خۇ جىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس" دېگەن ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە سۇئال (2)


2006.04.05

خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر خۇجىنتاۋنىڭ "سەككىزنى شەرەپ بىلىش، سەككىز نومۇس بىلىش" ھەققىدىكى سۆزىنى دېھقانلارغا "سوتسىالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" نىڭ "ئىككى سەككىز ئۆلچىمى" دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئەركىن ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بۇنىڭغا قارىتا سۇئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ پرىنستون ئۇنىۋىرسىتېتىدىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ژۇرنىلى بولغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى"نىڭ 4 ‏- ئاينىڭ 1 ‏-كۈنىدىكى سانىدا "خۇجىنتاۋنىڭ "سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس" دېگەن ئەخلاق ئۆلچىمى ھەققىدە سۇئال" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

"سەمىمىي -ساداقەتلىك" ھەققىدە

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نەزىرىدە جەمئىيەتتە "ئېغىز خاتالىقى" دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل جىنايەت بار. بۇ پارتىيە ئادەتتە راس سۆزلىگەن، كۆڭلىدىكى پىكرىنى ئەركىن بايان قىلغان خەلققە جازا ھۆكۈم قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ھەممە نەشرىيات، ئۇچۇر ۋاستىلىرى پارتىيىنىڭ "تىلى" دەپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئادەتتە جەمئىيەتتە ئوخشىمىغان كۆز قاراش ياكى پىكىرلەر نىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمايدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويمايدۇ. بۇ پارتىيە پۇل ۋە مەنپەئەتنى كۆزلىگەندە ھەرگىز ۋاستە تاللىمايدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى دۆلەت پۇقرالىرى ئىچىدىكى كەمبەغەللەرنى كەمسىتىدۇ. تېگى -تەكتىىدن ئېيتقاندا، كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆزى خەلققە تېررورلۇق يۈرگۈزىدىغان قاراڭغۇ جەمئىيەت. ئۆزىدە سەمىمىي -ساداقەتلىك بولمىغان پارتىيىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ "سەمىمىي -ساداقەتلىك بولۇش شەرەپ، پايدىنى كۆرگەندە ئەخلاقنى ئۇنتۇش نومۇس" دەپ ۋەز ئېيتىشقا يۈزى قانداق چىدىغان؟

قانۇنغا رىئايە قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ مەرتىۋىسى دۆلەتنىڭ قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە قانۇندىن چوڭ. بۇ پارتىيە دۆلەت قانۇنىنى سۈيىئىستىمال قىلىۋېرىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بۇ پارتىيىگە نازارەت قىلىدىغان ئورگان يوق. كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ دېگىنى ئۆزى قانۇن. كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى پۈتۈن دۆلەتتە ھەممىنىڭ يادروسى. ھەممىلا جايدا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ مۇستەبىتلىكى ھۆكۈم سۈرىدۇ. ماۋزېدوڭ بۇرۇن ئۆزىنى خودانى ياكى قانۇننى تۇنىمايدىغان ئادەم دەپ تەسۋىرلىگەن ئەمەسمۇ؟ ھازىر خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن دۆلەت پۇقرالىرى دەردىنى ئېيتىدىغان ئورۇن يوق. بۇنداق قانۇنسىز پارتىيىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ خەلققە قانۇنغا رىئايە قىلماسلىق نومۇس دەپ ۋەز ئېيتىش ھەققى بارمۇ؟

جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسى ھەققىدە

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۆزىنىڭ نامىنى "مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىش پارتىيىسى" دەپ ئاتايدۇ. "مۈلۈكنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىش" دېگەن سۆزنىڭ بولاڭچىلىق قىلىش دېگەن سۆز بىلەن مەنە جەھەتتىن نېمە پەرقى بار؟ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەمكارلىشىش، كوپىراتسىيىلىشىش، كوممۇنالىشىش، بىر قىسىم ئادەملەر ئالدى بىلەن باي بولۇش، كوممۇنىستىك پارتىيە خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېگەن شەكىللەرنى قوللىنىپ يەر ئىگىلىرىنى، پۇل -مال ئىگىلىرىنى ئۆز ماكانىدىن قوغلاپ چىقىرىش، خەلقنىڭ يەر-زېمىنىنى تارتىۋېلىش، مال - مۈلكىنى بۇلاش، خەلقنىڭ مۈلكىنى دۆلەتنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق بۇلاڭچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كەلدى. بۇ جەرياندا، كوممۇنىستىك پارتىيە جەمئىيەتتە پەقەت پۇل-مالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈنلا خەلققە زومىگەرلىك قىلدى. ھازىر كوممۇنىستىك پارتىيە قۇرۇلتاي ئاچسا، يىغىنغا پۈتۈنلەي كاپىتال ئىگىلىرى قاتنىشىدۇ. پارتىيە قۇرۇلتېيى ئەمەلىيەتتە "مەملىكەتلىك سودا -سانائەت كاپىتالىستلىرى بىرلەشمىسىدىكى مەبلەغ ئىگىلىرىنىڭ قۇرۇلتېيى"غا ئايلىنىپ بولدى. بۇلاڭچىلىقنى كەسپ قىلغان بۇنداق كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەئىسىنىڭ "جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىگىلىك تىكلەش شەرەپلىك" دەپ سۆزلىشى تىپىك ئالدامچىلىق ۋە نومۇسسىزلىق ئەمەسمۇ؟ (تۈگىدى) (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.