شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى نېمە؟


2005.07.07
KAZAKHSTAN-RUSSIA-CHINA--29.jpg
(سولدىن) ئىسلام كېرىموف، نۇرسۇلتان نازاربايېف، پۇتىن ۋە خۇ جىنتاۋ ئاستانادا. AFP

7-ئاينىڭ 5-كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق ئالتە مەملىكەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق تەرىپى شۇكى بىرىنچىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىراننىڭ ۋەكىللىرى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان بولسا، ئىككىنچىدىن يىغىننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئاستانا خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چەتئەل قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ۋاقتىنى بېكىتىشكە چاقىرىق قىلىنغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىل ئاشكارە خىتاپ قىلىشى بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ دەرھال ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسىنى شۇنىڭدەك خەلقارا مەسىلىلەر كۆزەتكۈچىلىرىنىنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى

2001-يىلىدىكى سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىلگىرى- كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىدا ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ خان ئاباد دېگەن جايىدا ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى كۈچلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھەربىي بازىلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ جايلاردا مەلۇم ساندا قوشۇن تۇرغۇزۇلدى. ھازىر بۇ بازىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ۋاقتىنى ئېنىق بەلگىلەش تەلىپىنى رەت قىلدى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بىلدۈردى:

"ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قوشۇن تۇرغۇزۇشى ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستانمۇ ئۇ جايدا ئامېرىكىنىڭ قوشۇن تۇرغۇزۇشى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ھېسابلىغان."

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىنكاسى

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قوشۇن تۇرغۇزۇشى ئامېرىكا بىلەن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستانمۇ ئۇ جايدا ئامېرىكىنىڭ قوشۇن تۇرغۇزۇشى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ھېسابلىغان.

ئامېرىكا مىراس فوندىنىڭ خادىمى ئاتاقلىق مۇتەخەسسىس ئارىئەل كوئەن ئەپەندىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازا قۇرۇشى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم . چۈنكى ، ئۇنداق بولمىغاندا ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولاتتى. ئەمما ھازىر ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازا ۋاقىتلىق توختىتىلىپ قويۇلغان بولۇپ، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقى قايتىدىن يولغا قويۇلمىغىچە ئىشلىتىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن بۇش ھۆكۈمىتى كېرىموف بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇرۇنقىدەك قىزغىنلىق بىلەن ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس دەپ ھېسابلىدى. شۇڭا بەلكى ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى بازىنىڭ ئورنىغا قىرغىزىستاندىكى بازىنى ئىشلىتىشى ۋە تاجىكىستاندىمۇ ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىن.

پاكىستانلىق ئاتاقلىق ئانالىزچى ئەخمەد رەشىدنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن قىرغىزىستان، تاجىكىستان ھەتتا ئافغانىستاننىڭ ئۆزىدە ھەربىي بازىلىرى بار. دېمەك ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىكى بازىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن كەرىموپنىڭ بۇ بازىنى چەكلەش تەھدىدىگە باش ئېگىشى مۇمكىن ئەمەس. بازىلار ئاساسىي رول ئوينىيالمايدۇ. ئاساسىي رول ئوينايدىغىنى ئەگەر كەرىموپ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ھەر قانداق دىپلوماتىك ئويۇن ئوينىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە كەسكىن سىگنال بېرىشتۇر.

ئەخمەت رەشىد سۆزىدە ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى دېموكراتىيە مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتا بولغانلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ پەقەت دۆلەت بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، كەرىموپ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش تەشەببۇسىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكىنى كەرىموپنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قەتىي چاقىرىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنكاسى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ ئاستانا خىتاپانامىسىدە ئاشكارا ھالدا ئامېرىكا باشلىق غەرب كۈچلىرىنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە چاقىرىق قىلىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە كۆزەتكۈچىلىرىنىڭمۇ تۈرلۈك ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان. بەس مۇنازىرىلەر ئاساسلىقى شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى كۈچكە ئايلىنىشى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىدىن ئۆچ ئېلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيالىق مۇلاھىزىچى ئا. شاكىر ئوتتۇرا ئاسىيا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ غەربكە قارشى گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشتەك ناھايىتى خەتەرلىك سىياسىي يۈزلىنىشكە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالە ئاپتورى بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ۋە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ ھەمدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىلگىرى كېيىن موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا كەرىموپنىڭ تېخى يېقىنقى كۈنلەردە ئېلىپ بارغان موسكۋا زىيارىتى بولۇپ، ئۇ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تاشكەنتنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرۇشىنى قوللىشىغا ئالاھىدە رەھمەت بىلدۈرگەن.

رۇسىيە ئانالىزچىسى ئاركادىي دۇبنوپنىڭ رۇسىيىدىكى "خەۋەرلەر ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدەيېزىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش لايىھىسى بۇ يىل 4-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، بۇ تەكلىپنى ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ ئوتتۇرىغا قويغان . ھەتتا، مەزكۇر تەكلىپ يەنە ئىسلام كەرىموپنىڭ يېقىندا موسكۋاغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدىمۇ يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ قارارغا نىسبەتەن قىرغىزىستان ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ ھېچقانداق رېئاكسىيىسى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئۇ مۇمكىن قەدەر بۇنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك ئۇ يىغىن ئاخىرلىشىپلا نازاربايېۋنىڭ 65 ياشلىق مەرىكىسىگە بېغىشلانغان مۇراسىمگە قاتناشماتىن ئاستانىدىن ئايرىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 13-ماي ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسلام كەرىموپنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ئىدى. نەتىجىدە، ۋاشىنگتون بىلەن تاشكەنتنىڭ ئارىسىنى سوغۇقلۇشۇپ قالغان بولۇپ، كەرىموپ خان ئابادتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا چەك قويغاندىن كەيىن، ئامېرىكا بىر قىسىم ئايروپلانلىرىنى بىشكەككە يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

بۇ ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئالغان مۇتەخەسسىسلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك دىكتاتور تۈزۈم ھىمايىچىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.