خوڭكوڭدىكى چوڭ سايلام

خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پارلامېنت سايلىمى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىقى بولۇپ، ھەتتا سايلام بېلىتى خوڭكوڭ ئارىلى رايونىدا ھازىرغىچە قايتا سانالماقتا.

بۇ قېتىملىق سايلام نەتىجىسى پىلاندىكىدىن 10 نەچچە سائەت كېيىن ئېلان قىلىنىپ، دىموكراتچىلار پارلامېنتتىكى 60 ئورۇننىڭ 25 ئىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئۆتكەن قېتىملىق سايلامدىن 3 ئورۇن كۆپ بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دىموكراتچىلارنىڭ پەرەز قىلغىنىدىن كۆپ ئاز بولغان. ئەمما بېيجىڭپەرەس يېڭى ھۆكۈمەت سېپىدىكىلەرنىڭ 30 ساننى ئىگەللەپ پارلامېنتتا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ئانالىزچىلارنى ھەيران قالدۇردى.

بېيجىڭپەرەس سېپىنىڭ سايلامدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبى

سايلامدىن كېيىن خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىدا دەرھاللا بۇ ھەقتە ئىنكاسلار ئېلان قىلىنىپ، بەزى ئانالىزچىلار بۇ سايلامنىڭ خوڭكوڭدىكى دىموكراتچىلار بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى چوڭ رىقابەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزى ئانالىزچىلار، بېيجىڭپەرەس سېپىنىڭ سايلامدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنىڭ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سايلامغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوڭكوڭدىكى دىموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ياڭسېن، بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ھەقىقەتەن كەسكىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ % 50 تىن ئېشىشى، دىموكراتىيەنى سۆيىدىغان خوڭكوڭ خەلقىنىڭ تىنچ ۋە كوللىكتىپ ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ دىموكراتىك ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، شۇڭا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى مەركەز بىلەن قارشىلىشىش دەپ قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق سايلامدا كىشىنىڭ دېققىتىنى ھەممىدىن تارتقىنى، داۋاملىق نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرىدىغان ۋە كۆپ قېتىم تۈرمىدە يېتىپ چىققان لىياڭ گوشيوڭنىڭ پارلامېنتتا بىر ئورۇنغا ئېرىشىشى بولدى. شۇنداقلا ئۇ خوڭكوڭدىكى دىموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان بىر تال مىق دەپ قارىلاتتى.

خىتاي ئاساسىي قانۇن لايىھە كومىتىتىدىكى پروفىسسور شىياۋ ۋېييۈن، سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغۇچىلارنىڭ " ئاساسىي قانۇن" غا سادىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. شۇڭا لىياڭ گوشيوڭنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ دۇچ كېلىدىغان بىرىنچى مەسىلىسى، " ئاساسىي قانۇن" غا سادىق بولۇشقا قەسەم قىلامدۇ-يوق؟

خەلق مېنى سايلاپ چىقتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرەلمەيمەن

لىياڭ گوڭشيوڭ بۇ ھەقتە، بۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى:

" ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇش؟ مېنىڭ ئەلبەتتە ئۇنىڭغا سادىق بولغۇم يوق. ھەمدە ئۇنىڭ سادىق بولۇشمۇ زۆرۈر ئەمەسقۇ؟! ئەمما ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەندەك، ئۇنىڭغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدىغۇ. خەلق مېنى سايلاپ چىقتى. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرەلمەيمەن."

دۈشەنبە كۈنى سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لىياڭ گوشيوڭ ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتىرىپ يۇقىرى ئاۋازدا ئاممىغا قاراپ، " دىموكراتىيە ياشىسۇن، خەلق ياشىسۇن!" دەپ توۋلىدى. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خاراكتېرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ، خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا لىياڭ گوشيوڭ " بىر پارتىيىلىك دىكتاتور تۈزۈم" گە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان كىشى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە باشتىن-ئاخىر قارشى تۇرۇپ كەلدى. ئۇ يەنە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭغا قول تىقىشى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى

"ئەگەر مەركەز توختىماي توسالغۇلۇق قىلسا، ئۇنداقتا يەرلىكنىڭ ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىللارغا قاراپ بېقىڭ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ خوڭكوڭغا قول تىقىشى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇنداق بولسا خوڭكوڭنىڭ مەسىلىلىرىنى قانداق قىلىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولسۇن؟! "

خوڭكوڭ سايلام كومىتىتى سايلام ئاخىرلاشقاندىن بۇيان ھازىرغىچە جەمئىي 1 مىڭ 300 پارچە ئەرزنامە تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇلار ئاساسلىقى، بېلەت ساندۇقىنىڭ تەييارلىقى پۇختا بولماسلىق، بېلەت ساناش سۈرئىتى ئاستا بولۇش ۋە تاشلانغان بېلەت بىلەن ھېسابلاپ چىققان بېلەت سانى ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىقلار.

سايلام نەتىجىسىدىن كېيىن، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقى دوڭ جىيەنخۇا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكالىدى.

بۇ ئارىدا يەنە، خىتاي دۆلەت كابىنتى خوڭكوڭ، ماكاۋ ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن زوئېر مەزكۈر سايلامنى تەبرىكلەپ، بۇنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش، خوڭكوڭلۇقلار خوڭكوڭنى ئىدارە قىلىش ۋە يۇقىرى ئافتونومىيەنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ( پەرىدە )