خىتاي ھۆكۈمىتى تارىخنى قانداق ئۆزگەرتتى؟ (2)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل شۇنىڭدەك خەنزۇلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن مانجۇلار ئۇزۇن مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخىغا ئىگە مىللەتلەر بولۇپ، ئۇلار ئاسىيا تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. بۇ مىللەتلەر قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە شۇنىڭدەك يېقىنقى ئەسىرلەردە قۇدرەتلىك ئىمپېرىيىلەرنى قۇرۇپ، ئاسىيا، جۈملىدىن دۇنيا تارىخىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپلا قالماستىن بەلكى، خۇئاڭخې دەرياسى ۋادىسىنى مەركەز قىلغان خىتاي مىللىتىنىڭ ھاكىمىيەتلىرىگىمۇ سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.

تارىختا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خىتاي دۆلەتلىرى سەددىچىننىڭ سىرتىدىكى بۇ مىللەتلەردىن ئاجىز بولغان ۋاقىتلارمۇ، ھەتتا ئۇلارغا بويسۇنغان ۋاقىتلارمۇ بولغان. ئۇ چاغلاردىكى جۇڭگو ئۇقۇمى بىلەن بۈگۈنكى جۇڭگو ئۇقۇمى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى نەرسە.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمەت تارىخچىلىرى بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىش بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىختىكى دۆلەتلىرىنى مۇستەقىل دۆلەت،ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئايرىم تارىخ دەپ تونۇماستىن بەلكى، ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىنى "جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتى"گە تەۋە يەرلىك ھاكىمىيەتلەر دېگەننى تەرغىپ قىلدى. ئۇلارنىڭ تارىخىنى جۇڭگو تارىخىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارىدى.

مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدا نامى ئاتالغان مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى بېكىتىشتىكى تۈپ ئاساسىي پىرىنسىپ بولۇپ، بارلىق تارىخ دەرسلىكلىرى مەزكۇر پرىنسىپلار ئاساسىدا تۈزىدۇ. بۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش سىياسىي خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇتەخەسسىسى دوكتور ساۋ چاڭچىڭ، موڭغۇل تارىخچىسى دۇغارجاب ۋە ئۇيغۇر تارىخچىسى دوكتور ئىرپان توختىيېۋ ۋە قاھار باراتل قاتارلىقلار خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق خەلقلەرنىڭ تارىخلىرىنى بۇرمىلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.(ئۈمىدۋار)