خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخنى قانداق ئۆزگەرتتى؟ (1)

0:00 / 0:00

يېقىنقى ئىككى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان جۇڭگونىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ –كىچىك شەھەرلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلىرى يۈز بەردى. مىللەتچىلىك غورۇرى قايناپ تاشقان خىتاي پۇقرالىرى ياپونىيە كونسۇلخانىسى ۋە ياپون رېستۇرانلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ياپونىيە بايراقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىرى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ " ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى" ئىپادە قىلدى

بۈگۈنكى كۈندە خىتايلارنى ئەڭ غەزەپكە كەلتۈرگەن يەنى ئۇلارنىڭ ياپونىيىگە قارشى "ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتىنى قوزغىغان نۇقتا ئەنە شۇ تارىخ بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوز پۇقرالىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى "ياپونىيىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ياپونىيىنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنى يەنى، تارىخ دەرسلىكىنى ئۆزگەرتىشى" دىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتتى. . بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئالغاندا تارىخ ھەقىقى يېزىلىشى كېرەككى، ئۇنى قالايمىقان ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن. ئۇنداقتا خىتاي تارىخىي دەرسلىكلىرى ۋە تارىخلىرى قانداق تۈزۈلىدۇ؟ "ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش" مەقسەت قىلىنغان سىياسىي غەرەز سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە باشقىلارنىڭ تارىخلىرى ئۆزگەرتىلگەنمۇ؟ بۇرمىلانغانمۇ؟

بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتاقلىق خىتاي سىياسەتشۇناسى ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ئالىمى قاھار بارات ئەپەندى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي تارىخنى بۇرمىلاش ئۇسۇلى قوللىنىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى شۇنداقلا خىتاي تارىخىي دەرسلىكلىرىنى يازىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.