مۈشۈك ئېيىق تەبىئىي ھايۋانات، ئۇ تەبىئەت دۇنياسىدا ئەركىن ياشىسا ئاندىن تەرەققى قىلىدۇ

تەيۋەندە 19 ‏- مارت كۈنى پرېزىدېنت مەھكىمىسى ئالدىدىكى چوڭ مەيداندا "دېموكراتىيىنى قوغدايمىز، بىرلەشتۈرىۋېلىشقا قارشى تۇرىمىز" دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ئونمىڭلىغان دۆلەت پۇقراسى نامايىش قىلغان بولۇپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن بۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىقتىن ۋاز كېچىشكە رازىكى، ئەمما تەيۋەننى خىتايغا قوشۇۋالىدىغان قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"مۈشۈك ئېيىق مەسىلىسى"

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ نامايىشتا يەنە 'تەيۋەن دۆلىتى' ، 'تاجاۋۇز قىلىشقا قارشى تۇرىمىز' دېگەن شۇۋالار توۋلانغان. تەيۋەندە بۇنداق بىرخىل نامايىش داۋام قىلىۋاتقاندا، يەنە ئونمىڭلىغان دۆلەت پۇقراسى كوچىغا چىقىپ 'خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، قابىلىيەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش، تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىشقا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھايات كېرەك، ئادالەتلىك كېرەك، تىنچلىق كېرەك' دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلغان. بۇ نامايىشقا تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ليەن، سوڭ، ۋاڭ، ما دېگەن ھەممە رەھبىرى قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىنلا ، تەيۋەندىكى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەئىسى مايىڭجيۇ ئەپەندى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلدى. مايىنجيۇ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان 10 كۈن ئىچىدە، خەلقئارادىكى ئەركىن مەتبۇئاتلاردا 'بىرلىك' ياكى 'مۇستەقىللىق' دېگەن تېما بويىچە مۇنازىرە داۋاملاشتى. بۇ چاغدا ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋىتىدىكى 'مۈشۈك ئېيىق مەسىلىسى' نى كۆتۈرۈپ چىقىپ يېڭى تالاش -تارتىش پەيدا قىلدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مايىڭجيۇ ئەپەندى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، 'ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش' نىمۇ ياقلىمايدىغان، 'تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش'نىمۇ ياقلىمايدىغان ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنىلا مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا پەقەت ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇشقىلا كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تەيۋەن ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىدۇ

'نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا "ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھازىر سۆزلىشىدىغان مەسىلە كۆپ، مەسىلەن، خەلق پۇلىنى ئەركىن ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي خىراجەت خامچوتى مەسىلىسى، ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى قاتارلىقلار. ۋاشىنگتون تەيۋەن مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇشنى خالىمايدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھەدەپ كۈچلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا، تەيۋەن خەلقى ئاخىرقى ھېسابتا، ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم دوستىدىن يىراقلىشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ بىر سەپتە تۇرۇشى لازىملىقىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ" دەپ بايان قىلىنغان.

ھازىر شىمالىي كارولىنا شتاتىدا تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل سىياسى مۇلاھىزىچى جۇشۆيۇەن ئەپەندى "كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قوللىنىۋاتقان سىياسىتى پەقەت تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى توسۇشتىنلا مەقسەت قىلىدۇ. تەيۋەندە مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغان ئادەملا بولسا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دەرھال ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. چېن شۇيبيەننى 'ئۆز بىلەن دۈشمەن مۇناسىۋىتى' دەپ قارىسا، ما يىڭجيۇنى 'خەلق ئىچىدىكى مۇناسىۋەت ' دەپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ" دەپ بايان قىلغان.

10 نەچچە يىل ئىچىدە، خوڭكوڭدا راستىنلا تىنچلىق بولدىمۇ

ھازىر تەيبېي شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندى 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە ما يىڭجيۇ ئەپەندىگە 'خوڭكوڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەندىن بۇيانقى 10 نەچچە يىل ئىچىدە، خوڭكوڭدا راستىنلا تىنچلىق بولدىمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدە ئىناق جەمئىيەت قۇرىمىز دېيىشكە باشلىغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە راستىنلا قارشىلىق ھەرىكەتلەر ئازىيىپ، مۇقىملىق بولدىمۇ؟' دەپ سۇئال قويغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەن ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى 3 ‏- ئاينىڭ 29 ‏- كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ 'بىز دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانات ‏-‏-‏- مۈشۈك ئېيىقنى قوغداپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، سانىنى 1800 گە يەتكۈزدۇق. بۇنىڭدىن ئۆزىمىز سۈنئىي نەسىللەندۈرۈپ يىتىشتۈرگىنىمىز 180 ، بۇنىڭدىن 2 نى تەيۋەنگە ھەدىيە قىلىش بۇلتۇر 4 ‏-ئايدا گومىنداڭ رەئىسى ليەنجەن ئەپەندى چوڭ قۇرۇقلۇققا كەلگەندە بىكىتىلگەن. تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئەمدى 'مۈشۈك ئېيىق مەسىلىسى'نى سىياسىيلاشتۇرۇۋالماسلىقى كېرەك، دېگەن.

تەيۋەن بىلەن خىتاينىڭ بۇ ھايۋاناتنى ئاتىشىمۇ، ئۇنىڭغا قىلىدىغان مۇئامىلىسىمۇ بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى 'مۈشۈك ئېيىق ' دەپ ئاتاپ، ئۇنى خۇددى دۆلەتنىڭ شاھزادىسى ياكى مەلىكىسىدەك مۇئامىلە قىلسا، تەيۋەنلىكلەر ئۇنى 'ئېيىق مۈشۈك'دەپ ئاتاپ، پەقەت بىر تەبىئىي ھايۋان دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن خىتاينىڭ باياناتىغا جاۋاب قايتۇرۇپ "ئېيىق مۆشۈكى دېگەن تەبىئىي ھايۋانات، ئۇنى قەپەزغا سولاپ تۇتۇپ تۇرۇپ، باشقىلارغا سوغا قىلسا، ئۇ ئۆزى خوشال بولۇشى ناتايىن. ئەگەر ئۇ خىتايدا يەپ تۈگىتىشكە يۈزلەنمەي، تەبىئەت دۇنياسىدا ئەركىن يايلىغان بولسا، ئۇ ئۆزى ئەركىن تەرەققى قىلىۋىرەتتى. ئېيىق مۆشۈكلىرى ھەر ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆسكەن تەبئىي مۇھىتىدا ئەركىن يايلاۋەرگىنى تۈزۈك' دېگەن. (ۋەلى)