خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر(1)

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" دە بېسىلغان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، توختىماي سىياسى ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ھەر قېتىمقى سىياسى ھەرىكەتتە خەلقنىڭ ئەدىپىنى بەردى. خەلقنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئۈچۈن بەدنام توقۇدى. بەدنام توقۇش ئۈچۈن پۈتۈن ھوقۇقلارنى چاڭگاللىۋېلىپ يالغانچىلىق قىلدى. ھەر قېتىم سىياسى ھەرىكەتتىن بۇرۇن پۈتۈن ئۇچۇر تارماقلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ يالغانچىلىق قىلىشقا باشلىدى. يالغانچىلىق بىلەن باشلىغان سىياسى ھەرىكەتتە بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن "نامىنى ئەسلىگە كەتۇرۇش" دېگەننىمۇ قىلدى. گەرچە بىر قىسىم كىشىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېلونى پەيدا قىلغۇچىلەر ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئېيىبلەنمىدى.

، راۋسۇشىلارنىڭ پارتىيىگە قارشى بىرلىكى" دېگەن ۋاقە ھەققىدە

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، گاۋگاڭ ئەپەندى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ 20 - يىللاردىلا كوممۇنىست پارتىيىگە كىرگەن، 40 - يىللاردا مەركىزى كومىتېت ئەزاسى، سىياسى بىئۇرو ئەزاسى بولغان، 45 - يىللاردىن كېيىن مەركىزى كومىتېت شەرقى شىمال بىئۇروسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 49 - يىلىدىن كېيىن مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى، ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. راۋ سۇشىمۇ 48 - يىلىدىن كېيىن شەرقى جوڭگو بىئۇروسىنىڭ شۇجىسى، شەرقى جوڭگو ھەربى رايۇن سىيسى كومىسسارى بولغان. بۇلار ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئۆز - ئارا بىرلىك تۈزگەن ئەمەس، پەقەت ليۇ شاۋچى، جۇ ئېنلەيلەر بىلەن بەزىدە پىكرى ئوخشاش بولمىغان. بۇ مەسىلىدە ماۋ زېدوڭ جۇ ئېنلەي تەرەپكە يان بېسىپ 1955 - يىلى 3 - ئايدا "مەركىزى كومىتېتنىڭ گاۋگاڭ، راۋ سۇشىلارنىڭ پارتىيىگە قارشى بىرلىكى توغرىسىدىكى قارارى" دېگەن ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، بۇ ئىككى ئەپەندىنى "پارتىيىگە قارشى گۇرۇھ" ، "بۇرجۇئازىيىنىڭ پارتىيىمىز ئىچىدىكى ۋەكىلى" ، "ماۋ زېدوڭنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىكىنى ئاغدۇرپ دۆلەتنىڭ ئالى ھوقۇقىنى تارتىۋالماقچى بولغان" دېگەن بەدنامنى توقۇپ جازالىدى. گەرچە كېيىن ئۇلارنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېلونى پەيدا قىلغۇچىلەر ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمىدى. "خۇ فېڭ ئەكسىلئىنقىلابى گۇرۇھى" دېگەن ۋەقە ھەققىدە

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خۇ فېڭ ئەپەندى 1930 - يىللاردىلا ياپونىيىدە كوممۇنىست پارتىيىگە قاتناشقان سولچى ئەدىب. ئۇ 40 - يىللاردا چوڭچىڭ شەھرىدە ئىلغار ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىلى ۋە يېتەكچىسى دەپ تونۇلغان. ئۇ جۇ ئېنلەي، چاۋ گۇەنخۇالار بىلەن بىرلىكتە كۆپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان. ئۇ 49 - يىلىدىن كېيىن ماۋ زېدوڭنى قىزغىن مەدىھىيىلىگەن ئەرباب. ئەمما ماۋ زېدوڭ 1955 - يىلى يازدا "خەلق گېزىتى" دە بېسىلغان ماقالىغا تەستىق يېزىپ، خۇ فېڭ ئەپەندىنى "ئىنقىلاب سېپىگە يوشۇرۇنغان ئەكسىلئىنقىلابىي مەزھەپ" ، "يوشۇرۇن پادىشاھلىق"، "جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئاغدۇرۇش جاھانگىلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى تىكلىمەكچى بولغان" دەپ يازدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن خۇ فېڭ دېلوسى قايتىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلاپ، ئۇ 1979 - يىلى 1 - ئايدا تۈرمىدىن چىقتى. 80 - يىلى "خۇ فېڭ ئەكسىلئىنقىلابى گۇرۇھى" دېگەن قارار بىكار قىلىندى. جىنايەت ناملىرنى يەنە قايتىدىن سۈزۈپ چىقىپ، 88 - يىلى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەمما "نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىنى" ئاران بىر ئادەم. ئەمەلىيەتتە كوممۇنىست پارتىيە 30 نەچچە يىل ئىچىدە بەدنام توقۇپ بۇ دېلوغا چېتىپ ناھايىتى كۆپ زىيالىنى جازالاپ كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئاللىقاچان يېتىۋالغان ئىدى.

"بۇرژۇئازىيالىلىرىغا قارشى تۇرۇڭ ھەرىكىتى" دېگەن ۋەقە توغرىسىدا

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 1957 - يىلى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەركىزى كومىتېت "خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا بىرتەرەپ قىلىش، بيۇروكراتلىققا، مەزھەپچىلىككە، ئۆزەمچىلىككە قارشى ئىستىل تۈزۈتۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارار" دېگەن ھۆججەتنى تارقاتتى. خەلق پارتىيىگە قارىتا ئەقىلغا مۇۋاپىق تەكلىپ، تەلەپلەرنى قويدى. بەزى مەسىلىلەرگە قارىتا ياخشى نىيەت- مەقسەت بىلەن تەنقىتمۇ بەردى. بۇ چاغدا، 57 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ماۋ زېدوڭ "ئەھۋال ئۆزگەرمەكتە" دېگەن بىر ماقالىنى يېزىپ "ئوڭچىلار" نىڭ ھۇجۇمىدىن ئاگاھ بولۇشنى، "سىنىپى دۈشمەنلەردىن چېگرا ئايرىش" نى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە 500 مىڭ ئادەمگە "ئوڭچى" دېگەن قالپاقنى كەيگۈزدى. بۇ كىشىلەر شۇنىڭدىن تارتىپ 20 يىلغىچە ئېچىنىشلىق خارلىنىش ئىچىدە ئۆتتى. 70 - يىللارنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ "نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن" بولسىمۇ، ئۇلار تارتقان جىسمانىي، روھى ئازاپنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. (ۋەلى)