
يېقىندا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە "ئاستانا خىتاپنامىسى" نىڭ ئېلان قىلىنىشى، خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە ۋە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، موسكۋا بىلەن دۇنيانىڭ تەرتىپىنى بىرلىكتە بەلگىلەش قارارىغا كېلىشى ھەمدە قازاقىستان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر شاڭخەي ھەمكارلىقىدىن ئەڭ ئازاپ چەككۈچىلەردۇر
بۇ قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يەنە شۇ كونا تېما تېررورىزىم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئىزدەۋاتقان ئادەملەرنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدىمۇ پۈتۈشكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارىغا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىن قىرغىزىستانغا قېچىپ كېلىپ پاناھلانغان شۇنىڭدەك ئىسلام كەرىموپ تۈزىمىگە قارشى تۇرۇپ، ئەتراپتىن ئۆزىگە پاناھلىنىدىغان جاي ئىزدەۋاتقان ئۆزبېك پائالىيەتچىلىرى ھەمدە خىتاينىڭ ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىغا ۋە مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارغا بىۋاستە قارىتىلغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.
غەربلىك مۇلاھىزىچى كارىل گروبىنىڭ رۇسىيىدە چىقىدىغان "چەتئەل ئاخباراتلىرى" ناملىق ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان " ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆكتىچىلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت قالمىدى" ناملىق ماقالىسىدە مەزكۇر مەسىلە يورۇتۇلغان بولۇپ، ئاپتور رۇسىيە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇت دىكتاتۇرۇلۇق دۆلەت تۈزۈملىرىگە قارشى تۇرغان ئۆكتىچىلەرنىڭ قوشنا مەملىكەتلەردە يوشۇرۇنۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى، بولۇپمۇ بۇنىڭدىن ئۆزبېكىستاندىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 13-مايدىكى ئەندىجان ۋەقەسىدە 500 دىن ئارتۇق مۇساپىر قوشنا قىرغىزىستانغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە تىرىشماقتا. 13-مايدىكى ۋەقەدە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى 176 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتسا، ئەمما، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر 500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ماقالە ئاپتورى كارىل گروبى ئۆز بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقلىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى "خىتاينىڭ ئالدى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستانلارنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە بىپايان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قارھسىلىقلارنى باستۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى" كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يەردىكى ئاھالىلار ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان 8 مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي خەلق –ئۇيغۇرلار مەۋجۇت . بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى مۇختارىيەتنى خالايدىغانلار بىلەن رادىكال مۇستەقىلچىلەرنى پەرقلەندۈرمەستىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا تېررورچىلار دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى قارشىلىقلارغا سەۋەپ بولغان ئامىللار قازاقىستان چېگرىسىغا ۋە قەشقەرگە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپىيىپ كەتكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە يەرلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ناچار قىلمىشلىرى ھەم ئەسكىلىكلىرى ۋە باشقىلاردۇر.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى مۇختارىيەتنى خالايدىغانلار بىلەن رادىكال مۇستەقىلچىلەرنى پەرقلەندۈرمەستىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا تېررورچىلار دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى قارشىلىقلارغا سەۋەپ بولغان ئامىللار قازاقىستان چېگرىسىغا ۋە قەشقەرگە تۆمۈر يول تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپىيىپ كەتكەن خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە يەرلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ناچار قىلمىشلىرى ھەم ئەسكىلىكلىرى ۋە باشقىلاردۇر.
ماقالە ئاپتورى كارىل گروبى ئۆز تەھلىللىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭمۇ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارىسىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى بار بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى تەشكىلاتلىرى ھەركەت قىلغان . بىراق، كېيىن بۇلار پائالىيەتلىرىنى تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولغان.
ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن قازاقىستان بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ ۋە مەبلەغ سەرپ قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بۇ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
" شىنجاڭ نېفىت مەنبەسىلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن مەركىزىي خىتاي ئارىسىدىكى نېفىت ئېكىسپورت ئىشلىرى جەھەتتە ۋاستىچىچى بولۇشى جەھەتتە خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. قازاقىستاندىن شىنجاڭغا تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى بۇ يىل 12-ئايدا ئىشقا كىرىشىدۇ.1992-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي دۆلەتلىك نېفىت كومپانىيىسى قازاقىستانغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ئۇ جايدىن نېفىت ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. يېقىندا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىر قانچە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويدى."
خىتاينىڭ مەقسىتى -نېفىتكە ئېرىشىش ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى قىسقارتىش
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن ئىككى مەقسىتى بارلىقىنى شەرھلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان نېفىتكە بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇقىم ھاكىمىيەتلەرنىڭ بولۇشىنى خالايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى قىسقارتىشنى ئارزۇ قىلدۇ. يېڭى ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئامېرىكىنى ئۆكتىچىلىك ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ تايانچىسى دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا تىرىشماقتا.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاستانادا ئۆتكۈزىلگەن يىغىنىنىڭ قارارى سۈپىتىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىشمۇ تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ رۇسىيە، خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەنپەتلىرىگە بەكرەك ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، بىراق ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلەپلەرنى رەت قىلغانلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)