خىتاي ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا بۇش ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا خەلقى سەيشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتىنى سايلايدۇ. خەلق رايىنى سىناشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىگە قارىغانداپرېزىدېنت بۇش بىلەن جون كەررېي، 49 ٪ ئاۋاز بىلەن ئات بېشى كېتىۋاتىدۇ.

ئەيىبلەشنىڭ سەۋەبى

ئىككى پارتىيە نامزاتى سايلام ھارپىسىدىكى رىقابەت پائالىيىتىنى فلورىدا بىلەن ئوخايۇدا ئېلىپ باردى. سايلامنىڭ ھارپا كۈنى نامزاتلار ئوتتۇرىسدىكى رىقابەت يۇقىرى پەللىتىگە چىققان بىر چاغدا، خىتاي ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش، ئىراققا ھۇجۇم قىلىپ تېررورچىلىقنى كۈچەيتىۋېتىش، مىللى توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش بىلەن ئەيىپلىدى.

19.jpg

بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈرۈشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دۈشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى سىياسىتىنىڭ باش لايىھىلىگۈچىسى دەپ قارالغان خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى چيەن چىچىن، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى "جۇڭگو گېزىتى" دە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئىراققا قوزغىغان ئۇرۇشى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئىتتىپاقنى تار-مار قىلىپ، نەتىجىدە 150 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئىراقتا پاتقاققا پېتىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاينىڭ قارىشىدىكى خام خىيال

خىتاينىڭ سايلامغا بىر كۈن قالغاندا ئامېرىكا پرېزىدېنتىنى تەنقىد قىلىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، چيەن چىچىن ماقالىسىدا، دىموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى جون كەررېينى تىلغا ئالمىغان. "جۇڭگو گېزىتى" دىكى ماقالىسىدا "ئامېرىكا 21 -ئەسىرنى ئامېرىكا ئەسىرى بولىدۇ دەپ خىيال قىلىۋاتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن چيەن چىچىن، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەخسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چيەن چىچىن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق سىياسىتىنى تەنقىپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى قىيىنچىلىقى بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى، بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئۈستۈن چاغلاش پىسخىكىسى ئۇنىڭ ئەمىلى ئىقتىدارىدىن ئېشىپ چۈشكەندە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ".

ئىختىلاپ كۈچىيىشىدىكى سەۋەب

چيەن چىچىننىڭ يېزىشىچە، ئىراق ئۇرۇشى يەر شارى مىقياسىدىكى تېررورچىلىق ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى كۈچەيتىۋەتكەن. ئۇ، "ئىراق ئۇرۇشى زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئۇرۇش، ئالدىنئالا زەربە بېرىش پرىنسىپى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك قوللانمىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەك" دەپ كۆرسەتكەن. چيەن چىچىن يەنە مۇنداق دەيدۇ : "ئىراق ئۇرۇشى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئىتتىپاقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى". چيەن چىچىن ئىبارىسى قاتتىق سۆزنى ئىشلىتىپ، “ ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قوغداش چەك - چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى" دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكىنى خەلقئارادا قارشى ئېلىنمايدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغان

ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكىنى خەلقئارادا قارشى ئېلىنمايدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن چيەن چىچىن، "بەزى ياۋروپالىقلار، ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئوخشاش دۇنيادا ياشاۋاتىمىز دەپ قارايدۇ، بىراق ھازىر بۇ خام خىيالدىن ۋاز كېچىش ۋاقتى كەلدى". چيەن چىچىننىڭ ماقالىسىدا، دىموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتىنى تىلغا ئالمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جون كەررېينى قوللايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر پرېزىدېنت سايلىمىدىكى نامزاتلىرىنىڭ قايسىسىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى مەسىلىسىگە ئارىلىشىش نىيىتى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكىدا سۈرگۈندىكى ئاتاغلىق ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى، سايلامدا دىموكراتلار نامزاتى جون كەررېي غەلىبە قىلسا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

نازۇك مەسىلە - گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار

چيەن چىچىننىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا بۇش ھۆكۈمىتىنى تەنقىت قىلىشى ئانالىزچىلارغا تاسادىپى تۇيۇلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف، خىتاينىڭ بۇش ھۆكۈمىتىنى تەنقىت قىلىشىدىكى سەۋەپنى، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە باغلاپ چۈشەندۈردى.

خىتاي، بۇش ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزىۋالغاندا ئامېرىكىنىڭ ستىراتىگىيىلىك رىقابەتچىسى دەپ قارالغان، 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ۋاشىنگتوننىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتىكى ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن بولغان تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش يولىدا تىرىشقان. بىراق يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن جازالانمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەئىسرلەرنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)