خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا سۈت پارىشوگى ۋەقەسىگە چىتىشلىق ئەمەلدارلارنى جازالىماقچى

"خىتاي كۈندۈلۈك گېزىتى"دىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 4 - ئايدا ئەنخۈينىڭ فۇ ياڭ شەھىرىدە ساختا سۈت پارىشوگىدىن كېلىپ چىققان پاجىئەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 97 كىشىنىڭ ھەممىسى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت ئورۇنلىرىدىكى ئەمەلدارلار بولۇپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاجىئەنى ۋاقتىدا ئەتراپلىق تەكشۈرمىگەنلىكتىن، ھازىر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازالىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

خىتايدا يۈز بەرگەن ساختا سۈت پارىشوگى پاجىئەسى بۇ يىل 4 - ئايدا ئاشكارىلانغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەقەدە 13 بوۋاق ئۆلگەن ۋە 200 بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر زەخىملەنگەن.

"خىتاي كۈندىلىك گېزىتى" دە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، ساقتا سۈت پارىشوگى ۋەقەسى يۈز بەرگەن چاغدا، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن 97 نەپەر ئەمەلدارنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش بولمىغان. شۇڭا ھازىر ھۆكۈمەت ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوينىغان رولى زادى قانداق ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن ئۇلارنى جازاغا تارتىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان چارە- تەدبىرلەرنىڭ رولى ئىنتايىن چەكلىك

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى بو دوڭفىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقتا سۈت پارىشوگى ۋەقەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن جەمىيەتنىڭ نەپرىتىنى شۇ دەرىجىدە جىددى قوزغىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقتا ماللارنى چەكلەشتە قوللانغان چارە- تەدبىرلىرىنىڭ ئىنتايىن يېتەرسىز ۋە چەكلىك ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاينىڭ سانائەت ساھاسىدىكى ساختا مال ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنى ئىنتايىن چوڭ؛ زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان ئادەتتىكى ناخشا پىلاستىنكىسىدىن تارتىپ ئاپتوموبىلغىچە ساختا ماللار جەمىيەتكە توشۇپ كەتكەن. بۇ يىل 4 - ئايدا يۈز بەرگەن ساختا سۈت پارىشوگى پاجىئەسى خىتاي جەمىيىتىنىڭ تېخىمۇ قاراڭغۇ تەرىپىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

بۇ يىل 4 - ئايدا، خىتايدا ساختا سۈت پارىشوگى پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شېركىتىنىڭ مۇخبىرى لۇئىسا لىم خانىم ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن 46 نەپەر ئادەمنى "ساختا سۈت پارىشوگى سېتىش ھەرىكىتىگە چېتىلغان" دەپ تۇتقان. ھەمدە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 24 نەپەر كىشىنىڭ دەل ساختا سۈت پارىشوگى يەتكۈزۈپ بەرگۈچىلەر ئىكەنلىگىنى ئېنىقلاپ چىققان.

لۇيىسا لىم خانىمنىڭ ئەينى چاغدا بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت بۇلتۇر 5 - ئايدىلا بۇ خىل ئەھۋالدىن ئاللىقاچان خەۋەردار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتىدا چارە- تەدبىر قوللانمىغان. كەڭ ئامما يەرلىك ھۆكۈمەتتىن قاتتىق نارازى بولغان، ئۇلار ھەمدە بۇ خىل مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن.

خىتاي جەمىيىتىدىكى پۇلنى جاندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان قاراڭغۇ كۆرۈنۈش

خىتايدا يۈز بەرگەن ساختا سۈت پارىشوگى ۋەقەسىدىن باشقا يەنە، مەتبۇئاتلاردا ئادەمنىڭ تېخىمۇ بەك نەپرىتىنى قوزغايدىغان ۋەقەلەر مەلۇم قىلىنغان. مەسىلەن، كۆكتاتتىن ياسالغان كونسېرۋا يېمەك- ئىچمەكلەرگە سانائەت تۇزى ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى دېگەندەك راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلار قوشۇۋىتىلگەن.

"ئادەم ئۆلۈش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساختا سۈت پارىشوگى پاجىئەسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدىكى " دەيدۇ ئەنگىلىيە ب ب س رادىيو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرى لۇيىسا لىم خانىم ساختا سۈت پارىشوگى پاجىئەسى ھەققىدە توختىلىپ " ھازىر خىتايدا بىر تۈركۈم ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆلۈش تېرىلىشى بىلەن كارى بولمايدىغان سودىگەرلەر يېزا بازارلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە سۈكۈت قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە قولىدىن كېلىدىغان ھەر خىل ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ، پۇل تېپىشنىڭ كويىدا بولماقتا. ساختا سۈت پارىشوگى پاجىئەسى خىتاي جەمىيىتىدىكى پۇلنى جاندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان قاراڭغۇ كۆرۈنۈشنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. "

ئۈزۈل كېسىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىش كېرەك

نيو-يوركتا تۇرۇشلۇش خىتاي دېموكراتىيىچىسى تاڭ ئەپەندى "ساختا سۈت پارىشوگى ۋەقەسى جەمىيەتكە ئىنتايىن زور زىيان ئېلىپ كەلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دىلو ھەل قىلىدىغان ئۇسۇلى بىلەن مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەممىمىزگە ئايانكى، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بازارلىرى ساختا مالغا توشۇپ كەتكەن. مەسىلەن، ساقتا ھاراق، ساقتا تاماكا، ھەتتا ساقتا دورا. شۇڭلاشقا داۋاملىق تۈردە دىلو يۈز بەرمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال خىتاي جەمىيىتىدە ئادىل رىقابەت مۇھىتى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۇل ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن، قارانىيەتلەرگە ھەر خىل پۇرسەت ۋە شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بولغان. دېمەك، ھازىرقى مەسىلە جەمىيەت قۇرۇلمىسى نامۇۋاپىق بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان چىرىكلىك. بۇ خىل چىرىكلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سودىگەرلەردە ئورتاقلىق پەيدا قىلىپ، پۇل مەنپەئەت ئالدىدا، ئۇلار ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي يولسىزلىق قىلىۋەرگەن. شۇڭا مەنچە ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە جەمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ نامۇۋاپىق بولغانلىقى. بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك، " دېدى

ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چىن كۈيدﯤ ئەپەندىمۇ تاڭ ئەپەندىگە ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇپ، "خىتايدا يۈز بەرگەن ساختا سۈت پارىشوگى پاجىئەسىنى ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىي ئەھۋال دىگىلى بولمايدۇ " دەپ تەكىتلەپ، "بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ، ساختا مالنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، خىتايدا ھېچقاچان بىر قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ باقمىغان. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن، ھەرقانداق يامان ئىشتىن باش تارتمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. بۇ خىل ھالەت 20 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق بىرخىل ئەھۋال. بۇ بولسىمۇ خىتايدىكى مەنپئەتخورلاردا ئەخلاق ۋە ئېتىقادنىڭ يوق بولىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدە قىممەت كۆز قارىشىنىڭ ۋەيران بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ " دەپ بىلدۈردى.

شەكىلۋازلىق مەسلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ

رادىيومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسىگە تېلېفون قىلغان گۇئاڭشىلىق بىر كىشى " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم 97 نەپەر ئەمەلدارنى جازالىماقچى بولىۋاتقانلىقى يەنىلا ئۇلارنىڭ شەكىلۋازلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار پەقەت مەتبۇئات بېسىمى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلارغا ھېچقاچان ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈپ قويمىغان. ئۇلار داۋاملىق ‘ساقتا ماللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەكدەپ ئاغزىدا بىر خىل شۇئار توۋلاپ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا ساقتا ماللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا يول ئېچىپ بەرمەكتە. شۇڭا، بۇ خىل جازالاش ئارقىلىق خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان ساقتا ماللارنى چەكلەپ قېلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس " دەپ بىلدۈردى.(مېھرىبان)