خىتاي ھەربىي تەييارلىقى دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كەلدىمۇ يوق؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۇنيانىڭ ھەربىي تەرەققىياتى توغرىسىدىكى 4 يىلدا بىر ئېلان قىلىدىغان دوكلاتىنى ئاشكارىلاپ، خىتاي ھەربىي تەييارلىقىنى ئامېرىكىغا ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىدىغان تەھدىت دەپ باھالىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كوڭ چۈەن 7-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر دوكلاتقا رەددىيە بەردى. ئۇ "خىتاي تەھدىتى نەزىريىسى مۇبالىغە قىلىندى" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھەربىي تەييارلىقى دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كەلدىمۇ يوق؟ ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟