خىتاي تەيۋەن مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر


2005.04.19
People_First_Party.jpg
تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى چاڭ چىنجىن تەيبېيدىكى بىر يىغىلىشتا سۆزلىمەكتە. AFP

تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دىڭخۈي ۋە پرېزىدېنت چىن شۈيبىيەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ئۆز - ئارا تىركىشىش ۋەزىيىتىدە بولۇپ، خىتاي ۋە تەيۋەندىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئارىسىدا ھېچقانداق رەسمىي ئالاقە ئورنىتىلمىغان ئىدى.

بۇنداق شارائىتتا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە گوروھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەندىكى ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىشى، تەيۋەندە ۋە باشقا جايلاردا ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا.

خىتاينىڭ مەقسىدى، تەيۋەننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش

ئامېرىكا ۋېيكفورست ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پروفېسسورى لى ۋىيچىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنى خىتايغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، تەيۋەننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"تەيۋەندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ ئىككى قىرغاق ئالاقىسىنى ئورنىتىش تەرەپتە بەزى ئەندىشىلىرى بار. خىتاي بۇنداق شارائىتتا تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى كونترول قىلسا، دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولغىنى بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ".

پروفېسسور لى ۋىيچىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ليەن جەن ۋە سۇڭ چۇيۈنىڭ خىتاي زىيارىتى، ھاكىمىيەتتىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ خىتايغا قاراتقان قاتتىق سىياسىتىنى بىراز ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. تەيۋەندە پارتىيىلەر ئارىسىدىكى رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا، ئەگەر گومىنداڭ پارتىيىسى ئالدى بىلەن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، خىتاي سىياسىتىدە يىتەكچى ئورۇننى ئىگىلىيەلىسە، ئۇ ھالدا، دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىپ قەدەملەرنى بېسىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئومۇمەن ئېيتقاندا، كىمكى خىتاي- تەيۋەن مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرەلىسە، ئۇنىڭ كېيىنكى سايلاملاردا تېخىمۇ كۆپ بېلەتكە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ئاشىدىكەن.

تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر زىيارەتتىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەكتە

تەيۋەندىكى ھاكىمىيەتتىكى دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسىگە قارشى ئىتتىپاقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولغان خەلقپەرۋەر پارتىيىدىن سايلانغان پالاتا ئەزاسى سەي شىڭجيانىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

" سۆھبەتتە ھەر خىل ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەر مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن. سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى بولسىلا، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئۆز - ئارا ئالاقىلاشمىساق، مەڭگۈ تىركىشىپ تۇرىۋىرىمىز."

سىموۋوللىق ئەھمىيىتى چوق

ئەمما تەيۋەن دەنجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىشلار پروفېسسورى چىن يىشىڭنىڭ قارىشىچە، گەرچە ليەن جەن، سۇڭ چۇيۈلەرنىڭ زىيارىتى ئەھمىيەتلىك بىر قەدەم بولسىمۇ، بىراق گومىنداڭ ۋە خەلقپەرۋەر پارتىيىسى تەيۋەندىكى ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە بولمىغاچقا، بۇ قېتىمقى زىيارەتلەر ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش ياسىيالمايدىكەن. زىيارەتلەرنىڭ ئەمىلىي ئەھمىيىتىگە قارىغاندا سىموۋوللىق ئەھىمىيىتى چوڭ ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

" ئۆكتىچى پارتىيىلەر بېرىپ، مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغىنى بىلەن، ئەگەر ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ياق دېسە، يەنىلا ھېچقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. ھازىر گەرچە، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە بىلەن ئالدىن مەسلىھەتلەشمىگەن تەغدىردىمۇ، سۆھبەتتىن كېيىنكى نەتىجىلەرنى يەنىلا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيىنىڭ تەستىقلىشىغا ئەكىلىدۇ. ئىشنىڭ بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى يەنىلا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە بېكىتىدۇ."

ئۇنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلىشى، تەيۋەندىكى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە بىلەن ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى پارچىلاش رولىنى ئۆتەيدىكەن. ئەگەر ليەن جەن ياكى سۇڭ چۇيۈ خىتايغا ھەر قانداق بىر ۋەدە بېرىپ قالسا، بۇ تەيۋەن ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئىچكى جەھەتتە زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

تەيۋەندىكى "خىتاي ۋاقتى گېزىتى" نىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن 26 - ئاپرىل كۈنى خىتايغا قىلىدىغان سەككىز كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇ سەككىز كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرىشىدىكەن. تەيۋەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈنىڭ خىتاي زىيارىتىمۇ كىلەر ئايغا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇلارنىڭ زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 1945 - يىلىدىكى سۆھبىتىنى مىسال كەلتۈرۈپ، گومىنداڭنى خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنى ئۇتتۇرغاندىن كىيىن، يەنە تەيۋەندىنمۇ ئايرىلىپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.