شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىغا قارشى
2006.04.19
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ كېڭىيىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەكتە، موڭغۇلىيە، ئىران، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلگىرى بۇ تەشلكىلاتنىڭ يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ پات ئارىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمى ئەزاسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، ئىران خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ يېقىن ھەمكارلىشىش ئوبىكتى بولۇپ قالغان.
ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئوبىكتى
ئۇزۇن مەزگىل دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۆزبېكىستان, تۈركىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان ھىندىستان دىپلوماتى بادراكۇمار يېقىندا خوڭكوڭدا چىقىدىغان ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىندىستان دىپلوماتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يىغىنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا بەلكى ئىران رەسمى تۈردە "مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرگۈزۈلۇشى مۇمكىن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى جاڭدېگۇئاڭ بۇ يىل 1-ئايدا مەزكۇر تەشكىلاتقا يېڭى ئەزالارنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس كېرەك بولسىمۇ، بىراق شەڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستان، ئىران ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇش-بولماسلىقى مەسىلىسىدە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى كۆپ ئويلىنىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ" دېيىش ئارقىلىق شاڭخەي تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى
ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئىزچىل تۈردە قاتنىشىش تەرەپدارى بولۇپ، ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانوچەھر مۇھەممەدى موسكۋادا تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئاپتورنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئېيتقاندا ئىراننى قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور بۇ يەردە يېقىندىن بۇيان ئىراننىڭ ئاتوم يادرو پىلانىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ھەل قىلىشى زۆرۈرلىكىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. ئاپتورنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە ئىراننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىى ئامېرىكىنىڭ ئىراننى رەزىل دۆلەتلەرنىڭ بىرى دەپ ئەيىبلىشىنى ئاجزىلىتىدۇ.
شاڭخەي تەشكىلاتى ۋاشىنگتوننى ئەندىشىگە سالدى
ئاپتور يەنە خىتاي ۋە رۇسىيە سىياسەتچىلىرى ھەم دىپلوماتلىرىنىڭ دائىم ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا تۇتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلەش پوزىتسىيىسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىڭگتون شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى چۈشىنىپ يېتىپ, ئۆتكەن يىلىدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن. بۇ رەت قىلىنىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىنى بېكىتىش قارارىغا قوشۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىپلوماتىيىسىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنى ئاشۇردى ھەمدە بۇ ئەھۋاللار ۋاشىڭگتوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندا لىزا رايىس ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىدارىسى قايتا تەرتىپكە سېلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇقۇمى ۋە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ كۆزەئەتكۈچىسى بولۇش ئىدىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيانى جەنۇبىي ئاسىياغا يېقىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ رايوننى رۇسىيە بىلەن خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇشتۇر، ئافغانىستان رەھبىرى ھامىد كارزاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىش تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى، ئەكسىچە جەنۇبىي ئاسىيا ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇشقا تىرىشتى.
ھىندىستان دىپلوماتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىپلوماتىيىسىدە كۆزگە كۆرۇنگىدەك نەتىجە يوق، ۋاشىڭگتون قازاقىستاننى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق ھەمكارچىسى قىلىشنى خالايدۇ . ئامېرىكا كاسپىي رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا ئارىلىشنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا يەنە باكۇ-جەيھان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قازاقىستان نېفىت مەنبەلىرىنى كونترول قىلىشقا ئىنتىلمەكتە. بىراق, قازاقىستان بۇنىڭغا ئاسانلىقچە قوشۇلمىغان، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 4-ئايدا موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا نېفىت مەسىلىسىدە رۇسىيىگە داۋاملىق بېقىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئاپتورنىڭ كۆرسىتىشىچە, ۋاشىڭگتون بىلەن ئۈزبېكىستاننىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن ھالاتتە تۇرماقتا. تاجىكىستانمۇ داۋاملىق تۈردە رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا تايانماقتا. ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا نىسبەتەن يېپىق مۇئامىلىدە بولماقتا، ئەمما، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى پات ئارىدا ئافغانىستاندا ئۆزىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن قورشالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بۇنداق قىيىنچىلىققا قالغاندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا نامىغا لايىق رول ئوينايدۇ.
ئاپتورنىڭ يەكۈنىچە, خىتاي بىلەن رۇسيە پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق, ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى
- خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە (3)
- خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە (2)
- خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە (1)
- شاڭخەي ھەمكارلىقى كىمگە كېرەك؟
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەربكە قارشى كۈچ ئۇيۇشتۇرماقتا
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەمدۇ ؟
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا