ئۇچۇر- ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلانغان تېررورلۇق

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئامېرىكا، ياۋرۇپا، ئاۋسترالىيە، تەيۋەنلەردە تۇرىۋاتقان خىتايچە سۆزلىشىدىغان ئاھالىلار نامەلۇم تېلېفون ئارقىلىق پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن.

بۇنداق تېلېفون پاراكەندىچىلىكى ئۇدا بىرنەچچە كۈن داۋام قىلغان. بەزى كىشىلەر بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. كەلگەن تېلېفوننىڭ مەزمۇنى، بىر خىلى ئالدىن تەييارلانغان بىرنەچچە مىنۇتلۇق ئۇنئالغۇ لىنتىلىرىدىكى تەشۋىقات. يەنە بىر خىلى خىتاي مىللەتچىلىكىنى قوزغايدىغان "ۋەتەنپەرۋەرلىك" ناخشىلار. ئۇنىڭ تىلى خىتايچە ھەم ئەنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا. پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يانفونلىرىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆي تېلېفونىنىڭ سۆز قالدۇرۇش ماشىنىسىمۇ ئالدىن تەييارلانغان بىرنەچچە مىنۇتلۇق ئۇنئالغۇ لىنتىلىرىدىكى تەشۋىقاتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن.

ئۇرۇلغان تېلېفوننىڭ نومۇرى نامەلۇم

نامەلۇم تېلېفون پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان فالۇنگوڭچە نەپەس مەشقى قىلغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شۈ كەنگاڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تېلېفون پاراكەندىچىلىكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لاردا باشلانغان. قۇبۇل قىلىنغان تېلېفوننىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ نۇمۇرى چىقمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ 0086 ، 008613 دېگەن نۇمۇرلىرى كۆرۈنۈپ قالغان. ئۇنىڭ مەزمۇنى خىتايچە ۋە ئەنگلىزچە 2 خىل تىلدا ئالدىن لىنتىغا ئېلىپ تەييارلانغان تەشۋىقات. بۇنداق نامەلۇم تېلېفون بەزى كىشىلەرگە بىر كۈننىڭ ئىچىدە ئۇدا 10 قېتىم كەلگەن . بەزى كىشىلەرنىڭ تېلېفونىنىڭ سۆز قالدۇرۇش بوشلىقى توشۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا قايتىدن تېلېفون كەلسە ئىنكاس قايتۇرالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

بەزى كىشىلەرنىڭ يانفونىغا بىرنەچچە مىنۇتتا بىر قېتىم تېلېفون كېلىپ تۇرغان. تېلېفون پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغۇچىلانىڭ كۆپۈنچىسى فالونگوڭچە نەپەس مەشقى قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان كىشىلەر. تېلېفوندا ئاساسەن بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن تيەنئەنمېن مەيدانىدا پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرغان "ئۆزنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەسى" توغرىسىدا بۇرۇن دېيىلگەن كونا گەپلەر تەكرارلانغان ياكى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇچۇر ئورگانلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئۆزنى كۆيدۈرىۋېلىپ ئۆلمەي قالغان، ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان ۋاڭ جىندوڭنى زىيارەت قىلغانلىقى سۆزلەنگەن ياكى ۋاڭ جىندوڭ نىڭ غەرب مۇخبىرلىرىغا نېمە دېگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىشى فالونگوڭچە نەپەس مەشقى قىلىپ مېڭىسى ئېلىشقانلىقتىن بولغانلىقى سۆزلەنگەن يالغان تەشۋىقاتلار بار.

يېڭىدىن پەيدا بولغان كونا تەشۋىقات

شۈ كەنگاڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلۇغ ئىرا گېزىتىدە كوممۇنىست پارتىيىگە 9 باھا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيە ئۇنى كۆچۈرۈپ بېسىپ تەنقىد قىلالماي ياكى ئۇنىڭدىكى پاكىتلارنى بىر مۇ - بىر رەت قىلالماي مات بولدى. ئەمدى ھازىر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي كونا يالغان تەشۋىقاتنى يەنە كۆتۈرۈپ چىققان. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ يالغان تەشۋىقاتىنىڭ فالونگوڭچە نەپەس مەشقى قىلغۇچىلارغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ يەنە بۇنداق شەكىل قوللۇنۇشنىڭ ئۆزى مەقسەتلىك ھالدا قىلىنغان پاراكەندىچىلىك. شۈ كەنگاڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، تېلېفون پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئەھۋالنى ئامېرىكىنىڭ فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلغان.

قاراشلار

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە مۇلاھىزىچى لى دىڭ ئەپەندى بۇ مەسىلىنى مۇنداق مۇلاھىزە قىلغان: 1999 - يىلى خىتاينىڭ ھەربىي نەشرىياتى ھەربىي تاكتىكا توغرىسىدا "چەكلىمىسىز ئۇرۇش" ناملىق بىر كىتاب نەشىر قىلغان ئىدى. بۇ كىتابتا "قوراللىق ياكى قورالسىز، ھەربىي قىسىم شەكىلى بىلەن ياكى ھەربىي قىسىمچە بولمىغان شەكىل بىلەن، قىرغىنچىلىق قىلىدىغان ياكى قىرغىنچىلىق قىلىنمايدىغان شەكىل بىلەن، ئومۇمەن قوللىنىشقا بولىدىغانلىكى ھەممە ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى ئۆز مەنپەئەتىنى ئېتىراپ قىلدۇرشقا مەجبۇرلاش" تەشەببۇس قىلىنغان.

بۇنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يېڭىچە ئۇرۇش نەزەرىيىسى، بۇ نەزەرىيە 3 خىل ئۇرۇش شەكلىنى، يەنى يادرو ئۇرۇشى، مۇنتىزىم قىسىم ئۇرۇشى، بىئو-خىمىيە ئۇرۇشى، ئېكولوگىيە ئۇرۇشى، ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇشى، ئېلېكترونلۇق دولقۇن ئۇرۇشى، پارتىزانلار ئۇرۇشى قاتارلىقلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي قىسىم بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى؛ دىپلوماتىيە ئۇرۇشى، ئېلېكترونلۇق تور ئۇرۇشى، ئاخبارات ئۇرۇشى، پسىخولوگىيە ئۇرۇشى، پەن - تەخنىكا ئۇرۇشى، ئەتكەستچىلىك ئۇرۇشى، زەھەرلىك چېكىملىك ئۇرۇشى، رەڭۋازلىق ئۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربى قىسىم ئىشلىتىشتىن ھالقىغان شەكىلدە ئۇرۇش قىلىشنى؛ پۇل - مۇئامىلە ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى، بايلىق مەنبەئە ئۇرۇشى، ئىقتىسادىي ياردەم ئۇرۇشى، قانۇن ئۇرۇشى، جازالاش -چەكلەش ئۇرۇشى، ۋاسىتىچىلىك ئۇرۇشى، ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربى قىسىم ئىشلەتمەيدىغان ئۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، لى دېڭ ئەپەندى " ھازىرقى بۇخىل تېلېفون پاراكەندىچىلىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدا 2004 - يىلى 10 -ئاينىڭ 4 - كۈنى ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ دىنى، ئەركىنلىكى ۋە سىياسى ھۇقۇقىنى قانۇن بۇيىچە قوغداش توغىسىدا ماقۇللانغان 304 - نومۇرلۇق قانۇن لايىھىسىدە پىسەنت قىلماي ‘چەكلىمىسىز ئۇرۇشئ نەزەرىيىسى بويىچە ئۇچۇر- ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ قىلغان "تېررورلىقى" دەپ مۇلاھىزە قىلغان. (ۋەلى)