خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر (2)

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" دە بېسىلغان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىنىدۇ:

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، توختىماي سىياسى ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ھەر قېتىمقى سىياسى ھەرىكەتتە خەلقنىڭ ئەدىپىنى بەردى. خەلقنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئۈچۈن بەدنام توقۇدى. بەدنام توقۇش ئۈچۈن پۈتۈن ھوقۇقلارنى چاڭگاللىۋېلىپ يالغانچىلىق قىلدى. ھەر قېتىم سىياسى ھەرىكەتتىن بۇرۇن پۈتۈن ئۇچۇر تارماقلىرىنى كونترول قىلىۋېلىپ يالغانچىلىق قىلىشقا باشلىدى. يالغانچىلىق بىلەن باشلىغان سىياسى ھەرىكەتتە بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىدى. كوممۇنىست پارتىيە كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن "نامىنى ئەسلىگە كەتۇرۇش" دەپ بىر قىسىم كىشىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېلونى پەيدا قىلغان كىشىلەر ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنمىدى.

"پېڭ دېخۇەينىڭ پارتىيىگە قارشى گۇرۇھى" دېگەن ۋەقە ھەققىدە

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 1958 - يىلى ماۋ زېدوڭ " 3 قىزىل بايراقنى ئىگىز كۆتۈرۈش"، "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش"، "خەلق كوممۇناسى قۇرۇش" دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا يالغانچىلىق - مۇبالىغىچىلىق يامراپ كەتتى. ماۋ زېدوڭ بۇنداق ۋەزىيەتنى "چوڭ ياخشى ۋەزىيەت" دەپ ماختىدى. ھەممە خەلقنى بىر جايغا يىغىۋېلىپ "پولات-تۆمۈر تاۋلاش" دېگەندەك ھەرىكەتلەردە خەلققە ئىنتايىن ئېغىر جاپا سالدى. مۇبالىغىچىلىق چېكىدىن ئاشتى. يالغانچىلىققا قارشى تۇرىدىغان مارشال پېڭ دېخۇەي ئەپەندى ئەھۋال ئۇقۇش ئۈچۈن يېزىلارغا باردى، ماۋ زېدوڭنىڭ يۇرتىغىمۇ باردى. ئۇ بارغانلىكى جايدا مەھسۇلات كەمەيگەنلىكىنى كۆردى.

1959 - يىلى 7 - ئايدا مەركىزى كومىتېتنىڭ لۇسەن يىغىنى ئېچىلغاندا، پېڭ دېخۇەي ئەپەندى ئۆز كۆزى كۆرگەن ھەقىقى ئەھۋاللارنى نەق پاكىتلىرى بىلەن يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى. "يالغانچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك" دېدى. ماۋ زېدوڭ بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، پېڭ دېخۇەيغا قارشى تەنقىد قوزغاپ، راستچىللىق بىلەن پىكىر قىلغان كىشىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا چېتىپ "پېڭ دېخۇەي، خۇئاڭ كېچېڭ، جاڭ ۋېنتەن، جۇ شاۋجۇ لارنىڭ پارتىيىگە قارشى گۇرۇھى" دەپ جاكارلاپ، جازالىدى. 1971 - يىلىغا كەلگىچە بۇنىڭغا چېتىلىپ سانسىز ئادەم جازالاندى. پېڭ دېخۇەينى بولسا يەنىمۇ ئىلگىىرلەپ "قارانىيەتچى"، "سۈيىقەستچى" دەپ قارار چىقىرىپ تەنقىتلەپ، كۈرەشكە ئېلىپ خارلاپ ئۆلتۈردى.

1978 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى پېڭ دېخۇەي توغرىسىدا چىقىرىلغان يەكۈن تۈزۈتۈلدى. ئەمما بۇنداق چوڭ ناھەق دېلونى پەيدا قىلغان كىشىلەر ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئېيىپلەنمىدى. "خائىن، ساتقىن، ئوغرى ليۇ شاۋچى" دېگەن ۋەقە ھەققىدە

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا ماۋ زېدوڭ بەدنام توقۇپ يىقىتقان سالاھىتى ۋە مەنسىپى ئەڭ يۇقىرى ئادەم دۆلەتنىڭ رەئىسى، پارتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتايدىكى 2 - نۇمۇرلۇق ئەمەلدار ليۇ شاۋچى. ماۋزېدوڭ 8 – قۇرۇلتايدا ليۇ شاۋچىنى "كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ئەڭ چوڭ ھوقۇقدار" ، "شيۇجىڭجۇيىنىڭ باش پانايى"، "خائىن، ساتقىن، ئوغرى" دەپ بېكىتتى. 1972 - يىلى 2 - ئايدا بۇ دېلو قايتىدىن بىرتەرەپ قىلىنىپ ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئەمما بۇنداق چوڭ ناھەق دېلونى پەيدا قىلغان كىشىلەر ھېچقانداق جىنايەت بىلەن ئېيىپلانمىدى.

"4 - ئىيۇن ئەكسىلئىنقىلابى توپىلاڭ" دېگەن ۋەقە ھەققىدە

"خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بەدنام توقۇپ خەلقنى جازالىغان تارىخىي ۋەقەلەر" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، 1989 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتتە ئوقۇغۇچىلار "ھايانكەش، خىيانەتچى ، چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار" غا قارشى تۇرۇش شۇئارىنى توۋلاپ كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلدى. بۇنى ئالقىشلىمايدىغان خەلق بولمىدى. نامايىش بارغانسىرى ئۇلغايدى. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر چوڭ دېموكراتىك ھەرىكەتنى "ئەكسىلئىنقىلابى توپىلاڭ"، "سوتىسيالىزمغا قارشى ھەرىكەت" دېگەن نام بىلەن قوراللىق باستۇردى. نۇرغۇن ئادەم خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئوقىدا ئۆلدى. (ۋەلى)