
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، كۆپلىگەن رۇس ئالىملىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرىدا 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى جۈملىدىن مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئەخمەتجان قاتارلىقلار ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان.
ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ ماقالە يازغان رۇس سىياسىي ئانالىزچىسى ئىگور روتتار موسكۋادىكى ئابرويلۇق گېزىتلاردىن بىرى " خەۋەرلەر" دە يۇقىرىدىكى يەكۈنلەرنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان خۇلاسىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
"بىراق، ماۋ زېدوڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن كرېمىل يېڭى ئىتتىپاقچىسىنى خاپا قىلىشنى خالىمىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ تولۇق تەركىبى بىلەن ئالمۇتىغا چاقىردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ جايدىن بېيجىڭغا سۆھبەتكە بېرىشى كېرەك ئىدى. بىراق، خىتاينىڭ پايتەختىگە كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە يۇقىرى سالاھىيەتتىكى باشلىقلار بار بۇ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىدى. دېمەك، "ئەپسۇسلىنارلىق تاسادىپىيلىق تۈپەيلىدىن" پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىكى قازا قىلدى. "
ئىگور روتتار موسكۋانىڭ ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئېيتقان "ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقە" دېگەن سۈنئىي ھال سوراش ئىبارىسىنى بۇ يەردە تەكرارلاش ئارقىلىق، بۇ ئايروپىلان ۋەقەسىنى كىنايە قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىشقا قاتنىشىپ، نىلقا تاغلىرىدا بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتقان فاتىخ باتۇرنىڭ ئوغلى فەرىت مۇسلىموپ ئۆزىنىڭ تاتارىستاندا دادىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە قىزىقارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:
ئەمما، فەرىت مۇسلىموپ دادىسى فاتىخ مۇسلىموپنىڭ KGB خادىمى ئىكەنلىكىنى، 50-يىللاردا قازاقىستانغا چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق KGB نىڭ ئۇنىڭغا تۆھپىكار سۈپىتىدە تۇرمۇش پۇلى بەرگەنلىكىنى يوشۇرماي ئېيتىش بىلەن ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تولۇق ئاساسىي بارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
"1949-يىلى ئاۋغۇستتا بارلىق بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئالمۇتا شەھىرىگە سۆھبەتكە چاقىرتىلدى ھەمدە ئۇ جايدا ئۇلارغا مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىش تەكلىپى بېرىلدى. بىراق، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتىشقا يول قويۇلمىدى. رەسمى مەلۇماتلارغا تايانغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان تاغدا ۋەيران بولغانمىش. 1950-يىلى 14- فېۋرالدا موسكۋادا ستالىن بىلەن ماۋ مەخپىي كېلىشىم تۈزدى. بۇ كېلىشىمنىڭ بىر ماددىسىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىدىن يوقاپ، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ئاپتونوم رايون سۈپىتىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەركىبىگە كىردى. جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ جىسمانىي يوقىتىلىشىدىن كېيىن ۋاڭ ئېنماۋ قوماندانلىقىدىكى خىتاي ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىگە بېسىپ كىرىپ، ھەر قانداق قارشىلىقلارنى قانغا پاتۇردى"
1949-يىلى ئاۋغۇستتا بارلىق بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئالمۇتا شەھىرىگە سۆھبەتكە چاقىرتىلدى ھەمدە ئۇ جايدا ئۇلارغا مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىگە كىرىش تەكلىپى بېرىلدى. بىراق، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆيلىرىگە قايتىشقا يول قويۇلمىدى.
قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى بىر كوچىغا گېنېرال ئىسھاقبەگ مونۇنوپ نامىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ھەمدە ئىسھاق بەگنىڭ يۇرتداشلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇنىڭ ھەققىدە كىتاب تەييارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان مەركىزىي ئاسىيا ئاگېنتلىقىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
" 1944-1946-يىللىرى ئۇيغۇرلار(غەنى باتۇر)، قازاقلار( ئوسمان باتۇر) ۋە قىرغىزلار( مونىيېۋ) ۋە باشقىلارنىڭ قوزغىلىڭى يۈز بەردى ھەمدە مۇستەقىل دۆلەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. خىتايدا ماۋ كوممۇنىستلىرى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، سىياسەت قايتىدىن قاراپ چىقىلدى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى " ئۆزلىكىدىن تارقالدى"، مۇستەقىلچىلەرنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى NKVD ( سوۋېت ئىچكى ئىشلار كومىتېتى) تەرىپىدىن " ھادىسە" ۋە " قايغۇلۇق ۋەقە" دېگەندەك ناملار بىلەن جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلدى".
يەنە بىر رۇس ئالىمى بارمىن فېدور مىللىي ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ھەققىدە مۇنداق يازدى:
" 1944-يىلى، ئۇيغۇرلار قورال كۈچى بىلەن خىتاينىڭ زۇلمىدىن ئازادبولغاندا، مۇستەقىل دۆلەتچىلىككە ئېرىشىش پۇرسىتى يەنە بىر قېتىم پەيدا بولدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. بىراق بۇ دۆلەتكە پۇت دەسسەپ تۇرۇش نېسىپ بولماي قالدى، جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا سەپەرگە ماڭغاندا ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. بۇ ھادىسە خىتاينىڭ كوممۇنىستلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىدا بىرلىككە كېلىشىنى قوللايدىغان كرېمىل تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان دەپ ھېسابلانماقتا.
ئەخمەتجان قاتارلىقلار موسكۋانىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن
ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئەتراپلىق ۋە خېلى سىستېمىلىق پىكىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى " پارتلاش ئالدىدىكى بومبا" دەپ ئاتىغان رۇس تارىخچىسى بورىس ماينايېۋ ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە يەنىلا شۇ ئاچچىق تارىخقا مۇراجەت قىلماي ئۆتمەيدۇ: مۇنداق يازىدۇ پروفىسسور ماينايېۋ ئەپەندى:
" مىسال شۇكى، شاھىدلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سوۋېت قوراللىرى بىلەن قوراللانغان ھەمدە موسكۋالىق تەربىيىلىگۈچىلەر تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەن ئارمىيىگە ئىگە بولغان. بۇ دۆلەت ھاكىمىيەت ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق سىستېمىلار يەنى بايراق، تاموجنا، پۇل ۋە دۆلەت ئورگانلىرى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان. قارىماققا ستالىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈچىگە ئۈمىد باغلىمىغانلىقتىنمۇ ياكى، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىدىنمۇ ئەتىمالىم، ئۆز ئالدىغا جاڭ كەيشىگە قارشى بازا قۇرغان ئىدى. بىراق گېنېرال لىسسىموس مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۆزىنىڭ " پۈتۈن خەلقنىڭ ئاتىسى"لىق مەنىسىنى ئۆزگەرتتى. ماۋ بېيجىڭدا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغاندا، موسكۋا ئۈچۈن مۇستەقىل غۇلجا ( جۇمھۇرىيەت) كېرەك بولماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ياش ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە قىيىنچىلىقلار تۇغۇلدى. ئۇنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ھاكىمىيەتنى ۋە مەملىكەتنى خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا تاپشۇرۇشنى رەت قىلدى. بۇ چاغدا ئۇنى مىنىستىرلار كابىنېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرگە بېيجىڭغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدى. ساددا ئەخمەتجان ئالمۇتا ئارقىلىق خىتاي پايتەختىگە بېرىشكە قوشۇلدى. ئەسلىدە ئۇ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتىگە ماقۇل كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان، ياكى بولمىسا، سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتماقچى بولغان ئىدى. ھازىر بۇ ھەققىدە ھېچ كىم بىلمەيدۇ، بىلگەن كىشى بولسا، ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا ئالدىرىمايدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغۇنى پەقەت شۇكى، ئۇيغۇر ھۆكۈمىتى ئالمۇتىغا كېلىپ بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇست كۈنى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كابىنېتى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. "
قازاقىستان –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكى، قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا يول قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان رۇس ئالىمى خلىيۇپىن ئەپەندى مۇنداق دەپ توختالغان ئىدى:
" ماۋ نىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن ستالىن ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئىتتىپاقداشلىرىنى، يەنى ئۆزى تىكلىگەنلەرنىڭ بىر قىسىمىنى "بېرىۋېتىشكە" قارار قىلدى. قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇش پىلانى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى- ئەخمەتجان قاسىمى ھەم گېنىراللار ئىشاق بەگ ۋە دەلىلقان " ئايروپىلان ھادىسىسى" دە قازا قىلدى (ئېھتىمال ئۇلار لۇبىيانكىدا ئۆلتۈرۈلگەن). شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى "ئۆزلىكىدىن تارقالدى"، ئۇنىڭ ھەربىي قىسىملىرى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىندى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايات قالغان ئاكتىپلىرى ۋە دۆلەت ئەربابلىرى ماۋچىلارنىڭ كونسىلاگېرلىرىدا "ئۆزگىرىشكە" ۋە " قايتا تەربىيىلىنىشكە" سېلىندى". (خلىيۇپىن V. N. قازاقىستاننىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىي ئوچەركى. ئالمۇتا)
دېمەك، يۇقىرىدىكى ئۈزۈندىلەر پەقەت رۇس ئاپتورلىرىنىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنىڭلا بايانلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى بولۇپ، شۇنى تەكىتلەش لازىمكى، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى يەكۈنلىرىنى ھەرگىز بىر تەرەپلىمە، پاكىتسىز كۆز قاراشلار دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنتايىن نازۇكلۇك تەلەپ قىلىدىغان بۇ تارىخىي ھەم يېڭى مەسىلىنى تەكىتلىشى ئۈچۈن مەلۇم ئارخىپلار ۋە ئىشەنچىلىك يىپ ئۇچلىرىغا تايانغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن. رۇس ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار موسكۋانىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ستالىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ستالىن ماۋ زېدوڭ بىلەن ھەمكارلىقنى دەپ شەرقىي تۈركىستان خىتايغا بېرىۋەتكەن. ئەخمەتجان قاسىمى مۇستەقىللىق يولىدىن قايتمىغان بىر ئەرباپتۇر. (ئۈمىدۋار)