3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى "دۇنيا سۇ كۈنى" بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا خەلقىنىڭ تازا سۇ ئىستىمال قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ ھازىرقى سۇ مەنبئەسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ھازىر خىتايدا 360 مىليون خەلق بۇلغانغان سۇ ئىستىمال قىلماقتا
خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يېقىندا، ھازىر خىتايدا 360 مىليون خەلقنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ئىستىمال قىلالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە خىتايدىكى 70٪ كە يېقىن دەريا -ئېقىنلارنىڭ زور دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شېركىتىنىڭ مۇخبىرى لۇيىسا لىم خانىم چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە " خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىكى سۇ مەنبئەسىنىڭ زور دەرىجىدە بولغانغانلىقىغا ئىقرار بولىشى، تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇھىتقا ئىنتايىن چوڭ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ" دەپ بىلدۈردى.
خىتاي دۇنيا بويىچە سۇ مەنبئەسى ئېغىر دەرىجىدە كەم بولىۋاتقان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خىتاينىڭ تۇزلۇق سۇ مەنبئەسى دۇنيادا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئورتا ھېسابتا ھەر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئاران 4 تىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. ھازىر خىتاينىڭ 400 دىن ئارتۇق شەھىرىدە سۇنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەم بولىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەھەرلەردىكى كىشىلەر ئۇسسۇزلۇقىنىمۇ قاندۇرالمايدىغان ھالەتكە يېتىپ قالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە 5 مىليونغا يېقىن ئادەم پاكىزە سۇ ئىستىمال قىلالماي كەلمەكتە
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇ ئېنىرگىيىسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققى قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە پۈتۈن رايون بويىچە 40٪ تىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسى يەنى 4 مىليون 870 مىڭ ئادەم پاكىزە سۇ ئىستىمال قىلالمايدىكەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 مىليونغا يېقىن كىشى ئۇزۇن مۇددەت دېزىنفىكسىيە قىلىنمىغان سۇ ئىچكەنلىكتىن، دېھقانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىھقانلارنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى دىھقانلار تا بۈگۈنگە قەدەر يەنىلا بۇلغانغان كۆل سۈيىنى ئىستىمال قىلىپ كەلمەكتە:
سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە كەم بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادا ھەر يىلى 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇلغانغان سۇ سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. خىتايدا بولسا بۇلغانغان سۇنى ئىستىمال قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى 300 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا190 مىليونغا يېقىنى يېزا ئاھالىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ۋاشىنگتوندىكى "خىتاي مۇھىتنى ئاسراش فوندى" نىڭ مەسئۇلى خې پىڭ ئەپەند، " خىتايدا ھازىر 300 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان بۇلغانغان سۇنى ئىستىمال قىلغانلىقىدىن، يېزىلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ، دىھقانلارنىڭ ھاياتى زور تەھدىتكە ئۇچرىماقتا" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي شىنخۇئا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 22 - مارت كۈنى يەنى "دۇنيا سۇ كۈنى"، خىتاي دۆلەت مۇھىتنى ئاسراش باش ئىدارىسى بېيجىڭدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، سۇ مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. مۇھىتنى ئاسراش باش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى ليۇ خۇڭجى مەزكۈر يىغىندا: " خىتايدا ھازىر سۇ مەبلىغىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەم ۋە بۇلغىنىشى ئاساسەن دۆلەت سىياسىتىنىڭ توغرا بولمايۋاتقانلىقىدىن،شۇنداقلا باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇۋاپىق بولمايۋاتقانلىقىدىن" دەپ كۆرسەتكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ پاكىز سۇ ئىستىمال قىلالماسلىق ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئاساسەن نامراتلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى دېھقانلارنى پاكىزە سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ۋاشىنگتوندىكى "خىتاي مۇھىتنى ئاسراش فوندى" نىڭ مەسئۇلى خې پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ھازىر سۇنىڭ كېمىيىشى ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئىنتايىن ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەر يىلى ئېقىپ كەتكەن تۇپراقنىڭ ئومۇمى مىقدارى 5 مىليارد توننىغا يەتكەن. بۇ خىل ھالەت يايلاقلارنىڭ قۇملۇققا قاراپ مېڭىشى ۋە ئىكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىرلىشىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. (مېھرىبان)