"خىتاي خەلق بانكىسى" نىڭ تور بېتىدە 2005 - يىلى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا 711 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇيىل 1 - ئايدىكى جۇغلانما مىقدارىغا 101 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى قوشۇلغان. دېمەك، خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمسى بۇلتۇرقى مۇشۇ ۋاقىتتىكى مىقداردىن 51.1٪ ئاشقان.
دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا
خىتاي خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق سېلىشتۇرمىدىكى سۈرئەتكە قارىغاندا، ياپونىيىنىڭ ھازىرقى تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى 844 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. دېمەك خىتاي ھازىر ياپونىيىدىن قالسا، دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
سانلىق سېلىشتۇرمىغا قارىغاندا يەنە، تەيۋەننىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا 251 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. ئۇ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدۇ. خوڭكوڭنىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى 122 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. ئۇ دۇنيا بويىچە 7 - ئورۇندا تۇرىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاي بۇيىل ياپونىيىدىن ئېشىپ كېتىپ، تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى سېلىشتۇرمىسىدا دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇش ئېھتىمالى بار.
"خەلق گېزىتى"، "گوگۇل تور بېتى"، "ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات ۋە مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەت بايلىقى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە بۆلۈم باشلىقى جاۋ شاۋ "بۇ تارىختا كەم ئۇچرايدىغان ئىقتىسادىي ئۆرلەش. بۇ ئىقتىسادىي ئۆرلەشنىڭ 40٪ نىڭ سىرىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس" دېگەن.
بۇ پۇللارنىڭ مەنبەسى نېمە؟
خىتاي دۆلەت بايلىقى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە بۆلۈمىنىڭ بايان قىلغانلىرىدا مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ قەدەر تىز ئۆسۈۋاتقان تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن ئۈچ. بىرىنجىسى، تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەيۋەن ئۆزىنى "دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاياق زاۋۇتى"، "كۈنلۈك زاۋۇتى" دەپ ئاتايدۇ. خىتاي تەيۋەن ئالدىدا ئۆزىنىڭ غورۇرىنى تىكلەش مەقسىتىدە، بۇ جەھەتتە تەيۋەننى بېسىپ چۈشۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىئىسغا بىر مۇنچە سان قوشۇلغان. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ پۇل - مۇئامىلە بازىرى، ئىنتېرنېت تور سىستېمىسى، سۈنئى ھەمراھ سىستېمىسى قاتارلىق ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھەر قانداق ھۇجۇمنى ئامېرىكىنىڭ زېمىنىگە ھۇجۇم قىلغانلىق، دەپ ھېسابلاپ ۋە جاكارلاپ تۇرسىمۇ، ئەمما خىتاي يەنىلا ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، ھەرخىل ئىقتىسادىي ۋاستە ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ يوللىرىنى توسۇش جەريانىدا، خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسىغا قوشۇلغان سان. ئۈچىنچىدىن، خىتاي بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىدىغان ئاپتوموبىل، پۇرچاق، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات، كىنو قاتارلىقلارنى ئازايتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىن ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان كىيىم، ئاياق، تېلېۋېزور قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ھەدەپ كۆپەيتىپ، سودىدا قىزىل رەقەم پەيدا قىلىش جەريانىدا، خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسىغا قوشۇلغان سان. خىتاينىڭ ھازىرقى 711 مىليارت ئامېرىكا دوللىرىلىق تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق ھاسىل بولغان جۇغلانما.
خەلق بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەمدۇ؟
خىتاي دۆلەت بايلىقى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە بۆلۈمىنىڭ بايان قىلغانلىرىدا مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى شۇقەدەر كۆپ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى ھازىرچە خەجلەنمەيدىغان، چەتئەللەردە قويۇپ قويۇپ خەجلەشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان نەق ئامېرىكا دوللىرى. خىتاينىڭ بۇ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى، ئەمەلىيەتتە، 1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كرىزىس بىلەن تەڭ كېتىۋېتىپ ھاسىل بولغان جۇغلانما. بەلكى ھازىرقىدەك، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان نەق پۇل.
خىتاي دۆلەت بايلىقى كومىتېتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە بۆلۈمىنىڭ بايان قىلغانلىرىدا مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ خەلق پۇلى، مەيلى ئۇ ئۆي - زېمىن تىجارىتى ئارقىلىق ھەر قانچە كۆپ توپلانسۇن، ئۇ سىرتقا ئېلىپ چىقىلسا ئىشلىمەيدۇ. پۈتۈن دۇنيادا ئەركىن ئالماشتۇرىلىدىغان پۇل يەنىلا ئامېرىكا دوللىرى. خىتايدىن قاچقان 6000 ئەمەلدارنىڭ سىرتقا ئېلىپ ماڭغىنىمۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكا دوللىرى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى، خەلق ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچقاچان بىر خىل بەخت ئۇقۇمى ئەمەس. بۇ جۇغلانما ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ چىقىش يولى ئۈچۈن توپلاۋاتقان جۇغلانما بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. (ۋەلى)