
بۇنىڭدىن 56 يىل ئىلگىرىكى 27-ئاۋغۇست، شەرقى تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قازا تاپقان خاتىرە كۈنىدۇر (بەلكى بۇ چىسلا باشقىچە بولۇشى مۇمكىن).
ئېنىق دەلىل ئىسپاتى بولمىغان بۇ ئۆلۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىكەنلىكى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ۋە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن بىردەك ھالدا دۇنياغا جاكارلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەسادىپىي ھادىسە دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم سىرلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ھەمدە موسكۋا ۋە بېيجىڭ كىشىلەرنى قايىل قىلالىغىدەك پاكىتلىرىنى تېپىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار 50 نەچچە يىلدىن بۇيان مەزكۇر تراگېدىيىگە ئىشەنمەي، ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك قىياسلىرىنى ۋە پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن مەخپىي ئارخىپلار ئېچىلىپ، بۇ دەۋىردىكى لېنىن ۋە ستالىننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ ماھىيەتلىرى ئاشكارىلىنىش بىلەن كرېمىلنىڭ ھېچ قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمىغانلىقى، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا تەشنا قەلبىنى ئۆزىنىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاسىيا سىياسىي ئىستراتېگىيىسى جۈملىدىن ياپونىيە، ئۇلۇغ بېرىتانىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان دىپلوما تىيىلىك ئويۇنلارنى ۋاسىتە قىلغان مەنپەئەت ئۇرۇشلىرى ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى سىر بولماي قالدى.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئەربابلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى جۈملىدىن دۇنيا سىياسىي تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان مەزكۇر پاجىئەلىك ئۆلۈمنىڭ قانداقتۇر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تەسادىپىيلىق بولماستىن بەلكى، ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكارلىقىنىڭ ستالىن ئىكەنلىكى ئالدى بىلەن رۇسلارنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
رۇسلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قانداق يەكۈنلەرنى چىقاردى؟
"40-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قوزغىلاڭچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئەزالىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلىرى تەشەببۇس قىلغان كۆرسەتمىلەرگە قارىماي، ئۆز مۇستەقىللىقىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى… 1949-يىلى ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋاغا يېتىپ كەلدى ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئېتىپ تاشلاندى… ئۆلتۈرۈلگەن رەھبەرلەرنىڭ ئورنىغا داھىي ستالىن ۋە ماۋزېدۇڭنىڭ كېلىشىملىرىگە بويسۇنىدىغان كرېمىلنىڭ يېڭى تىكلىگەن ئادەملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇرلار نامىدىن سۆزلىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى. "
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشى بىلەن بىر قىسىم رۇس ژۇرنالىستلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەمدە سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ستالىن تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مەسىلەن ئاتاقلىق رۇس ژۇرنالىستى ۋە سىياسەتشۇناسى چۇدادېيېۋ 90-يىللارنىڭ بېشىدا موسكۋادا چىقىدىغان "يېڭى ۋاقىت" زورنىلىدا "ئۇيغۇرلار ستالىن بىلەم ماۋزېدۇڭنىڭ قۇربانلىرى" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىيونلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، رۇس سىياسى ئانالىزچىسى ئاندرېي ئانتونوۋ ئۆز ماقالىسىدە "ستالىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنى يوقىتىپ، موڭغۇلىيىگە ئوخشاش سالاھىيەتتىكى شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ماۋ زېدۇڭغا بېرىۋەتتى "دەپ خۇلاسە چىقاردى.
1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ رۇس ئانالىزچىلىرى ۋە سىياسەتشۇناسلىرى شەرقىي تۈركىستان جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن خىتاي بىلەن موسكۋا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلىنىشىدۇر.
قىسقىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ھەر قانداق بىر رۇس ئالىمى ياكى سىياسىي ئانالىزچىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېڭى ئەمەس بەلكى، كونا مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قۇرغان ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، جۈملىدىن 1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتنىڭ بىۋاستە موسكۋانىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي قالمىدى. بۇ ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەسىلىنىڭ تۆگىنى خالاس.
موسكۋا ئارخىپلىرىنى 20 يىل تەتقىق قىلغان رۇس تارىخچىسى بارمىننىڭ "1943-1949-يىللىرىدىكى سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ" ناملىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1944-يىلى پارتلىغان شەرقى تۇركىستان ئىنقىلابى ۋە شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى باشتىن ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ستالىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىققا بولغان ئۈمىدىدىن پايدىلىنىپ، شەرقى تۇركىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىۋالغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ستالىننىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى ئويۇن قەرتى قىلىنىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىغە تولدۇرغۇسىز كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلدى دېگەندەك يەكۈنلەرنى چىقاردى. ئۇ يەنە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تەسادىپىي ئۆز ئەجىلىدە ئەمەس، بەلكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىبىرىيەنىڭ بارنائۇل شەھىرىدە ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ يوق؟ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان رۇس ئالىملىرىنىڭ مۇنازىرىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋلادىمىر كۇزمىنكىن، بىر گۇرۇپپا رۇس ئالىملىرىنىڭ يەكۈنلىرىگە ئاساسەن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:
"ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرى 1931-يىلى، 1937-يىلى ۋە 1944-يىلى قايتا يۈز بەردى. بىر قانچە يىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولدى. بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكمۇ بار ئىدى. كرېمىل ماۋ زېدۇڭغا يول قويمىغان بولسا، بەلكى بۇ دۆلەت تېخى ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولار ئىدى. ( ۋلادىمىر كۇزمىنكىن. "نوۋوسىبىرسك كەچلىك گېزىتى")
گېلبراس: رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ساتقىنلارچە پوزىتسىيە
موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق خىتايشۇناس ھەمدە قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلغان ئالىم ۋىليا گېلبراس ئەپەندى موسكۋادا چىقىدىغان گېزىتلاردىن بىرى "نوۋايا گازەتا"نىڭ مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، موسكۋانىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە بىر قانچە جۈملە سۆز بىلەن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دېدى:
"رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتىسىيىسى ساتقىنلارچە پوزىتسىيە، بۇ بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى پۈتۈنلەي كۆڭۈلسىز بىر نۇقتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ستالىن ماۋزېدۇڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايغا قوشۇپ بېرىشنى قارار قىلدى ۋە بۇ يەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ھۆكۈمەت مەۋجۇت بولماي قالدى.
ئامېرىكىلىق رۇس ئالىمى ۋىكتور سىنىتكوۋسكىي ئۆز ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى:
"40-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا قوزغىلاڭچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئەزالىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلىرى تەشەببۇس قىلغان كۆرسەتمىلەرگە قارىماي، ئۆز مۇستەقىللىقىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. ستالىننىڭ كېيىنكى ھەرىكىتى گومىنداڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەسىر كۆرسەتتى. 1949-يىلى ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋاغا يېتىپ كەلدى ھەمدە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئېتىپ تاشلاندى. …. ئۆلتۈرۈلگەن رەھبەرلەرنىڭ ئورنىغا داھىي ستالىن ۋە ماۋزېدۇڭنىڭ كېلىشىملىرىگە بويسۇنىدىغان كرېمىلنىڭ يېڭى تىكلىگەن ئادەملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇرلار نامىدىن سۆزلىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى. " (ئۈمىدۋار)