خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇۋاتامدۇ ياكى ئامېرىكىغىمۇ؟

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2005 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىئوردانىيىنىڭ ئاممان شەھىرىدە غەرب ساياھەتچىلىرى كۆپ چۈشىدىغان مېھمانخانىدا 3 ئورۇندا ئۆزىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 57 ئادەم ئۆلگەن. بۇ ۋەقەدە خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىدىن 3 كىشى ئۆلگەن.

شىنخۇئا ئاگېنىتلىقى شۇ كۈنىدىكى خەۋىرىدە "ئىئوردانىيىنىڭ ئاممان شەھىرىدە يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدە دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۆمىكىدىن 3 ئادەم ئۆلدى، 1 ئادەم يارىلاندى. ھازىر ھۆكۈمەت ۋە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي خەلقى دۇنياغا قاراپ چوڭ قەدەم بېسىۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغداش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقتا" دەپ بايان قىلغان.

ئىئوردانىيىدىكى ۋەقە

11- ئاينىڭ 9 - كۈنى ئامماندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 3 كىشى ئۆلدى. ـــ دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ ئامېرىكا كالىفورنىيا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى رىچارد باۋم ئەپەندى "ئاسىيا ھەپتىلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا، ـــ بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى رەسمىي مەنسەپ-ئەمەلى بار ھەربىي ئەمەلدارلار. شۇنىڭ بىلەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سانى 29 غا يەتتى (11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلگەن 18 نەپەر خىتاي پۇقراسىدىن باشقا) . شۇنىڭدىن كېيىن، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گېنېرال دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى جاۋگاڭ ، ئامماندا ئۆلگەن خىتاي پۇقرالىرىغا دائىر ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېجىڭغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاپ باشلىقى خوڭ گۇئاڭكەي يالغۇز چىقتى.ـــ دەيدۇ باۋم ئەپەندى مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ـــ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ۋەقەگە جاۋابكار بولىدىغان تېررورچى گۇرۇھلار ھەر نېمە دەپ ئەپۇ سورىسىمۇ، خىتاي ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن. ھازىر خىتاينىڭ ، ناھايىتى ئۈمىدلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنداق بىھۇدە ئۆلۈپ كىتىشىگە سۈكۈت قىلمايدىغانلىقى سېزىلمەكتە. ـــ رىچارد باۋم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ـــ گەرچە خۇ جىنتاۋ "خىتاي خۇددى ئامېرىكىدەك ئۇنداق كۆپ مەسىلىگە دۇچ كەلمىدى، خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىك تارىخى يوق، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش يۈكى يوق، شۇڭلاشقا خىتاي تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئەڭ ئالدىنىقى ئورۇنغا قويمايدۇ " دەپ چۈشەندۈرىۋاتقان بولسىمۇ، شۇنداقلا يەنە 2001 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ 6 دۆلەت بىلەن "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى" قۇرۇپ، رۇسىيە بىلەنمۇ "تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى" تۈزۈپ پەقەت مۇداپىئە كۆرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمدى بۇ قېتىمقى ئاممان ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دىپلوماتىيە، ھەربىي جەھەتلەردە جىددىي ئۆزگىرىش ياساپ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۆلەت چېگرىسىدىن چىقامدۇ، قانداق؟ خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى پات - ئارىدا ئاشكارا بولىدۇ.

سېلىشتۇرما

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئوبزورچىسى لىن باۋخۇئا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: "11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىئوردانىيىنىڭ ئاممان شەھىرىدىكى 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا 3 ئورۇندا، ئەل-قائىدە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زەنجىرسمان پارتلاش يۈز بېرىپ 57 ئادەم ئۆلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى 44 ياشلىق شېن ۋېي، باش سىياسىي بۆلۈمىنىڭ 42 ياشلىق ئوفىتسېرى جاڭ كاڭپىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ 41 ياشلىق ئوفىتسېرى ياۋ لىچاڭلار بار. يەنە بىر 42 ياشلىق ئوفىتسېرنىڭ پۇتى سۇنۇپ يارىلانغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال، كاپىتان دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى".

ـــ بۇ ۋەقە بىزگە 1999 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدىسى تەشكىلاتى، يەنى ناتونىڭ بومبىسى خىتاينىڭ بېلېگراتتىكى ئەلچىخانىسىغا چۈشكەندە 3 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن ۋەقەنى ئەسلىتىدۇ، ـــ دەيدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى ئوبزورىدا، ـــ شۇ ۋاقىتتا خىتاي پۇقرالىرىدىن شاۋ يۈخۇئەن ۋە شۈشىنخۇ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بولۇپ جەمئىي 3 كىشى ئۆلگەن ئىدى. مۇخبىر جاسۇس بولمىغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى مۇخبىرلار دەپ ئېلان قىلغان ئىدى، ـــ دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى، ـــ بۇ "3 مۇخبىر" ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇلارنى "ئىنقىلابىي قۇربان" دەپ ئاتاپ داغدۇغىلىق بىلەن خەۋەر قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا، تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلۈپ بۇ "3 مۇخبىر" غا ماتەم تۇتتى. بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلار نامايىشقا چىقىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى چالما -كېسەك قىلدى. بۇ "3 مۇخبىر" نىڭ جەسەت كۈلى خىتايغا ئېلىپ كېلىنگەندە، دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىن، ئۇنىڭ ئىزباسارى خۇ جىنتاۋ ۋە باشقا سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىدىن لى پېڭ، جۇروڭجى، ۋېي جەنشىن، لى لەنچىڭلار ئالدىغا چىقىپ ئايرۇدۇرومدا كۈتۈپ تۇردى. ئەمدى بۇ قېتىم خىتاينىڭ 3 نەپەر گېنېرال، كاپىتان دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى تېررورچىلارنىڭ بومبىسىدا ئۆلسە، بۇنىڭغا قىلىنغان سىياسىي مۇئامىلىدە پەرق ناھايىتى چوڭ ، ـــ دەيدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى، ـــ بۇ ئىككى ۋەقەدە ئىپادىلىگەن ئوخشىمىغان سىياسىي مۇئامىلە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈلسە، خىتاي ھۆكۈمىتى راستىنلا تېررورچىلىققا قارشى تۇرىۋاتامدۇ ياكى ئامېرىكىغا قارشى تۇرىۋاتامدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا تېررورچىلىققا قارشى تۇرىۋاتامدۇ ياكى دۆلەت ئىچىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارشى تۇرىۋاتامدۇ، بۇنى پەرقلەندۈرۈش قېيىن ئەمەس. (ۋەلى)