خىتاي تارىخىدىكى تېررورچىلىق (1)

تۆۋەندە سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان "خىتاي تارىخىدىكى تېررورچىلىق" دېگەن ماقالىنى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پروفېسسور لى لىڭ ئەپەندى تارىخى ئەسەرلەردىن رەتلەپ چىققان.

بۇ ماقالە خەۋەرلەر مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان. Google تور بېتىدە تونۇشتۇرىلىشىچە، پروفېسسور لى لىڭ ئەپەندى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىدا قەدىمكى زامانلاردا تارشا ۋە كىمخاپلارغا يېزىلغان پۈتۈكلەر ھەققىدىكى ئىلمى تەتقىقاتلار بويىچە دەرس ئۆتىدۇ. ئۇ، دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيەتلىرى ھەققىدىمۇ چۇڭقۇر مەلۇماتلىق كىشى. لى لىڭ ئەپەندى "سۈنزىنىڭ ھەربى تاكتىكىلىرى" ، "خىتايچە رەمنامىلار ھەققىدە تەتقىقات" قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇلغان.

"خىتاي تارىخىدىكى تېررورچىلىق" دېگەن ماقالە لى لىڭ ئەپەندىنىڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، گۈرۆگە ئېلىۋېلىش قاتارلىق زامانىمىزدكى تېررورچىلىق شەكىللىرى خىتاي تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شەكىل دەپ قارايدۇ.

"تېررورچىلىق" دېگەننىڭ تەبىرى

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پروفېسسورى لى لىڭ ئەپەندى ماقالىسىدا ئالدى بىلەن "تېررورچىلىق" دېگەن ئاتالغۇنىڭ تەبىرىنى بېرىتانىيە ئىنىسكىلوپىدىيىسىدىن قۇبۇل قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ:

"تېررورچىلىق دېگەن مەلۇم ھۆكۈمەتكە، ئاۋام خەلققە ياكى مەلۇم شەخسكە قارىتا غەرەزلىك، پىلانلىق ھالدا دەھشەتلىك، قورقۇنچلۇق شەكىل بىلەن ياكى مەخپى شەكىل بىلەن زورۋانلىق ھەرىكەت قوللىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسى مەقسىتىگە يېتىۋېلىش دېمەكتۇر. جەمىيەتتىكى ھەرخىل ئوڭچى ياكى سولچى سىياسى تەشكىلاتلار، مىللەتچى تەشكىلاتلار، گۇرۇھلار، ئىنقىلاب قىلغۇچىلار، ھەربى قىسىملار ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەخپى ساقچىلىرى مەلۇم سىياسى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بۇنداق تېررورچىلىق شەكلىنى قوللىنىشى مۇمكىن".

پىروفوسسور لى لىڭ ئەپەندىئىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەبىر "تېررورچىلىق" دېگەننىڭ كەڭ دائىرىلىك مەنىسى. ئۇنىڭ كونكېرت ئىپادىلىرى كۆپ. تېررورچىلىق جىنايىتىنىڭ خاراكتېرى ئادەتتە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ياكى سىياسى ھەرىكەت پىلانلىغۇچىلار، بىگۇنا خەلققە ئۇۋال قىلغان جىنايەتلەردىن ئېغىر.

دۇنيادا بولۇپ ئۆتكەن قىزىل ھەرىكەتلەر، قىزىل ئارمىيىلەر قوزغىغان ئۇرۇشلارمۇ تېررورچىلىق

لى لىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تارىختا ئۆتكەن رىم ئىمپىراتورىنىڭ خەلققە قاراتقان زوراۋانلىقلىرى - تېررورلۇق. ئوتتۇرا ئەسردىكى دىنى ھۆكۈمرانلارنىڭ پۇقرالارغا جازا ھۆكۈم قىلىش شەكلى - تېررورلۇق. ناسسىسىتلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقمۇ تېررورلۇق. دۇنيادا بولۇپ ئۆتكەن قىزىل ھەرىكەتلەر، قىزىل ئارمىيەلەر قوزغىغان ئۇرۇشلار، رادىكال دىنى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئارقىلىق ۋەقە چىقىرىش، ئادەملەرنى گۈرۆگە ئېلىۋېلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنى بۇلاش، پارتلىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ بىگۇنا خەلققە زىيانكەشلىك قىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېررورلۇق. بۇنداق تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىي مىسالىنى، پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ناھايىتى ئېنىق چۈشەندى.

تېررورچىلىقنىڭ نەتىجىسى، سانسىز بىگۇناھ خەلققە زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىش

لى لىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنداق تېررورلۇق شەكىللىرى خىتاي تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن. ئۇ خىتاي تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن تېررورچىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەرخىل شەكلىنى، داڭ چىقارغان تېررورچى، قاراقچىلارنىڭ تەپسىلاتىنى تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسەن رەتلەپ چىققان. تارىختا بولۇپ ئۆتكەن ھەر خىل تېررورچىلىقلارمۇ خۇددى زامانىمىزدا يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان تېرروچىلقىلارغا ئوخشاش غەرەزلىك ھالدا ئەڭ دەھشەتلىك زوراۋانلىق ۋاستە ئارقىلىق ياكى يۇشۇرۇن ھالدا ھۇجۇم قوزغاپ سانسىز بىگۇناھ خەلققە زىيانكەشلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولغان. (ۋەلى)