خىتاي تارىخىدىكى تېررورچىلىق (2)

"خىتاي تارىخىدىكى تېررورچىلىق" دېگەن ماقالىنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پروفېسسور لى لىڭ ئەپەندى تارىخى ئەسەرلەردىن رەتلەپ تەييارلىغان.

پروفېسسور لى لىڭ ئەپەندى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا قەدىمكى زامانلاردا تارشا ۋە كىمخاپلارغا يېزىلغان پۈتۈكلەر ھەققىدىكى ئىلمى تەتقىقاتلار بويىچە دەرس ئۆتىدۇ. ئۇ، دۇنيانىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيەتلىرى ھەققىدىمۇ چۇڭقۇر مەلۇماتلىق كىشى. لى لىڭ ئەپەندى "سۈنزىنىڭ ھەربى تاكتىكىلىرى" ، "خىتايچە رەمنامىلار ھەققىدە تەتقىقات" قاتارلىق ئەسەرلىرى ئارقىلىق تونۇلغان. "خىتاي تارىخىدىكى تېررورچىلىق" دېگەن ماقالە ئۇنىڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىنىڭ بىرى.

لى لىڭ ئەپەندى ماقالىسىدا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش قاتارلىق زامانىمىزدكى تېررورچىلىق شەكىللىرى خىتاي تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شەكىل دەپ قارايدۇ.

ماۋ زېدوڭ مەدھىيىلىگەن پىلانلىق ئۆلتۈرۈش ، گۆرۈگە ئېلىۋېلىش جەھەتتىكى تارىخىي ھېكايىلار

لى لىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تارىخىدا خۇددى ھازىرقى زامان تېروررچىلىقىدا بولغاندەك پىلانلاپ ئۆلتۈرۈش ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىشتىن ئىبارەت 2 خىل تېررورلۇق شەكلى مەۋجۇت بولغان. تۆۋەندە تۇنۇشتۇرىلىئىدىغان ھىكايىلارنىڭ ھەممىسى ماۋ زېدوڭ مەدھىيىلەپ يۇقىرى باھا بەرگەن ھىكايىلار.

پادىشاھنى مەجبۇرلاپ بېسىۋالغان زېمىندىن چېكىندۈرۈش

"زوچيۇمىڭنىڭ تەرجىمە ھالى" دېگەن قەدىمكى كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، جەنگو دەۋرىدە چۇ بەگلىكى بىلەن لۇ بەگلىكى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولغان. لۇ بەگلىكى ئاجىز ئىدى. ئاجىز ھالەتتىكى لۇ بەگلىكىنىڭ پادىشاسىغا سامو دېگەن بىر پۇقرا ئەقىل كۆرسەتكەن. ئۇ كىشى پادىشانىڭ ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن، چى بەگلىكىنىڭ زوراۋان پادىشاھى ئالدىغا ئەلچى بولۇپ بارغان. ئۇ يېنىدا يوشۇرۇپ قويغان خەنجىرىنى چىقىرىپ چى بەگلىكىنىڭ پادىشاھىنى "بېسىۋالغان زېمىندىن چېكىنىپ چىقىش" قا ئىمزا قويغۇزغان. ئىمزا قويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىنلا، ئۇنى خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ چىقىپ كەتكەن.

سىياسى ئۆزگىرىش قىلىش ئۈچۈن پىلانلانغان قاتىللىق

قوشنا ئەلدىن ۋۇ بەگلىكىدە سىياسى ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن جيەنجۇ ئىسىملىك بىر كىشى بىر ئەمەلدارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ كىشى قاتىللىق قىلىشقا بېرىشتىن بۇرۇن گوڭزۇگۋاڭ دېگەن چوڭ بايدىن ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئائىلە - تەۋەلىرىنى، ئۇرۇق تۇققانلىئىرىنى ئۆمۈر بويى بېقىشقا ۋەدە ئالغان. ئۇ كىشى شۇ شەرت ئاستىدا ئاندىن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ تاپشۇرۇقنى ئورۇنلىغان ھەم ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىكەن.

"پۇقرا غەزەپلەنسە پادىشاھ ئۆلىدۇ، دۇنيا تىنجىدۇ"

چىن بەگلىكى ۋۇ بەگلىكىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆزلىشىپتۇ. چىن بەگلىكىنىڭ ئەلچىسى ۋۇ بەگلىكىگە تەھدىت سېلىپ "پادىشاھ غەزەپلەنسە ھەممە ئادەمنى قىرىپ تاشلايدۇ" دېگەن ئەقلىيە سۆزنى ئەستىن چىقارمىغايلا، دەپتۇ. ۋۇ بەگلىكىنىڭ ئەلچىسى ئۇنىڭغا " پۇقرا غەزەپلەنسە پادىشاھنى ئۆلتۈرىدۇ، دۇنيا تىنجىدۇ، دېگەن ئەقلىيە سۆزنى سىلىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغايلا"، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. سۆھبەتتىن كېيىن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولماپتۇ.

پادىشاھ ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە قاتىللىق قىلىش

جىن بەگلىكىدە ئۆتكەن يۈراڭ دېگەن مەشھۇر لۈكچەك پادىشاھقا ئىنتايىن سادىق ئىكەن . جاۋ بەگلىكىنىڭ پادىشاھى جىن بەگلىكىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ باش سۆڭىكىنى چاي ئىچىدىغان چۆچەك قىلىپ ئىشلىتىپتۇ. يۈراڭ ئۆز پادىشاھى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ جاۋ بەگلىكىگە بېرىپ، يالغاندىن كېكەچ بولىۋېلىپ، توكۇر بولىۋېلىپ، ھەتتا يۈز - كۆزىنى ئاق كېسەل بولۇپ قالغان ئادەمگە ئوخشىتىپ ئالا -بۇلا بوياپ، ئۇزۇن يىللارغىچە جاۋ بەگلىكىنىڭ پادىشاھىغا يېقىنلىشىش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرۈپتۇ. ئاخىر جاۋ بەگلىكىنىڭ پادىشاسىنى ئۆلتۈرۈپ جىن بەگلىكى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپتۇ.

بالا - جاقا، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش

خىتايدا قەدىمكى زاماندا سەردارلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتىشتىن بۇرۇن پادىشاھ ئۇنىڭ بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى گۈرۆگە ئېلىۋالاتتى.

خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي شىمال تەرەپكە ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن سەردار لى لىڭ، ھۇنلارغا ئەسىرگە چۈشكەندە ، پادىشاھ ئۇنىڭ بالا - چاقا، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان.

خەنخەيگۋەن قۇۋۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ۋۇ سەنگۇي دېگەن كىشىنىمۇ ئۇرۇق - تۇققانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ ئاندىن يولغا سالغان. تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار يات مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش مەقسىتىدە "مەلىكە ياتلىق قىلىش" دېگەن ھېلىنى ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ سودىگەر ئەلچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدىغان ئۇسۇلنىمۇ قوللانغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى كاڭشى يات مىللەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن "ياتلاردىن مەلىكە ئېلىش"، "سوۋغات بېرىش" دېگەندەك ھېلە- نەيرەڭلەرنى ئىشلەتكەن.

"خەننامە" خاتىرىلىنىشىچە، ليۇ باڭ بىلەن شاڭيۈ ئۇرۇش قىلغاندا، ليۇباڭ تاغقا چىقىۋالغان. شاڭ يۈ تاغنىڭ تېگىدە داش قازانغا ئوت يېقىپ "ئەگەر تاغدىن چۈشۈپ ماڭا تەسلىم بولمىساڭ داداڭنى ۋە كىچىك ئۇكاڭنى قازاندا قاينىتىپ شورپا قىلىمەن" دەپ ۋاقىرىغان.

چىڭ سۇلالىسى ۋە مىنگو دەۋرلىرىدە خىتايدا تېررورلۇق ئەۋج ئالدى

لى لىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا تارىختا ئۆتكەن بۇنداق تېررورچىلىق ھېكايىلىرىدەك، ۋەقەلەر بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ ۋە مەدىھىيىلىنىپ كەلمەكتە. بۇنداق ۋەقەلەر چىڭ سۇلالىسى ۋە جوڭخۋا مىنگو دەۋرىدە ئىنتايىن ئەۋج ئالدى. بۇ دەۋردە ھەتتا ھەممىلا جايدا "باش كېسىش ئورنى" ياساپ قۇيۇلغان. گۆرۈگە ئېلىنغان بىگۇناھ كىشىلەرنى ئېچىنىشلىق شەكىل بىلەن ئۆلتۈرۈپ بېشىنى سىپىلگە ياكى يامۇلنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىپ قۇيىدىغان ۋاقەلەر ناھايىتى ئومۇملاشقان. مەشھۇر كىشىلەرنى پىلانلاپ ئۆلتۈرۈش تېخىمۇ ئەۋج ئالغان.

تارىختا قارشى تەرەپنىڭ سەردار ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نارىسىدە بالىلىرىنى، ئوقۇغۇچىلىرىنى، ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل ئاغىنىلىرنى گۆرۈگە ئېلىۋېئىلپ ھۇجۇمنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلانغان مىساللار ناھايىتى كۆپ. تېررورچىلار بۇنداق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ مەنپەئەت ئېلىپ كەلمەكتە. لى لىڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ زامانىمىزدا باشقا دۆلەرلەردە يۈز بەرگەن تېررورچىلىقتىن پەرقى يوق. (ۋەلى)