سىمالۇ ئەپەندىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە دائىر تارىخىي دەلىللەر" ناملىق ئەسلىمىسى

بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىندا خوڭكوڭدا سىمالۇ ئەپەندىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە دائىر تارىخىي دېلىللار" ناملىق ئەسلىمىسى نەشىر قىلىنغان. سىمالۇ ئەپەندى ھازىر 85 ياشتا. ئۇ 18 يېشىدا يەنئەنگە بېرىپ كوممۇنىست پارتىيىگە قاتناشقان. 1943 - يىلى پارتىيىدىن چېكىنىپ چىققان. 1949 - يىلى خوڭكوڭغا كەتكەن. خوڭكوڭدا تۇرغان مەزگىلىدە "ئەركىن شەرق" ژورنىلىنى ۋە جوڭگو مەسىلىلىرى تەتقىقات مەركىزى" نى تەسىس قىلغان. 1983 - يىلى 64 يېشىدا ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن. يېقىندا سىمالۇ ئەپەندىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە دائىر تارىخي دەلىللەر" ناملىق ئەسلىمىسى نەشر قىلىندى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئەركىن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىمالۇ ئەپەندى 2004 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھرىدە "بېيجىڭ باھارى ژورنىلى" تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆزىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە دائىر تارىخىي دەلىللەر" ناملىق ئەسلىمىسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:

" مىنىڭ بۇ كىتابىم خوڭكوڭدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابىمنىڭ نامى "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە دائىر تارىخىي دەلىللەر" - سىمالۇ ئەسلىمىسى، دەپ ئاتالدى. مەن ناھايىتى كىچىك چېغىمدىلا كوممۇنىست پارتىيىگە قاتناشقان. كوممۇنىست پارتىيىسى سادىر قىلغان نۇرغۇن جىنايەتلەرنى بىلىمەن. بۇنى نۇرغۇن ئادەم بىلىپ كەتمەيدۇ ھەم كۆرەلمىگەن، ئۇنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ. مەن ئۇنى يېزىپ چىقتىم...

بېيجىڭ باھارى ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، سىمالۇ ئەپەندى ئۆمرىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ماۋ زېدوڭ، جاڭ گوتاۋ، ۋاڭ مىڭ، ليۇ شاۋچى، جاڭ ۋېنتەن، جۇدﯤ، لىن بياۋ، چېن يۈن، دوڭ بېيۋۇ، جۇ ئېنلەي، كاڭ شېڭ، گاۋگاڭ، راۋسۇشى، جاڭ چىڭ قاتارلىقلار بىلەن ئەسرار بولغان. خىتايدىكى دېموكراتىك پارتىيە ئەربابلىرى دەپ ئاتىلىدىغان جاڭ بوجۈن، لو لۇڭجى، لياڭ سۇمىن، دېگەن ئەرباپلار بىلەنمۇ ئەسرار بولغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تەنقىتلەنگەن دېڭ تو، تيەن جايىڭلارمۇ سىمالۇ ئەپەندىنىڭ يەنئەن دەۋرىدىكى تۇنۇشلىرى. سىمالۇ ئەپەندى جاڭ زېمىننىڭ بېقىۋالغان دىدىسى جاڭ شاڭچىڭ ئەپەندى بىلەنمۇ تۇنۇش . سىمالۇ ئەپەندى ھەتتا ئۇيغۇرلاردىن مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىم بىلەنمۇ قەدىناس دوست. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئەركىن ئەپەندىنىڭ 2004 - يىلى 11- ئاينىڭ 20 - كۈنى خاتىرىلىشىچە، سىمالۇ ئەپەندى "دوستلار، ئۇيغۇر قېرىنداشلار، 1960 - يىلى 4 - ئايدا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىسى ئەيسا ئەپەندىم بىلەن تۇنۇشقان. ئەيسا ئەپەندىم بۆگۈنكى يىغىنغا كەلدىمۇ؟" دەپ سوروغاندا، ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ئۇنىڭغا "ئەيسا ئەپەندىم 95 يىلى ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەركىن ئەپەندى ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېتەكچىسى" دەپ جاۋاب بەرگەن. سىمالۇ ئەپەندى "ئەيسا ئەپەندىم مىنىڭ قەدىناس دوستۇم ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىمەن. ئۆركەش ئەپەندى سىز ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ئائىلە - تەۋەلىرىگە مىنىڭ تەسەللى سالامىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ. مەن ئەيسا ئەپەندىم بىلەن ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھرىدە تونۇشقان" دېگەن.

خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سىمالۇ ئەپەندى ئەسلىمىسىدە ، 1 - قىسىمدا ئۆزىنىڭ سەرگۈزەستىلىرىنى يازغان. 2 - قىسىمدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسى ئەربابلىرى ھەققىدە كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى يازغان. 3 - قىسىمدا ماۋ زېدوڭ بىلەن جۇ ئېنلەينىڭ ئۆز - ئارا كۈچ سىنىشىشىغا دائىر پاكىتلارنى يازغان. شۇڭلاشقا ھازىر كىشىلەر سىمالۇ ئەپەندىنى "زامانىمىزدىكى خىتايدا ئۆتكەن سىياسى ئەرباپلار لوغىتى" دەپ ئاتاشماقتا.

سىمالۇ ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە خوڭكوڭدىكى "يېڭىچە كۆزۈتۈش"دېگەن ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرى، 87 ياشلىق گې ياڭ خانىمنىڭ كىرىش سۆز يازغانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئىككى كىشىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى تېخىمۇ قىزىقارلىق ھىكايە. خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، سىمالۇ ئەپەندى بىلەن گېياڭ خانىم جاڭسۇلۇق يۇرتداش. ئۇلار بالىلىق دەۋرىدىلا كىتاپ ئۇقۇش گۇرۇپپىلىرىدا تۇنۇشقان. كېيىن "جەنۇبى ئەنخۇي ۋەقەسىئ دېگەن تارىخى ۋەقەدە بىر - بىرىنى يۈتتۈرۈپ قويغان. ئۇلار 1940 - يىلى چوڭچىڭدا بىر - بىرىنى تونىۋالغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەر ئىككىلىسى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ياشىغاچقا بىرا- بىرىنى تاپالمىغان ئىكەن. سىمالۇ خوڭكوڭغا كەتكەندە گېياڭ خانىم چوڭ قۇرۇغلۇقتا قالغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يېزىلارغا قوغلىنىپ، 4 كىشىلىك گۇروھ گۇمران بولغاندىن كېيىن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ، 89 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە سەرسان بولغان. ئاخىر 2002 - يىلى، بۇ ئىككى قەدىناس - 83 ياشلىق سىمالۇ ئەپەندى بىلەن 85 ياشلىق گېياڭ خانىم ئامېرىكىنىڭ نيو- يورك شەھرىدە توي قىلغان. (ۋەلى)