شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ھەققىدىكى ئىنكاسلار


2004.09.06

شىمالىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېسلان شەھىرىدە يۈز بەرگەن مەكتەپنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسىنىڭ دەھشەتلىك پاجىئە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، كۆپلىگەن بىگۇناھ نارەسىدە بالىلار ۋە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى شۇنىڭدەك رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە باشقىلار ھەققىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇپ قالماقتا.

يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بېسلان شەھىرىدە دەپىنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، قازاغا ئۇچرىغۇچىلار قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەممىسى بىر يەرگە دەپىنە قىلىنغان.

7- سېنتەبىر پۈتۈن رۇسىيە بويىچە ئومۇمى يۈزلۈك ھالدا ماتەم بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا دەسلەپكى كۈنلەردە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرلارنى كونتورۇل قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلار ۋە ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق مەلۇم قىلىنمىغان ئىدى. لېكىن، ھۇجۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە مەتبۇئاتلار پۈتۈنلەي باشقىچە ۋە يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى تارقاتتى.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى دەسلەپتە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ 400 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

ھۇجۇم جەريانىدا ئۆلگەن بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ھەم باشقىلارنىڭ سانى دەسلەپتە 100 ئەتراپىدا دېيىلگەن بولسا، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ 354 ئادەمگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى "خەۋەرلەر ۋاقتى" بولسا ئەمەلىيەتتە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ ئۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكى، ھەتتا 400 دىن 500 غىچە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. رەيتېرس ئاگېنتلىقى ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ 394 ئادەم ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان.

رۇسىيەنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ھازىر 377 نەپەر ئادەم شىمالى ئوسسېتىيەنىڭ ھەر قايسى دوختۇرخانىلىرىدا جىددى داۋالانماقتا. بۇلارنىڭ 197 نەپىرى ئۆسمۈرلەر ئىكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى دەسلەپكى كۈنلەردە گۆرۈگە ئالغۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 17 ئادەم ئىكەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئۇلارنىڭ 32 ئادەم ئىكەنلىكى، 30 نەپىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، 2 نەپىرىنىڭ غايىپ بولغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

رۇسىيە رازۋېتكا ئورگانلىرى بۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشقا ۋە سالاھىيىتىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ چېچەن، ئىڭۇش، ئوسسېتىن، قازاق ۋە سلاۋىيانلاردىن تەركىپ تاپقانلىقى ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر نەپەر قارا تەنلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەن. رۇسىيە ساقچى ئورگانلىرى مەزكۇر گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنىڭ ئالدىن –ئالا پىلانلانغانلىقى شۇنىڭدەك يەرلىك ساقچى ئورگىنىدىكى بىرسىنىڭ تېررورچىلارغا ئۇچۇر بېرىپ، ئۇلار بىلەن ماسلاشقانلىق ئېھتىماللىقىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەن.

بېسلان ۋەقەسىنىڭ پاجىئەلىك ئاخىرلىشىشى خەلقارا يۈزىدە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پرىزدېنت پۇتىننىڭ سىياسىتى قاتارلىقلارغا ئائىت مۇلاھىزىلەر ھەم تۈرلۈك ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ ئەھۋال رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىمۇ روشەن ئىپادىلەڭەن بولۇپ، ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بىلەن خۇسۇسىلارنىڭ ئەركىن مەتبۇئاتىدىكى ئىنكاسلار بىردەك ئەمەس.

رۇسىيەنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر سەھىپىلىرىدىن بىرى www.newsru.com دا كۆرسىتىلىشىچە؛ سانلىق مەلۇماتلاردا يالغانچىلىق كۆرۈلگەن. ھۆكۈمەت ئېنىق ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان.

"موسكۋا كومسوموللىرى" گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئىنكاستا رۇسىيە ئالاھىدە خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ھەققىدە باھا بېرىلىپ، " 30 نەپەر قوراللىق باندىتلار يەنى ئەرەپلەر،قارا تەنلىكلەر شىمالى ئوسسېتىيەگە كىرگەن چاغدا بىزنىڭ ئالاھىدە خىزمەتچىلىرىمىز نەدە ئىدى؟ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى شەھىد ئايال ئايروپىلانغا بومبا قويغاندا بىزنىڭ ئالاھىدە خىزمەتچىلىرىمىز نەگە كەتتى؟ "دېگەندەك سوئاللار مەيدانغا چىققان .

ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزى www.newsru.com دا يەنە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كاۋكازىيىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلمىغاندا ئۇ جايدىكى ۋەزىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىكى "ۋاشىڭتون ۋاقتى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋلادىمىر پۇتىنىڭ بۇ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدىكى ئىنكاس نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، پرىزدېنت پۇتىننىڭ سىياسىتىنىڭ جىددى ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ چېچەنلەرنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن غەرىپنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ھەمدە چېچەنلەرنىڭ ھەرىكىتىنى خەلقارا تېررورىزىمنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشىشىنىڭ ئاھالىلارغا بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى يورۇتۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چېچەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن موسكۋانىڭ چېچەنلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىشىنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئىتالىيە گېزىتلىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ يولغا ماڭماسلىقىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. بىراق، ۋلادىمىر پۇتىن بۇ قېتىمقى بېسلان پاجىئەسى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن سۆزىدە "ئۆزىنىڭ ھېچقاچان تېررورىستلارغا باش ئەگمەيدىغانلىقى، ئەگەر باش ئەگكەندە بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى" تەكىتلىگەن. كۈزەتكۈچىلەر بۇ سۆزدىن پۇتىننىڭ چېچەن پىدايىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قەتىي قارشى تۇرۇشتەك مەيدانىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.

رۇسىيە ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا؛ ۋەقە يۈز بەرگەن بېسلان شىمالى ئوسسېتىيىدىكى كىچىك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسى 33 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ جايدا ئاساسلىقى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئوسسېتىنلار، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىڭۇشلار، چېچەنلەر ۋە باشقىلار ياشايدىكەن.

مەزكۇر رايوندا ئىڭۇشلار بىلەن ئوسسېتىنلار ئارىسىدا 1924-يىلىدىن تارتىپ مىللى زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا شىمالى كاۋكازىيىدە موسكۋانىڭ پىلانى بويىچە چېچەن- ئىڭۇش ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، شىمالى ئوسسېتىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرى قۇرۇلۇپ، مىللىي ۋە جۇغراپىيىلىك چېگرالار ئايرىلغاندا ئىڭۇشلار بىلەن ئوسسېتىنلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەر ئۇلغۇيۇشقا قاراپ يۈزلەڭەن. 1944-يىلى، چېچەن ۋە ئىڭۇشلار ستالىن تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغاندا ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى ئوسسېتىنلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن، نەتىجىدە زىددىيەت تېخىمۇ كۈچۈيۈپ، 1992-يىلىدىن تارتىپ، ئىڭۇشلار بىلەن ئوسسېتىنلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرغان.

رۇسىيە ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ؛ كىشىلەر بېسلان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىڭۇشلار بىلەن ئوسسېتىنلار ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇلغۇيۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن . (ئۈمىدۋار)

3- سېنتەبىر شىمالى ئوسسىتىيەدىكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش كرىزىسى قەتلىئام بىلەن ئاخىرلاشتى

5- سېنتەبىر رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

7- سېنتەبىر شىمالىي ئوسسېتىيە ۋەقەسى ۋە پۇتىن

8- سېنتەبىر رۇسسىيە چېچەن رەھبەرلىرىنى تۇتۇش مۇكاپاتى ئېلان قىلدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.