مۇتەخەسسىسى 2001 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئىراقنىڭ جاسۇسلۇق ئورگىنىغا رەسمى قەسەم بېرىپ ئەزا بولۇپ كىرگەن. سادام ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا ئەزالىق مۇكاپاتى دەپ 7500 ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن ھەرئايدا 500 ئامېرىكا دوللىرى بېرىپ تۇرغان. بۇ مۇتەخەسسىس خىتاي بىلەن ئىراننىڭ قوزغىتىلغان نۇر بىلەن كونتىرول قىلىش سېستىمىسى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىغا دائىر ئاخباراتلارنى توپلاشقا كىرىشكەن.

سادام - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقىچە بايانى

"سادام ھۆكۈمىتى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىئىتنىڭ ھەربىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى " دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سادامنىڭ ئىراقىنى گۈللەندۈرۈش سوتسىئال پارتىيىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا قۇرۇلۇپ تا 68 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانغا قەدەر، ئۇ ئىراق كوممۇنىست پارتىيىسىگە قارىتا قاتتىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ئىدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 60 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سوغۇقلىشىپ بەس - مۇنازىرە قىلىشقاندا، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىراق كوممۇنىست پارتىيىسىگە ياردەم بەرمىدى دەپ ئېيىپلىغا ئىدى. 1980 - يىلى ئىراق - ئىران ئۇرۇشى پارتلىغاندا، خىتاينىڭ تاغ - جىرالارغا بىكىنىۋالغان ھەربى زاۋۇتلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئوق - قورال ئىشلەپچىقىرىپ ئىراققا سېتىشقا باشلىدى. سادام 1990 - يىلى 8 - ئايدا كوۋېيتكە تىجاۋۇز قىلىپ پارس قولتۇغى ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراقتىن يۈز ئۆرۈپ ئامېرىكا تەرەپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ يىلى ب د ت سادام ھۆكۈمىتىگە قارىتا جازا يۈرگۈزگەندە، خىتاينىڭ جاڭ زېمىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا قارشى كەيپىيات قوزغاتقان ئىدى.

شۇ ۋاقىتتا كوممۇنىست خىتاي بىلەن سادام ھۆكۈمىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ مۇناسىبىتى قايتىدىن قۇيۇقلاشتى. ئىراق دېگەن بۇ دۆلەت ماۋزېدوڭ دەۋرىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "ئەخلاق" تەشۋىقاتىنى ئاڭلاپ تۇرغان بولسا، دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە خىلاپ بولغان ئوق - ياراقلىرىنىڭ "مىس پۇرىقى"نى پۇراپ تۇرىدىغان بولدى. خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى خۇجىنتاۋ ھۆكۈمىتىمۇ 2003 - يىلى 4 - ئايدا، بۇرۇن ئىراق بىلەن خۇپپىيانە سودا قىلغان شېنجېندىكى "خۇئاۋېي" دېگەن شىركەتنى زىيارەت قىلىپ ئۇنىڭغا قايتىدىن مەدەت بەردى. (تۈگىدى) (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.