تەيۋەن پارلامېنت سايلىمىغا ئاز ۋاقىت قالغان بىر پەيتتە، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا گومىنداڭ ۋە چىنمىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەن پارلامېنتىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ساقلاپ قالالامدۇ ياكى چېن شۈيبيەننىڭ دىموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيىسى كۆپ ئورۇننى تارتىۋالامدۇ؟ دىگەن كۆز قاراشلاردا كۆپ ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا ۋولسىچىت ژورنىلىدا چارشەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ پارلامېنت سايلىمى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا نۆۋەتتە تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، پارلامېنت سايلىمىدا دېموكراتىك ئىلغارلىق پارتىيىسىنى ئاساس قىلغان يېشىللار سېپىنىڭ كۆپ ئورۇننى ئىگىلەش ئېھتىماللىقى چوڭلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەگەر ئەمەلىيەت بۇ پەرەزدەك چىقىپ قالسا، ئۇ چاغدا بۇ چېن شۈيبيەن باشچىلىغىدىكى دىموكراتچىلار پارتىيىسى ئۈچۈن بىر چوڭ غەلىبە، ئەكسىچە خىتايغا يېقىن گومىنداڭ پارتىيىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر چوڭ زەربە بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ راھىشىدا ئېغىش بولىشى مۇمكىن
ئامېرىكا ۋېيك فورېست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور لى ۋېيچىن ئۆتكەنكى 3 يىلدىن بۇيان دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىدىكىلەر بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنى ئانچە چوڭ پەرق قىلمىسىمۇ، ئەمما گومىنداڭچىلار يەنىلا كۆپ ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لى ۋېيچىڭ سۆزىدە، تەيۋەندە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان، خىتاينىڭ توختىماي تەھدىت ئىشلىتىشى ۋە چوڭ خەلقئارا تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەر خەلقنىڭ قارىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېن شۈيبىيەن باشچىلىغىدىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى تەرەپكە ئېغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى ئىگىلىسە…
كرىس تېلېرنىڭ ۋالسىچىت ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر پارلامېنت سايلىمىدا دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى كۆپ ئورۇننى ئىگىلىسە، ئۇ ھالدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشى تېخىمۇ مۇئەييەنلىشىپ قالىدىكەن. مەزكۈر پارتىيىدىن كېلىپ چىققان تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن تەختكە چىققاندىن بۇيان گەرچە ئوچۇق ھالدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمىسىمۇ، ئەمما مۇستەقىللىق يولىغا باشلايدىغان بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
چېن شۈيبيەن ھەتتا يېقىندا دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ باش شىتابىدا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي جۇمھۇرىيىتى دىگەن نامنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىغا قەسەم قىلدى. چېن شۈيبيەن يەنە، 2006 - يىلى تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئومۇمىي سايلامنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە 2008 - يىلىغا كەلگەندە تەيۋەننىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەلبەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان مەسىلىلەر.
خىتاي ۋە ئامېرىكىغا ئەندىشە كەلتۈرۈشى مۇمكىن
دوكتور لى ۋېيچىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەگەر پارلامېنتتا دىموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىدە تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىنى قايتا تۈزۈش ۋە دۆلەت نامىنى تەيۋەنگە ئۆزگەرتىشكە ئوخشاش تەيۋەننى مۇستەقىللىق يولىغا باشلايدىغان خاھىشلار ئۇلغايسا، بۇنىڭ خىتاينى ئەندىشىگە سېلىپلا قالماي، ئامېرىكىنىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لى ۋېيچىن سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: "چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىق ھەمدە خىتاينىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشىگىمۇ يول قويماسلىق. ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولىشىنى خالايدۇ. ئەمما تەيۋەن مەسىلىسى ھازىر بارغانسېرى قاتمال بىر ھالەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ تاقىتى قالماي تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىپ قالسا، ئۇ چاغدا بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلاشماي ئامالى يوق."
ئۇ سۆزىدە يەنە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەننىڭ، ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاپ ھەمدە بۇنىڭ ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر دىموكراتىك جەريان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىغا جاۋاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇ ئاخىرىدا، ئومۇمىيۈزلۈك ئېيتقاندا تەيۋەننىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە ستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. (پەرىدە)