خۇ جىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس" دېگەن ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە سۇئال


2006.04.03

خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خۇ جىنتاۋنىڭ "سەككىزنى شەرەپ بىلىش، سەككىز نومۇس بىلىش" ھەققىدىكى سۆزىنى دېھقانلارغا "سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" نىڭ "ئىككى سەككىز ئۆلچىمى" دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئەركىن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بۇنىڭغا قارىتا سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ژۇرنىلى بولغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى"نىڭ 4 ‏- ئاينىڭ 1 ‏-كۈنىدىكى سانىدا "خۇ جىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس" دېگەن ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە سۇئال" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

"ۋەتەن" دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر "تەيۋەن بوغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جۇڭگولۇقلار" دېيىلىۋاتىدۇ. خۇ جىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس" دېگەن ئەخلاق ئۆلچىمىدە تىلغا ئېلىنغان "ۋەتەن" زادى قايسى ۋەتەن؟ 1912 ‏- يىلى چىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 3 مىڭ يىللىق مۇستەبىتلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قۇرۇپ چىقىلغان جۇڭخۇا مىنگومۇ ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان ماركس- لېنىنلارنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ؟ خۇ جىنتاۋنىڭ دەۋاتقىنى ناھايىتى ئېنىقكى، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشى فاشىست تەشكىلات، خەلققە، ئىنسان تەبىئىتىگە قارشى قانلىق، زوراۋانلىق سىياسەت يۈرگۈزىدىغان، ئىنسانىيەتتىكى ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى، جەمئىيەتتىكى قارا گۇرۇھ، لۈكچەكلەر تەشكىلاتى بولغان كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى. بۇنى سۆيۈشنى قانداقمۇ ئەخلاق ئۆلچىمى قىلغىلى بولسۇن؟

"خەلق" دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلقنى ئۆز ۋە دۈشمەن دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. "ئۆز" دەپ قارايدىغانلارنىمۇ نوپۇس تىزىملىكتىكى كىملىكىگە قاراپ، دېھقان ياكى باشقا دەپ پەرقلەندۈرۈپ، كەمسىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەمەلدار ياكى ئاددى پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا قاراپ، ئۇلارغا "قىزىل" ياكى "قارا" دەپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. كوممۇنستىك پارتىيە نامرات خەلق ئاممىسىنى "توپۇلاڭچىلار"، "مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچىلار" دەپ قارايدۇ. خىتايدا ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئەمەس، ھەممە ئادەمنىڭ بىردەك سايلام ھوقۇقى يوق. خىتايدا ھېچكىم كۆڭلىدە ئويلىغاننى بىمالال سۆزلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئەمەس. پۈتۈن خەلقنى پارتىيىنىڭ دېمەكچى بولغان سۆزىدىن باشقا سۆزنى قىلماسلىققا مەجبۇرلايدۇ. خەلققە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" دېگىلى بولامدۇ؟

"ئىشچانلىق" ، "ھورۇنلۇق" دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۆزىمۇ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۆنگەن. كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر كېچىدىلا توساتتىن "ئالدى بىلەن بېيىپ" خوجايىن بولۇۋالغان پارتىيە ئەزالىرى رەڭگا-رەڭ چىراق چاقنىغان، ھاراق-شاراپ، ئەيشى -ئىشرەت يامرىغان جايدا، ئەمما ئۆمۈر بۇيى جاپا غا چېداپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئىشچىلار، دېھقانلار خىزمەت، ئوقۇش، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ھەتتا ئەرز بايان قىلىش پۇرسەتلىرىدىنمۇ مەھرۇم قېلىپ، "ئاسمان يېراق يەر قاتتىق" ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. بۇنداق ئەھۋالدا، كوممۇنستىك پارتىيىنىڭ خەلققە ئىشچانلىق ھەققىدە ۋەز ئېيتىشى مۇمكىنمۇ؟

"ئىتتىپاقلىشىش" ، "ئۆز نەپسىگە چوغ تارتماسلىق" ھەققىدە

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنى ياكى باشقا پارتىيىلەرنى ، ھەتتا خەلقنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشچىلار تەشكىلاتى، دېھقانلار تەشكىلاتى ياكى باشقا بىر پارتىيە تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىن مەھرۇم قالدۇرغان. جەمئىيەتتە ئىتىپاقلىشىشنى ۋە ئۇيۇشۇشنى قانۇنسىز سىياسىي ھەرىكەت دەپ ھېسابلايدۇ. بەلكى ئۆز‏- ئارا ئىتتىپاقلاشقان، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشقان خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلايدۇ. خەلقنىڭ دەردىگە يەتكەن ئادۋۇكاتلارغىمۇ جازا ھۆكۈم قىلىدۇ. "ھوقۇق" دېگەننى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا تايىنىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە ھەر قانداق مەنپەئەتكە كۆز تىككەندە، ئۇنىڭدا سەمىمىيلىك، ھايا، نومۇس دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. بۇنداق پارتىيە قانداقمۇ خەلققە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىشنىڭ خاتالىقىنى تەكىتلەپ ۋەز ئېيتالايدۇ؟ (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.